خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتىدە 28-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىق داۋامىدا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 32 ياشلىق خىتاي ساقچىسى يېن شياۋفېي قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق قىسمى تەركىبىدىكى پەۋقۇلئاددە ئۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولۇپ، ئىلگىرى كومپارتىيىگە بولغان ساداقىتى تۈپەيلى كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ ساقچىنىڭ ماتەم مۇراسىمى 25-ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلۈپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن تارتىپ ھەربىي، قانۇن ساھەسى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە پۇقرالارغىچە مىڭغا يېقىن كىشى مۇراسىمغا قاتناشقان.
خەۋەردە ۋەقەنىڭ 20-ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا، كونكرېتنى قەيەردە بولغان ۋەقە، قانداق ۋەقە، جەمئىي قانچىلىك ئادەم ئۆلدى دېگەنلەر توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. پەقەت خىتاي ساقچىسى يېن شياۋفېينىڭ «زوراۋان تېررورچىلارغا قارشى كۈرەشتە سەپنىڭ ئالدىدا قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ، شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان» لىقى ھەمدە ئۇنىڭ «ئۆلۈشتىن ئىلگىرى كومپارتىيە ئۈچۈن كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن» لىكى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەرگە بېرىلگەن رەسىمدە ھەمدە خەۋەر تېمىسىدا، بۇ ساقچىنىڭ قىزىنىڭ ئۆلگەن دادىسىنىڭ جەسىتى يېنىدىن كەتكىلى ئۇنىمىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
يەرشارى ۋاقىت گېزىتىدە 28-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر، يىلقىچى يېزىسىدا 20-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئوچۇقلىغان تۇنجى مۈجمەل خەۋەر بولۇپ، ۋەقەدە ئۆلگەن 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر توغرىسىدا ياكى قولغا ئېلىنغانلار توغرىسىدا بىرەر جۈملە ئەسكەرتىشمۇ يوق. ھەتتا بۇ ۋەقەنىڭ قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا يۈز بەرگەنلىكىمۇ ئوچۇق تىلغا ئېلىنمىغان. ھالبۇكى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق غەرب مەتبۇئاتلىرى يىلقىچى ۋەقەسى توغرىسىدا ئۇچۇر ئېلان قىلغىلى ئۈچ كۈندىن ئاشتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى يەنىلا پۈتۈنلەي يوشۇرۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.
ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر، خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپرەك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى، ياللانما كۈچلەر ياكى ساقچىلارغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتقان بولۇپ، مەيلى خىتاي پۇقرالىرىغا ياكى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا زەربە بېرىش بولسۇن، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ھېچبىرى خىتاي تىلغا ئېلىۋاتقاندەك تېررورچى ھەرىكەت ئاتىلىپ ئەيىبلەنمىدى.
باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھەر قېتىم ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى قەھرىمانلىق ئۇنۋانلىرى بىلەن مۇكاپاتلاپ، چوڭ ماتەم مۇراسىملىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ھەر ساھە خەلقنى بۇ مۇراسىملارغا مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبى ئۆلگەن خىتاي ياكى خىتايپەرەستلەرگە ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى، ئۆز ئىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى يولىدا ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلغان ئۇيغۇر پىدائىيلىرىغا يىغلايدۇ. ئەنىۋەرجان ئەپەندى ئۆز سۆزىدە، خىتاي تەشۋىقاتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە توختىماي يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.