خىتاينىڭ «يېزا خىزمىتى يىغىنى» ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېچىلغىنى يوق!

0:00 / 0:00

«شىنخۇا تورى» نىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىل 29-سېنتەبىردە ئۇيغۇر ئېلىدە « ئاپتونوم رايونلۇق يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنى» ئېچىلغان. «شىنخۇا تورى» غا بېرىلگەن بۇ خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىدىن «شىنجاڭ، ئۇيغۇر» دېگەن سۆزلەر ئېلىپ تاشلانغان بولۇپ، پەقەت ئاپتونوم رايون دېگەن سۆز قوللىنىلغان. بىز «شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋىرىدە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر، شىنجاڭ ناملىرىنىڭ بېرىلمىگەنلىكىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن بۇ يىغىننىڭ نېمە سەۋەبتىن ئېچىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ يىغىنىدا ما شىڭرۈي، «شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە بارلىق ئاماللار بىلەن كاپالەتلىك قىلىش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ نەتىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىش» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئۇنداقتا بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟

ئەمەلىيەتتە ما شىڭرۈينىڭ بۇ سۆزى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئەمەس. چۈنكى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتى» ئاستىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «كەسىپ ئۆزگەرتىپ ئىشچى بولۇش» قا مەجبۇرلانغان. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى ئاللىبۇرۇن خىتاينىڭ «كوللېكتىپ ئىگىلىك» دەۋرىگە قايتىپ بولغان. خىتاينىڭ «كوللېكتىپ ئىگىلىك» دەۋرى بەلكى 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر قەدەر ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بىز ئالدى بىلەن بۇ ئىبارە ھەققىدە ئازراق توختىلىمىز.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى، يەنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئىلىغا بېسىپ كىرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، يېزىلاردا «دېھقانچىلىق كەسپىي كوپىراتىپى» دەيدىغان بىر ئورگاننى قۇرۇشقا باشلىغان. بۇ ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشى ئەمەلىيەتتە، شۇ ۋاقىتلاردا باشلانغان باي-پومېشچىكلارغا زەربە بېرىپ، يەر-زېمىن، بايلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلغان ئاتالمىش «يەر ئىسلاھاتى» دىن كېيىنلا باشلانغان. بايلارنىڭ يەر ۋە بايلىقلىرى تارتىپ ئېلىنىپ، نامراتلارنىڭ قولىغا بۆلۈپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كوللېكتىپ ئىگىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. كوللېكتىپ ئىگىلىك تۈزۈمىنى كوممۇنىست دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي خاراكتېرى بېكىتكەن بولۇپ، ئاممىباب تىل بىلەن چۈشەندۈرگەندە، ھەممە نەرسە كوللېكتىپنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ. يەنى، 1953-يىلىدىن باشلاپ خىتاي كوپىراتىپ قۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلاپ، دېھقانلارنىڭ قولىدىكى بارلىق يەر-زېمىن ۋە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى دېھقانچىلىق كەسپىي كوپىراتىپىغا تاپشۇرۇش ھەققىدە مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ شەخس زېمىنلىرىنى كوللېكتىپ مۈلۈككە ئايلاندۇرغان. يېزىلاردا «خەلق كوپىراتىپلىرى» قۇرۇلۇپ، ئەترەتنى ئاساس قىلغان ئۈچ قاتلاملىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغان. «خەلق كوپىراتىپلىرى» بولسا ھۆكۈمەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىكتىكى ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىك ئورگىنىغا ئايلانغانىدى. ئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىدە دېھقانلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن پارتكوم بۆلۈمى ۋە قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترىتى تەسىس قىلىنغان. دېھقانلارنىڭ ھەممىسى دېھقانچىلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىنىڭ تۈرلۈك كوللېكتىپ ئەمگەكلىرىگە سېلىنغان. 1956-يىلى خىتاي ئىچىدە دېھقانلارنىڭ 96.3 پىرسەنتى دېھقانچىلىق كوپىراتىپىغا ئەزا قىلىنغان.

ئۇنداقتا خىتاي نېمىشقا ئۇيغۇر ئېلىدە كوللېكتىپ ئىگىلىك ۋە كوپىراتىپ تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدە بولسۇن، ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسۇن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى دېھقانلار ئارقىلىق روياپقا چىققانلىقىنى خىتاي ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. پۈتكۈل دۇنيادىكى كوممۇنىزمچىلار ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بولسا، پەقەت ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتايلارلا، دېھقانلارغا تايىنىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان.

دېمەك، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت ئاساسىي دېھقانلاردىن كەلگىنى سەۋەب، دېھقانلارنى تىزگىنلەشمۇ خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر ئېلىدەك قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىنغان زېمىن ۋە خىتاي بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشلىقى بولمىغان بىر مىللەتنى تىزگىنلەش بۇ نۇقتىدىن تېخىمۇ زۆرۈر بولغان. يەنى، يېزىلاردىكى كوپىراتىپلار دېھقانلارنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ئورۇن بولۇپ، دېھقانلارنىڭ يەپ-ئىچىشتىن تارتىپ، يېتىپ-قوپۇشىغىچە بولغان بارلىق ئىشلىرى كوپىراتىپنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلغان. كوپىراتىپلار دېھقانلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ غولىغا ئايلانغان. كوپىراتىپ تۈزۈمى گۇڭشې (كوممۇنا)، دادۈي (چوڭ ئەترەت) ۋە شاۋدۈي (كىچىك ئەترەت) دىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىلغان. تېنى ساغلام، يېشى 16ياشتىن يۇقىرى، 60 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ھەممىسى «ئەمگەك كۈچلىرى» دەپ كاتېگورىيەلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر يىلى ئۈچ يۈز كۈن ئەتراپىدا ئەمگەك قىلىشى بەلگىلەنگەن. ھەتتا ئاجىز ۋە مېيىپ كىشىلەرنىڭمۇ مۇشۇ ياش چەكلىمىسىدىكىلەرنىڭ 200 كۈندىن ئارتۇق ئەمگەك قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇنداق ئۇسۇلدا باشقۇرۇش دېھقانلارنى ئەركىن ئىشلەپچىقىرىش، ئەركىن تىجارەت قىلىش، ھەتتا ئەركىن كۆچۈش قاتارلىق بارلىق ھەقلىرىدىن مەھرۇم قىلغان. شۇنداقلا دېھقانلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن. دېمەك، يېزىلاردا كوللېكتىپ ئىگىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئەڭ بېشىدىن باشلاپلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكىنى چىقىش قىلىپ يولغا قويۇلغان بىر تۈزۈمدۇر.

ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانچىلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ يىلىغا 2000 دىن كۆپىيىپ مېڭىۋاتقانلىقى ۋە 2020-يىلى دېھقانچىلىق كوپىراتىپلىرى سانىنىڭ 40 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىنلا كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قانداق تېز سۈرئەتتە كۆلەملىشىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، 2019-يىلىلا ئۇيغۇر ئېلىدە 447 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان كوپىراتىپ ئەزاسىغا ئايلىنىپ بولغان. بەلكى بەزى كىشىلەر تۆت يۈز نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ كوپىراتىپقا ئەزا بولۇشى، نەچچە مىليون ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ئەھۋالىنى دەلىللەپ بېرەلمەيدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن. لېكىن، بىز ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان يەرلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىش، كەسىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىنىش ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈش قىسمەتلىرىنى بۇ مەسىلە بىلەن باغلاپ چۈشەنگىنىمىزدە، بەلكىم بۇ ھەقتە تېخىمۇ كونكرېت جاۋابقا ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن.

خىتاي كۆچمەن دېھقان ھوسۇل ئالغان قوناقنى تراكتور بىلەن 2.4 كىلومېتىر يولغا يېيىپ قۇرۇتۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2008-يىلى 6-مارت، ئۈرۈمچى.
خىتاي كۆچمەن دېھقان ھوسۇل ئالغان قوناقنى تراكتور بىلەن 2.4 كىلومېتىر يولغا يېيىپ قۇرۇتۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2008-يىلى 6-مارت، ئۈرۈمچى. (AFP)

دەرۋەقە، ما شىڭرۈينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى بىلەن نامراتلىقنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەڭ تىلغا ئېلىشى سەۋەبسىز ئەمەس ئەلۋەتتە! چۈنكى ئاشلىق خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئامىلدۇر. چۈنكى خىتاينىڭ غايەت زور نوپۇسى، ئۇرۇش تەييارلىقلىرى ۋە بۈيۈك غايىلىرى ئالدى بىلەن ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. يەنى، خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاشلىقنىڭ ئۆزى ئىستراتېگىيەلىك ئەشيا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنمىسا، ئۇرۇش تۈگۈل ھاكىمىيەتتىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسىي بولغان ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىشىمۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇملۇقتا كەڭ كۆلەملىك تېرىلغۇ يەر قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىشلار، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىلىرىنىڭ كۆلەملىشىشى، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق بارلىق ساھەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى سەۋەبسىز بولمىغانلىقى ئايدىڭ.

يىغىنچاقلىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىشنى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت» سۈپىتىدە يۈرگۈزۈپ كەلدى. يەنى، بۇنداق بىر سىياسەت ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى باش نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلدى. ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور مىقداردىكى خىتاي نوپۇسى كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئېنىقراق ئېيتقاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بەلكى ئون يىل ئاۋۋالقىدىن كۆپ تۆۋەنلىگەن بولۇشى، شۇنداقلا خىتاي نوپۇسىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسى ئاۋۋالقى ئون يىلدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئاشقان بولۇشى تەبىئىي. ئەمەلىيەتتە 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسى %5 يەتمىگەن ئازسانلىق مىللەت خىتايلار بۈگۈنكى كۈندە رايوندىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەتكە ئايلاندۇرۇلدى. ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە نوپۇس جەھەتتە ئەڭ كۆپ، يەنى %75 تىن كۆپرەكنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈنلەردە 40 نەچچە پىرسەنتلىك ئاز سانلىق مىللەتكە چۈشۈرۈلدى. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتالغۇسىدىكى ئۇيغۇر سۆزىنىمۇ ئىشلىتىشتىن باش تارتىدىغان بولدى.

بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەكىتلىشى، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى ئارقا سەپ تەمىنات بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچ تىكلىگەنلىكىدىن دەپ قاراشقا بولىدۇ. ما شىڭرۈينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەڭ تەشەببۇس قىلىشى، ئېنىقكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسىنى داۋاملىق ئازايتىش، قىسقىسى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك يوقىتىش سىياسىتىنى يەنىمۇ كەسكىن داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئاشكارا!