ئۇيغۇر دىيارىدا ئائىلىسىدىكى چوڭلار لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى سەۋەبلىك تىرىك يېتىمغا ئايلىنىۋاتقان بالىلار خىتاينىڭ رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يەنە بىر جىددىي مەسىلىدۇر. نۆۋەتتە قارانچۇقسىز قالغان بۇ بالىلارنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن يېتىم-يېسىرلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. دائىرىلەر يەنە يېقىندىن بۇيان جەنۇبتىكى ناھىيە ۋە يېزىلاردىمۇ دارىلئېتاملارنى جىددىي قۇرۇشقا باشلىغان. خىتاينىڭ لاگېرلارنى كېڭەيتىپ قۇرۇش بىلەن بىر پەيتتە يەنە دارىلئېتاملارنى قۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىگە دىققەت قىلغان بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاينىڭ لاگېرلارنى ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر بېشارىتى دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دارىلئېتام قۇرۇش پىلانى ھەققىدە «خەلق تورى» نىڭ 2016-يىلى 8-سېنتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جەمئىي 69 يېتىم-يېسىرلار پاراۋانلىق ئورنى، 39 دارىلئېتام، 4 ئائىلىۋى يېتىملەرنى بېقىش مەركىزى ۋە يەنە 26 يەردە مېيىپ بالىلارنى بېقىش ئورۇنلىرىنى قۇرۇشنى پىلان قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. خىتاينىڭ تەربىيەلەش نامىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ سىياسەتنىڭ ۋاسىتىلىك قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان قارانچۇقسىز يېتىمغا ئايلانغان بالىلارنىڭ سانى تېخى نامەلۇم. ھالبۇكى، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ناھىيە-يېزىلارغىمۇ يېقىندىن بۇيان دارىلئېتاملارنى قۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىدىن جەمئىيەتنىڭ يېتىم بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان مەخسۇس ئورۇنلارغا ئېھتىياجىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرىلا قارانچۇقسىز ۋە ھىمايىسىز قالغان بالىلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئۇلارغا مەھەللە كومىتېتلىرى مەسئۇل بولۇپ بەزى مەكتەپلەرنى ۋاقىتلىق پاراۋانلىق ئورنىغا ئايلاندۇرغان بولسا، يەنە بەزى بالىلارنىڭ دارىلئېتاملارغا ئاپىرىپ بېرىلىۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. بۇ ھەقتە ئىلگىرى قەشقەر چاسا كوچا مەھەللە كومىتېتى خادىمى ئائىلىسى بويىچە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارغا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەسئۇل بولۇپ دارىلئېتاملارغا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ يۇرتتىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىدىن تارتىپ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئائىلىسىدە ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلىرىدىن خەۋەر ئالالماي ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن بەكرەك ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپەيمەكتە.
بۇ ھەقتە بۇلتۇر تۈركىيەگە كېلىپ ياشاۋاتقان ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق خەۋىرىنى ئالالمىغان بالىلىرىنىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلەلمەي ئەندىشىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە لاگېر قۇرۇشتىن بۇرۇنلا يېزا كەنتلەرگە دارىلئېتاملارنى قۇرۇشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە ئۆزى كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئېيتىپ، خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىشى بارلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
«شىنجاڭ تەرەققىيات ۋە قۇرۇلۇش ئۇچۇر تورى» دىكى ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ھۆددىگەر چاقىرىش ئېلانلىرىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەتتىكى يىگىرمىدىن ئارتۇق ئورۇنغا يېتىم بالىلار پاراۋانلىق ئورنى، دارىلئېتامغا ئوخشاش ئورۇنلارنى قۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەزكۇر توردىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتى «12-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە مەخسۇس دارىلئېتام قۇرۇشقا جەمئىي 370 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتقانلىقىدەك ئۇچۇرلار ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى يورۇتماقتا.
بىر قانچە ئاي ئىلگىرىكى ئىگىلەشلىرىمىز داۋامىدا خوتەن شەھىرىدىكى دارىلئېتامدا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئايال ئاتا-ئانىسى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكتىن دارىلئېتاملارغا كەلگەن بالىلارنىڭ جىقلىقىدىن كارىۋات يېتىشمەي قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جايلارنىڭ ياشاش، تاماق شارائىتلىرىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى، ھەتتا بالىلارنى تاماقتىنمۇ قىسىپ بىر ھەپتىدە پەقەت بىر كۈن گۆشلۈك تاماق بەرسە، قالغان 6 كۈندە بالىلارنى پەقەت قۇرۇق شوۋىگۈرۈچ بىلەن بېقىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم بولسا يالغۇز قېلىۋاتقان بالىلار مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەردىنمۇ بەكرەك ئەندىشە قوزغايدىغان ۋە جىددىي قاراشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
زۇبەيرە خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنى لاگېرلارغا يىغىۋېلىش بىلەن تەڭ ئىگە چاقىسىز قالغان ئۇيغۇر نارەسىدە بالىلىرىنى يېتىمخانىلارغا يىغىپ، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىشكە ئالدىراۋاتقانلىقى بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق ئىكەن. زۈبەيرە خانىم يەنە ئىگە-چاقىسىز قېلىپ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئىگە چىقىش ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائىتىنى بۇ ھەقتە ئۆزى بىلىدىغان ئۇچۇرلارنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە بالىلارنى قوغداش تەشكىلاتلىرىغا يەتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى.
0:00 / 0:00