خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى خافتون كۇتۇپخانىسىدىكى قوليازمىلارنىڭ سانى ۋە تۈرى ئانچە كۆپ ئەمەس. ئەمما مەزمۇنى ۋە مەيدانغا كەلگەن دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېنىق يېزىلماي كېلىۋاتقان ياركەنت خانلىقى ۋە غوجىلار دەۋرىدىن ئىبارەت ئىككى دەۋر ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرى بىلەن باشقا يەرلەردىكى ھۆججەتلەرگە ئوخشاشلا قىممەتلىك. يارلىق ۋە ھۆججەتلەر شۇ دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر دىنىي ھاياتىنىڭ مەركەزلىرى بولغان يەكەن (ياركەنت) ۋە قەشقەر (كاشىغەر) دە پۈتۈلگەنلىكى، خانلار ۋە غوجىلار تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى يەنە بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ، شۇ دەۋرلەردىكى دىنىي ھاياتنى چۈشىنىشتە كەم بولسا بولمايدىغان مەنبەلەردۇر.
ئۇنداقتا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خافتون كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ يارلىق ۋە ھۆججەتلەر قانداق مەزمۇندىكى قوليازمىلار؟ ئۇلار قانداق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن؟ ياركەنت خانلىقى ۋە غوجىلار دەۋرى تارىخى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ قىممەتلىك ئىسپاتلار دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قانداق بېرىپ قالغان؟ بۇ قوليازمىلارنىڭ شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى «ياررىڭ يىغمىسى» غا تەۋە بۇرۇنقى بىر نۇسخىسى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ خافتون نۇسخىلىرى قانداق بىر مەقسەت بىلەن كۆچۈرۈلگەن؟

1514-يىلى قۇرۇلۇپ 1680-يىلىغىچە مۇستەقىل ھۆكۈم سۈرگەن ياركەنت خانلىقى تارىخى ھازىرغىچە چەت ئەللەردە «تارىخى رەشىدى» ۋە ئۇنىڭ داۋامى سۈپىتىدە يېزىلغان «تارىخى كاشىغەر» ۋە بۇ ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان «تارىخى ئەمىنىيە» قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەر «تەزكىرەتۇل ئەزىزان» غا ئوخشاش تەزكىرىلەردىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىنىپ كەلگەن. خىتاي تارىخچىلىرى ئادىتى بويىچە ياركەنت تارىخىنى قەستەن بۇرمىلاپ ۋە خىتايچىلاشتۇرۇپ، كۆپرەك مىڭ سۇلالىسى تارىخ ماتېرىياللىرىنى قوللىنىپ، ياركەن خانلىقىنى ئۆز ھامىيلىقىدىكى بىر يەر قىلىپ يېزىشقا ئادەتلەنگەن. خافتون كۇتۇپخانىسىدىكى قوليازمىلارنىڭ سانى گەرچە ئاز بولسىمۇ لېكىن، يارلىقلارنىڭ بىۋاسىتە مۇھەممەد خان (1599-1609) ، سۇلتان ماھمۇد خان (1632-1635) ، يولبارس باھادىر خان (1667-1670) ، ئابدۇللا باھادىر خان (1636-1667) ، مۇھاممەد ئىسمائىل خان (1670-1680) كىبى يەركەنت خانلىقى خانلىرى تەرىپىدىن، ۋەخپىنامەنىڭ خوجا ياقۇب ئوخشاش غوجىلار دەۋرىدىكى ھۆكۈمران غوجىلار تەپىدىن يېزىلغانلىقى بىلەن تولىمۇ قىممەتلىك 1-قول تارىخىي مەنبەلەردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھۆججەت ۋە يارلىقلارنىڭ دىققەت قوزغايدىغان يەنە بىر تەرىپى ھۆججەتلەر ئارىسىدىكى سۇيۇرغال يارلىقى ۋە ۋەخپىنامىلارنىڭ شۇ دەۋردىكى ئەڭ مۇھىم دىنىي مەركەزلەرگە چۈشۈرۈلگەنلىكى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنغان ئوپال مازىرى ۋە ئارتۇشتىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مازىرىمۇ بار. خافتون كۇتۇپخانىسى ھۆججەتلىرى ئارىسىدا 1804-يىللىرى كۇچار بەگلىرى ۋە ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن غوجا ئىسساق ۋەلى ۋە ئۇنىڭ خانىقالىرىغا يوللانغان 3 پارچە ئۇزۇن ھۆججەتنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى بار. بۇلارنىڭ بۇرۇنقى نۇسخىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ياكى بار يوقلۇقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. ھۆججەتلەر بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن غوجىلار بىلەن خەلق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى چۈشىنىشتە تېخىمۇ قىممەتلىك.
لېكىن شۇنى ئەسكەرتىش مۇمكىنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن ئەزەلدىنلا ئۇيغۇرچە تارىخىي مەنبەلەرگە چىش تىرنىقى بىلەن ئۆچ بولۇپ كەلگەن. 1956-يىلىدىن 1959-يىلىغىچە تىل تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش باھانىسى بىلەن خەلقتىن يىغىۋالغان، 1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپ خەلقتىن يىغىۋالغان ئۇيغۇر قوليازما تارىخىي ھۆججەتلىرى، جۈملىدىن بۇ خىلدىكى يارلىق ۋە ھۆججەتلەرنىڭ سانىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. بىر قىسمى ئەينى ۋاقىتتا خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا كۆيدۈرۈلگەن، كۆپ قىسمىنىڭ بار يوقلۇقى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت ئوبلاست قەدىمىي ئەسەرلەر ئىشخانىلىرى، مۇزېيلار، كۇتۇپخانىلار يىغىۋالغان ئەمما تەتقىق قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان نەچچە مىڭلىغان قوليازمىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس. نۆۋەتتە ئەنە شۇ چەت ئەللەردە ساقلانغان ئۇيغۇر تارىخىي ھۆججەتلىرىلا تەتقىقاتلاردا پايدىلىنىلماقتا. مانا بۇنداق ھۆججەتلەردىن پايدىلىنىپ تەتقىقات قىلغۇچىلاردىن بىرى كىم خودوڭدۇر.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى خافتون كۇتۇپخانىسىدىكى يارلىقلارنىڭ مانا مۇشۇ «ياررىڭ يىغمىسى» ئىچىدىكى ھۆججەتلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ مەلۇمات بەرگەن كىشى كورېيەلىك تارىخشۇناس كىم خودوڭ ئەپەندىدۇر. ئۇ 2010-يىلى ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 7 يارلىق ۋە نومۇرى، يارلىق بەرگۈچىنىڭ ئىسمى، پۈتۈلگەن ۋاقتى ۋە چوڭ كىچىكلىكى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان.
گۇننار ياررىڭ ئەپەندى ھۆججەتلەر ئارىسىدىكى پروۋ. 222 نومۇرلۇق ھۆججەت ھەققىدىكى مەلۇماتىدا «20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گۇستاف راكېت (Gustav Raquette) قەشقەر ياكى ياركەنتتىن سېتىۋالغان» دەپ يازغان. ياررىڭ ئەپەندىمنىڭ بۇ ھۆججەتنىڭ قاچان ۋە قەيەردە راكېتنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكى ھەققىدە نېمە ئۈچۈن ئېنىق يازالماي قالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. چۈنكى ئۇستازى گۇستاف راكېت 1930-يىلى دەل مۇشۇ پروۋ. 222 نومۇرلۇق ھۆججەت ھەققىدە يازغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ غوجىلار دەۋرىدىن قالغان بىر قەشقەر ۋەخپە ھۆججىتى» تېمىسىدىكى ماقالىسىدە بۇ ھۆججەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ھۆججەتلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى نىكولاي پېتروۋسكىينىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان بىر رۇس ئاقساقىلى قالدۇرۇپ كەتكەن قەغەزلەر ئارىسىدىن بايقالغانلىقىنى، ئۇلارنى 1914-يىلى ئۆزىنىڭ سېتىۋالغانلىقىنى يازغان. بۇ قوليازمىلاردىن پېتروۋسكىينىڭ خەۋىرى بولمىغانلىقى مۇقەررەر.
پېتروۋسكىيمۇ قەشقەردىكى 20 يىللىق خىزمىتى جەريانىدا ھەر خىل تىللاردىكى تارىخىي قوليازمىلارنى يىغىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەنلىكى ۋە يىغقانلىقى بىلەن مەشھۇر. ئۇ ئۆزى يىغقان قوليازمىلار ئارىسىدىكى ئۆزى «مۇسۇلمانچە قوليازمىلار» دەپ ئاتىغان ئەرەب ۋە پارس يېزىقىدىكى قوليازمىلارنى 1902-يىلى قەشقەردىكى خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سانكت-پېتېربۇرگقا ئېلىپ كەتكەن. پېتروۋسكىي 1909-يىلى بۇ قوليازمىلاردىن 88 پارچىنى ئاسىيا مۇزېيىنىڭ مەسئۇللىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. 1910-يىلى بۇ مۇزېي يەنە پېتروۋسكىينىڭ ئارىچىلىق قىلىشى بىلەن 19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا تەۋە يەنە بىر تۈركۈم چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۆججەتلەرگە ئىگە بولغان. 1962-يىلى بۇ قوليازمىلارنىڭ كاتالوگىنى نەشر قىلغان مۇگىنوفنىڭ بايانلىرىدا يۇقىرىقى يارلىق ۋە ھۆججەتلەر ھەققىدە مەلۇمات يوق.

ھۆججەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلغان قەغەز سۈپىتىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدىكى نۇسخىلارنىڭ خوتەن قەغىزىگە يېزىلغانلىقىنى، خافتون كۇتۇپخانىسىدىكى نۇسخىلاردىن «ھەزرەتى مەۋلانە سەئىد جەلالىددىن كاسانى» غا يېزىلغان بىرلا يازمىنىڭ خوتەن قەغىزىگە، قالغان 13 پارچە يازمىنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا «ياۋروپا قەغىزى» دەپ ئاتالغان يېڭىچە سىلىق قەغەزگە يېزىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇيغۇر دىيارىدا رۇسلار كونسۇلخانا قۇرغاندىن كېيىن قوللىنىلىشقا باشلىغان «ياۋروپا قەغىزى» مۇ مەزكۇر كۆچۈرمە نۇسخىسىنىڭ 1882-يىلىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. ئەمما بۇ سەۋەبلەر يەنىلا خافتون كۇتۇپخانىسىدىكى نۇسخا ئەسلىدە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇسخىدىن كۆچۈرۈلگەن دېيىشىمىزگە يېتەرلىك بولالمايدۇ. يېتەرلىك ئىسپات تېپىش ئۈچۈن ھەر ئىككى نۇسخىنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. دىققەت بىلەن قارايدىغان بولساق، خافتون نۇسخىسى سەھىپىلىرىنىڭ يۇقىرى قىسىم سول تەرىپىگە ئۇرۇلغان قىزىل رەڭلىك كىچىك بىر تامغا ئىزىنى كۆرىمىز. تامغا ۋە بۇ تامغا ئىزىدىكى خىتايچە لا داۋ لوۋ فۇ (拉島 洛夫) دېگەن ئىسىم بىزگە تونۇش. يەنى بۇ تامغا رۇسىيەلىك مەشھۇر تۈركولوگ رادلوفقا تەۋە بولۇپ، ئۇ 1891-يىلىدىن كېيىن، ئۆزىگە تەۋە كىتاب ۋە باشقا ماتېرىياللىرىغا ئۆز ئىمزاسى سۈپىتىدە مۇشۇ تامغىنى ئۇرغان. بەلكىم رادلوف بۇ شەخسى تامغىسىنى 1891-يىلى كۈلتېگىن مەڭگۈ تېشىنىڭ خىتايچە يۈزىنى تەرجىمە قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس بېيجىڭغا قىلغان سەپىرى جەريانىدا ياساتقان بولۇشى مۇمكىن. دېمەك خافتون كۇتۇپخانىسىدىكى بۇ كىچىك تامغا ئۇرۇلغان ئەسلى قوليازمىلار رادلوف قالدۇرۇپ كەتكەن ماتېرىياللاردۇر. ھۆججەتلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىلىرىنىڭ 1902-يىلىغا قەشقەردە ئىشلىگەن رۇس ئاقساقىلى قالدۇرۇپ كەتكەن قەغەزلەر ئارىسىدىن تېپىلغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا رۇس كونسۇلخانىسىدىكىلەرنىڭ 1892-يىلىدىن باشلاپ ھەر خىل قوليازمىلارنى توپلاشقا باشلىغانلىقىنى نەزەردە تۇتساق، ئۇ ھالدا قوليازما 1892-يىلىدىن 1902-يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە كۆچۈرۈلگەن ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ تۈركولوگى رادلوفقا ئەۋەتىپ بېرىلگەنلىكى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. خافتون كۇتۇپخانىسىدىكى «م. س تۈرك 70» بەلگىلىك يىغمىدىن باشقا يەنە «م. س تۈرك 71» بەلگىلىك تارىخنامىغا، «جانابى بەدەۋلەتنىڭ ۋاقائاتلىرى» نىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا، ناۋايىنىڭ «مەھبۇبۇل قۇلۇپ» ناملىق ئەسىرىنىڭ بىر ئەسلى نۇسخىسىغا مانا مۇشۇ «رادلوف» خەتلىك تامغا ئۇرۇلغان.
ئۇنداقتا خافتون كۇتۇپخانىسىدىكى يارلىق ۋە ھۆججەتلەر نېمە سەۋەبتىن كۆچۈرۈلگەن؟ ئادەتتە ئۇزۇن مۇددەت ساقلانغان ھۆججەتلەرنى يېڭىدىن كۆچۈرۈشنىڭ ئىككى سەۋەبى بولاتتى. بىرى ھۆججەتنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە ۋە تېكىستىنىڭ ئېنىق بولۇشى سەۋەبىدىن. بۇنداق ئەھۋالدا قەغىزى كونىرىغان ھۆججەت قايتا كۆچۈرۈلۈپ، يەنە قايتىدىن رەسمىي قازى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ تامغىسى بېسىلاتتى. ئىككىنچى سەۋەبى بولسا پەقەتلا تەتقىق قىلىنىش مەقسىتى بىلەن كۆچۈرۈش بولۇپ، كۆچۈرمە نۇسخا ئەسلى ھۆججەتكە تەقلىد قىلىنىپ كۆچۈرۈلەتتى ھەتتا تامغىمۇ ئەسلىدىكىگە ئوخشىتىپ سىزىلاتتى. يارلىق ۋە ھۆججەتلەردىكى خەت شەكلى، سەھىپە كۆرۈنۈشى ۋە تامغىلارغا دىققەت قىلىدىغان بولساق پۈتۈنلەي تەقلىد قىلىنىپ سىزىلغان. ئەسلى تامغىلىرىنىڭ قايسىنىڭ ئەسلى قايسىنىڭ سىزما ئىكەنلىكىنى بىر قاراش بىلەن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. پروۋ. 225-نومۇرلۇق يارلىقتىكى تامغىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى ئوقۇش قىيىن بولغاچقا، كۆچۈرمە تامغىسىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ يېرىم قالدۇرۇلغانلىقى بۇنىڭ روشەن ئىسپاتى.

كۈنىمىزدە خافتون كۇتۇپخانىسىدىكى جارلىق ۋە ھۆججەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ياركەنت خانلىقى ۋە غوجىلار دەۋرىدىكى دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى تەتقىق قىلىشتا پايدىلىنىدىغان مۇھىم مەنبە سۈپىتىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغاش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادا قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى كۈچەيتىش» ، «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن سىياسىي يۆنىلىش بويىچە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى تارىخىنى بۇرمىلاش، ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلىرى ۋە تارىخىي يەرلىرىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.