26-ئىيۇن ئاتالمىش 3-نۆۋەتلىك «خىتاي-قازاقىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىقى مۇنبىرى» يىغىنى تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. يىغىننىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، خىتاي بىلەن قازاقىستاندىكى «يەرلىكلەر» نىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي-قازاقىستان تەقدىرداشلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بۇ يىغىننىڭ باش تېمىسى بولغان. يىغىندا دىققەتنى تارتىدىغان بىر قىسىم مۇھىم نۇقتىلار بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى ئاتالمىش «يەرلىكلەر ھەمكارلىقى» دۇر.

مەزكۇر يىغىننىڭ مەقسىتى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك «ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق» ئىلگىرى سۈرۈش دېيىلگەن. لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپتونومىيە ھەقلىرى تارتىۋېلىنغان يەرلىكلەر بىلەن قازاقىستاندىكى ھۆر يەرلىكلەر ئارىسىدا باراۋەر بولغان ھەمكارلىق، دوستلۇق ۋە ئورتاق نەپ ئېلىشلاردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ بۇ خىل ھەمكارلىق ئەسلىدە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى بەلگىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. مەسىلەن، گوللاندىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھىرى قازاقىستان ياكى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم شەھىرى بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردە دىپلوماتىك ھەمكارلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۆز شەھىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلالىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتالغان، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم ھەققى تۈگۈل ئىنسانىي ھەقلىرىمۇ تارتىۋېلىنغان، دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بىر زېمىندا، باشقا بىر دۆلەتنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقۇدەك ھوقۇق ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا بارمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق، يەنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان يەرلىكلەر ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇرلار كۆزدە تۇتۇلمىغان. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئېلىگە ۋاكالىتەن يەرلىك سۈپىتىدە قازاقىستان يەرلىكلىرى بىلەن ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق ئورنىتىدىغانلار ئېنىقكى يەرلىكلەر ئەمەس! ئۇنداقتا مەزكۇر يىغىنغا «يەرلىك» نى باش تېما قىلىش تولىمۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟
دەرۋەقە، ئىككى دۆلەتنىڭ «يەرلىكلەر ھەمكارلىقى» ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا گەرچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلغان، زۇمرەت ئوبۇل ۋە نۇرلان ئابدۇمەجىن قاتارلىق يەرلىك ئەمەلدارلار قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ئاتالمىش «يەرلىكلەر ھەمكارلىقى» غا دائىر سۆھبەت بىڭتۈەننى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان. يىغىندا قازاقىستان تەرەپ بىلەن ھەمكارلىق ھەققىدىكى سۆھبەتتە بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى، بىڭتۈەن شىنجيەن گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى يىفېي پىكىر بايان قىلغان. يەنى لى يىفېينىڭ بايانلىرىدا پەقەت بىڭتۈەن بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى سودا ئالاقە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقلار ئۈستىدە توختالغان. لى يىفېي سۆزىدە بىڭتۈەن بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل قازاقىستان بىلەن بىڭتۈەن ئارىسىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتىنىڭ 62.3 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنداقلا، بىڭتۈەننىڭ نۆۋەتتە قازاقىستاننىڭ كانچىلىق، يېزا ئىگىلىك، ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا چېگرا ھالقىغان تور سودىسى، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىمۇ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتقان. ئەكسىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىكلەر، ئۇيغۇرلار ياكى يەرلىك كارخانىچىلار بىلەن قازاقىستانلىق يەرلىكلەر ئارىسىدىكى بىرەر ھەمكارلىق، دوستلۇق ھەققىدە ھېچنېمە تىلغا ئېلىنمىغان. تېخىمۇ قىزىقارلىقى، مەزكۇر يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 27-ئىيۇن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس «بىڭتۈەننى ئېچىۋېتىش» تېمىسىدا قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىق كارخانىچىلار بىلەن ھەمكارلىق يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
دېمەك، «يەرلىكلەر ھەمكارلىقى» دېگەن چىرايلىق نام ئاستىدىكى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا قازاقىستانلىق يەرلىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلار ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى بىڭتۈەن ۋە خىتاي شىركەتلىرىدۇر. ئۇ ھالدا شۇنداق بىر سوئالنى سورىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئۇيغۇرلار يەرلىكمۇ ياكى بىڭتۈەنمۇ؟ قازاقىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ھەمكارلىقىدا بىڭتۈەننىڭ نېمە ئىشى بار؟
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]