يىپەك يەڭلىكتىن تۇغۇلغان ئويلار

0:00 / 0:00

مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ نىشانى «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى» ئىدىيەسىگە خىزمەت قىلىشى لازىم دەپ جاكارلىدى. شۇندىن ئېتىبارەن، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن «يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش» لار ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلاردىن 11 تۈر، 2021-يىللىق خىتاي دۆلەتلىك «10 چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش» نەتىجىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرى نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خىتايچە خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى، شۇنداقلا چەتئەلگە (چېگرادىن) چىقىرىپ كۆرگەزمە قىلىش مەنئى قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرى دەپ بېكىتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىيەدىن تېپىلغان بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا كۆپلەپ مەبلەغ ۋە ئېنېرگىيە ئاجراتقانلىقى بىزگە مەلۇم، ھەتتا يېقىندىلا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2023-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە، «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» تېمىسىدا مەخسۇس ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئىشلىنىپ كۆرسىتىلگەن.

خىتايدىكى نوپۇزلۇق تور بەتلىرىدىن بىرى بولغان «ئىجتىمائىي پەنلەر تورى» دا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پروفېسسورى خۇاڭ جىنچىيەننىڭ «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر ۋە خەن سۇلالىسى ئىدېئولوگىيەسىنىڭ غەربىي رايونغا تارقىلىشى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە، 1995-يىلى خىتاي-ياپونىيە بىرلەشمە قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشچىلىقىدا، نىيە خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان يىپەك يەڭلىك ۋە ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن خىتايچە خەتلەرنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئاپتورنىڭ مۇلاھىزىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتا يەڭلىك ھەققىدە بۈگۈنكىدەك كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات ئېلىپ بارمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىدىن 20-30 يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ بىر پارچە يەڭلىكنى «بىباھا دۆلەت گۆھىرى» دەپ ھەر يەردە داۋراڭ سالماقتا. ئۇنداقتا خىتاينىڭ بۇ يەڭلىكنى «بىباھا گۆھەر» دەپ جار سېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ يەڭلىك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئىشلەنگەن، تارىخى 2000 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ، قەدىمكى دەۋرلەردە ئوقيا ئاتقاندا بىلەكنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان. يەڭلىككە سۈرەتلەر ۋە نەقىشلەر كەشتىلەنگەندىن باشقا يەنە، «五星出东方利中国» «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خىتايچە خەتمۇ چۈشۈرۈلگەن. خىتاي ئاپتورىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بەش خىل يۇلتۇزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت ئاسترونومىيەلىك ھادىسە، خىتاي تارىخىدا ھەربىي ئۇرۇشقا تەتبىقلىنىپ ئانالىز قىلىناتتىكەن. بۇ سۆزلەر ئىلگىرى «تارىخنامە» ۋە «خەننامە» قاتارلىق يازما ماتېرىياللاردا ئورۇن ئالغان بولۇپ، غەلىبە ۋە ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى ئىكەن.

ئوخشاش قەبرىدىن يەنە ئوخشاش توقۇلما بۇيۇمى قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇ ئىككى پارچە بۇيۇمدىكى خىتايچە خەتلەرگە ئىلگىرى تېپىلغان پارچىلاردىكى خەتلەرنى ئۆزئارا قوشۇپ ئوقۇغاندا مۇنداق مەزمۇن چىقىدىكەن: 五星出东方,利中国,诛南羌,四夷服,单于降,与天无极 «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر. قىرغىن بولدى جەنۇبىي چاڭ، ياۋلار بويۇن ئېگەر. تەسلىم بولار ھونلارمۇ، باشىمىز كۆككە يېتەر». ئاپتور يەنە بۇ بىر يۈرۈش سۆزلەرگە ئاساسەن، ئەينى ۋاقىتتىكى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە مۇنداق قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «بۇ دەۋر ‹خەننامە› دە خاتىرىلەنگەن غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاڭلار قەبىلىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ خەتلەرنىڭ تارىخىي قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، خەن سۇلالىسى ئەينى ۋاقىتتا ئەتراپتىكى ھونلار، چاڭلار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرغان، كېيىن جىددىي ئۇرۇشقا ھازىرلىنىپ، ئەتراپتىكى قەبىلىلەرنى بوي سۇندۇرغانلىقىدەك تارىخىي غەلىبىگە ئىسپات بولالايدۇ».

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ كىمخاب يەڭلىك ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر رايونى تەۋەسىدە بايقالغان يىل دەۋرى ئەڭ بۇرۇن بولغان «جۇڭگو» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە، بۇ ئاسارە-ئەتىقە يەڭلىكىنىڭ، غەربىي يۇرتنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مەركىزىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدىغانلىقى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي رايوننىڭ گىرەلىشىپ كەتكەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكى، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكى، شۇنداقلا «جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىدىن ئىبارەت كونا سەپسەتىلىرىنى يەنە تەكىتلەشكەن.

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئىشلەنگەن بۇ بۇيۇم قانداقلارچە تارىم ئويمانلىقىدىكى نىيە خارابىسىگە كېلىپ قالغان؟ خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ سوئالىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ باشلىقى يۈ جىيوڭ جاۋاب بەرگەن بولۇپ، ئۇ: «يەڭلىك خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۇتۇق مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بولغان كىچىك شەھەر دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان جىڭجۆ دۆلىتىنىڭ( ئوغايبالىق، نىيە) خانىغا سوۋغا قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن، خەن سۇلالىسى ئىزچىل تۈردە غەربىي دىياردىكى بۇ كىچىك دۆلەتنى ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىپ كەلگەن»، دەپ ئۆز پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە بۇ يەڭلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى «ئەينى ۋاقىتتىكى غەربىي رايوننىڭ جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى كۆزقاراشلارنىڭ تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىغا باھا بېرىش ئۈچۈن، ئىلگىرى تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەققىدە دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە ئېتىراپقا ئېرىشكەن كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئىزدىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئالدى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر يەڭلىكتىكى «جۇڭگو» سۆزىنى دۆلەت ئۇقۇمى قاتارىدا قوللىنىشى ئىلمىيلىققا ۋە تارىخىي پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆزقاراش ئۇلارنىڭ «جۇڭگو» دېگەن سۆزىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، تارىم ۋادىسىنىڭ قەدىمدىلا خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش يوشۇرۇن غەرىزى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ خالاس.

«جۇڭگو» دېگەن ئىسىمنىڭ تارىختا ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇغراپىيەلىك، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ئۇقۇم مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقاتچىلارمۇ تۈرلۈك قاراشلارغا ئىگە ئىكەن. بۇ ھەقتە خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى توپلىغان ئەخمەت مۆمىن تارىمىنىڭ «تارىختىكى جۇڭگو مۇھاكىمىسىگە نەزەر» ناملىق ماقالىسىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر قايىل قىلارلىقى خىتاينىڭ مەشھۇر تارىخچىسى جىيەن بوزەننىڭ قارىشىدۇر. ئۇ، خىتاي پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دائىرىسىنى «جۇڭگوغا تەڭ دېيىش نامۇۋاپىق» دەپ قارايدۇ. تۈرلۈك قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، «جۇڭگو» سۆزى جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ قوللىنىلغان، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا دەسلەپتە «پايتەخت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشتىن كېيىنچە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى، يەنى «ئوتتۇرىدىكى ئەل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولغان. ھەرگىزمۇ پۈتكۈل تارىخىي جەرياندىكى زېمىن تېررىتورىيەسى ۋە سىياسىي ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىنى بىلدۈرىدىغان ئۇقۇم، شۇنداقلا دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ رەسمىي نامى بولمىغان، سۈن جۇڭسەن رەھبەرلىكىدىكى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىنلا، «جۇڭگو» دېگەن سۆز ئاندىن دۆلەت ئۇقۇمى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بولغان.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تارىم ۋادىسىدىكى كۆنچى دەريا بويىغا جايلاشقان قەبرىغول قەدىمىي قەبرىستانلىقىنى بايقاش، قېزىش جەريانلىرىغا قاتناشقان شىۋېتسىيەلىك ئارخېئولوگ فولك بېرىگمان تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەققىدە ئىلگىرى چوڭقۇر قاتلاملىق تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئۇ 1939-يىلى يېزىلغان «شىنجاڭدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات» ناملىق كىتابىدا، ئىلگىرى تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئىشلەنگەن يىپەك بۇيۇملارنىڭ ئەۋرىشكىلىرى تېپىلغانلىقى ۋە بۇ خىل يىپەك بۇيۇملارنىڭ خىتايلارنىڭ باشقا ئەللەرنىڭ خانلىرى ياكى بەگلىرىگە سوۋغا قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. فولك بېرىگمان سوغدىلارنىڭ يىپەك سودىسىدا ۋاسىتىچى رول ئوينىشى بىلەن خىتاي يىپەكلىرىنىڭ تارىم ۋادىسىغا ھەتتا يىراقتىكى رىم ئىمپېرىيەسىگىچە تارقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن قەدىمكى خىتاي تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيەسى پروفېسسورى گېرمانىيەلىك ئارمىن زېلبىچكامۇ (Armin Selbitschka) «جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمىدىن تېپىلغان قىممەت باھالىق دەپنە بۇيۇملىرى ۋە ۋېزانتىيە تەڭگىلىرى ناملىق ماقالىسىدە، نىيەدىن تېپىلغان بۇ كىمخاب يەڭلىك ھەققىدە ئىلمىي كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئاپتور خەن سۇلالىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ يىپەك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ئېھتىياجنى تەمىنلەشتىن باشقا يەنە، يىپەكلەرنى ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان ھونلار قاتارلىق بىر قىسىم قەبىلىلەرگە ھەربىي تۆلەم ياكى سوۋغا قىلغانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنى بايان قىلىدۇ. يەنە تارىختا خىتاي خانلىرىنىڭ دۈشمىنىگە يىپەك سوۋغا قىلىش ھادىسىسىنىڭ يەنە بىر مەقسىتى، ئۆز دۈشمەنلىرىنى بوي سۇندۇرۇشتىكى بىر يۇمشاق ۋاسىتە ئىكەنلىكى ئىزاھلانغان.

خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ، جۈملىدىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ يىپەكلەردىن قانداق پايدىلانغانلىقى ھەققىدە ئورخۇن ئابىدىلىرىغىمۇ كۆلېىكىن قاغاننىڭ مۇنداق نەسىھەتلىرى ئويۇلغان: «تاۋغاچلارنىڭ سۆزى تاتلىق، يېپەكلىرى يۇمشاق كېلەرمىش. تاتلىق سۆزلىرى ۋە يۇمشاق يېپەكلىرى بىلەن ئالداپ، يىراقتىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرار. يېقىنلىشىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن يامانلىق ۋە پىتنە-پاسات تۇغدۇرۇشقا باشلار».

خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەزكۇر نىيە دۆلىتىگە يىپەك يەڭلىك سوۋغا قىلىش ھادىسىسى، خەن سۇلالىسىنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان بۇ كىچىك شەھەر دۆلىتىنى يات ئەل سۈپىتىدە كۆرۈپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىم-بېرىم ئالاقىلىرىدە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ، خىتاي تارىخچىلىرى ئېيتقاندەك خەنگە تەۋە رايون بولغانلىقى ئۈچۈن سوۋغات قىلىنغان ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە، خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ۋە دائىرىلىرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» ھېكايىسىنىڭ ئىلمىي پاكىتلىرى يېتەرسىز بولۇپ، چۈشەندۈرۈشلەر پەقەتلا خىتاينىڭ بۈگۈنكى زامان سىياسىي مەيدانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دېگەن خۇلاسىگە ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىلگىرى نىيە قەدىمكى شەھىرى ئەتراپىدا تەكشۈرۈشتە بولغان ھەمدە ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان يۇقىرىدا ئسىمى ئاتالغان ياۋروپالىق ئالىملارنىڭ قالدۇرغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، بۇ جايدىن تېپىلغان قەدىمكى ۋەسىقىلەر ۋە ماددىي بۇيۇملار بۇ جاينىڭ يىپەك يولىدا تۇتقان ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئوغايبالىق، نىران ياكى نىيە دەپ ئاتالغان بۇ جاي ھىندىستان، كۇشان ۋە ھازىرقى خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىنى مەركەز قىلغان خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنى رايونى بولغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان تۈرلۈك ئالاقىلەردە بولۇپ كەلگەن. لېكىن بۇ ئالاقىلەر ھەرگىزمۇ نىيە دۆلىتىنىڭ تارىختا بۇ دۆلەتلەرنىڭ بويسۇندۇرۇشى ياكى باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.

نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان يىپەك يەڭلىك ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار ۋە ئىزاھاتلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ياشاپ كەلگەن، خىتايلار «غەربىي دىيار» دەپ ئاتىغان ماكانلارنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگو، يەنى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدا بولغانلىقىنى مەركەز قىلغان. بۇنىڭغا ۋە باشقا يادىكارلىقلارغا بۈگۈنكى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» ۋە «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىرقىسمى» سىياسىي تەشۋىقاتى يۆنىلىشىدىن مۇئامىلە قىلىنغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ قاتتىق ئىلمىي ئۆلچەم قوللىنىلمىغان.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.