ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي» لەر راستىنلا «بىخەتەر» مۇ؟

0:00 / 0:00

23-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىرغىزىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان ئۇچتۇرپان ۋە ئاقچى ناھىيەلىرى تەۋەسىدە 7.1 بال قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى بىلەن كۆپ پەرق قىلمايدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ، قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قانچىلىك زىيان-زەخمەتنىڭ كۆرۈلگەنلىكى توغرىلىق ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى. خىتاي تاراتقۇلىرى ھەتتا ئۇيغۇر رايونىدا يىللاردىن بۇيان «يەر تەۋرەشكە چىداملىق» ۋە «بىخەتەر» ئۆيلەرنى سېلىپ، ئاھالىلەرنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالماقتا.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» 25-يانۋار كۈنى خەۋەر بېرىپ، «بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسى بىر قەدەر زور بولسىمۇ، ئەمما يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن ناھىيە ۋە يېزا-بازارلاردىكى ئۆيلەردە ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى ئانچە چوڭ بولمىدى… بۇ شىنجاڭنىڭ ‹كاپالەتلىك› تۇرالغۇ ئۆي تۈرى سۈپىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن. مەزكۇر خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىتى، مۇرەككەپ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى ۋە دائىم يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىشتەك بىر قاتار ئامىللار كۆزدە تۇتۇلۇپ، 2004-يىلدىن بۇيان يېزا-كەنتلەردىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇ ئۆيلىرىنىڭ «يەر تەۋرەشكە چىداملىق» ۋە «بىخەتەر» بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە 2021-يىلدىن باشلاپ يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەر ئۈچۈن «يەر تەۋرەشكە چىداملىق» ۋە «ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قۇرۇلۇش تۈرلىرى يولغا قويۇلۇپ، ھازىرغا قەدەر 140 مىڭغا يېقىن تۆۋەن كىرىملىك يېزا ئاھالىسىنىڭ «يەر تەۋرەشكە چىداملىق» ۋە «بىخەتەر» دەپ قارالغان «كاپالەتلىك ئۆي» لەر گە كۆچۈپ كىرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلگەن ئۆيلەر. 2024-يىلى 23-يانۋار، ئۇچتۇرپان.
ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلگەن ئۆيلەر. 2024-يىلى 23-يانۋار، ئۇچتۇرپان. (AFP)

ياپونىيەدە يەر شارى مۇھىتى كەسپى بويىچە ئوقۇغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتور پەيزۇللا زەيدىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش «يەر تەۋرەشكە چىداملىق» ئۆيلەرنىڭ سۈپىتى، تەننەرخى ۋە ئۇلارنىڭ قاتتىق زەربىگە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى توغرىلىق پىكىر بايان قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ «يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما سېلىنغان ئۆيلەر پۇختا، ئادەملەر شالاڭ بولغاچقا، ئېغىر ئۆلۈم-يىتىم ھادىسىلىرى ۋە باشقا زىيان-زەخمەتلەر بولمىدى» دېگەن تەشۋىقاتلىرىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. چۈنكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئوخشاش دەرىجىدىكى يەر تەۋرەشتە نەچچە ئونلىغان شەھەر ۋەيران بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشى كۆرۈلگەن ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق ئېغىر يەر تەۋرەشنىڭ سىلكىنىش كۈچى ھەتتا قوشنا قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە تىبەت رايونىدىمۇ روشەن بىلىنگەنلىكى، شۇ جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ قاتتىق سىلكىنىشتىن پاراكەندە بولغانلىقى مەلۇم.

ئىلگىرى ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىي بويىچە ئوقۇغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتور مۇختەر چوڭ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشتە كېلىپ چىققان ئاپەتنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئېلان قىلغان ئەھۋاللاردىن كۆپ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەۋرەش كۈچى 7.1 بال بولغان قاتتىق يەر تەۋرەشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېغىر زىيان-زەخمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ھېچقانچە زىيان-زەخمەت كۆرۈلمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشى، بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتىكەن. دوكتور پەيزۇللا زەيدىن ئەپەندى، يەر تەۋرەشنىڭ كېلىپ چىقىش ئامىللىرى، يەر شارىدىكى يەر تەۋرەش بەلباغلىرى ھەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇزغۇنچىلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا-كەنتلەرگە سېلىنغان ئاتالمىش «كاپالەتلىك ئۆي» لەرنىڭ يېقىنقى 13 يىلدا 50 قېتىمغا يېقىن 5 بال ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك يەر تەۋرەشكە، 20 قېتىمدىن ئارتۇق قاتتىق قار-شىۋىرغان ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىگە بەرداشلىق بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. دوكتور مۇختەر چوڭ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىملىق 7.1 بال دەرىجىدىكى ئېغىر يەر تەۋرەش نورمالدا ناھايىتى زور زىيان-زەخمەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەگەر ئۆي-ئىمارەتلەرگە ئىشلىتىلگەن پولات چىۋىقلار زىچ ۋە توم بولمىسا، ئۆيلەرنىڭ بۇنداق قاتتىق تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلىشى قىيىن ئىكەن.

ئۇيغۇر دىيارى ھىمالايا-ئوتتۇرا دېڭىز يەر تەۋرەش بەلبېغىدا بولۇپ، دۇنيادا يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلارنىڭ بىرىدۇر. دوكتور پەيزۇللا زەيدىن ئەپەندى يەر تەۋرەش دەرىجىسى ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ تەۋەلىرىدە يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم-يىتىم ۋە زىيان-زەخمەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاز بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى گەرچە ھازىرغا قەدەر بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم-يىتىم ۋە زىيان-زەخمەتلەر ھەققىدە خەۋەر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما رادىيومىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نەق مەيدانغا قىلغان تېلېفون زىيارەتلىرى جەريانىدا بىر قىسىم ياتاقلىق مەكتەپ بىنالىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماقتا. جۇغراپىيە ۋە گېئولوگىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرمۇ رايونلاردا يۈز بەرگەن 7.1 بال ئېغىر يەر تەۋرەشتە ھېچقانداق زىيان-زەخمەتنىڭ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىماقتا.