«يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت ئوغرىلىرى» ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مەقسەتلەر
2022.10.28
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى غەرب تەۋەككۈلچىلىرىدە تەكلىماكان قۇملۇقى ئاستىدا ئۇيقۇغا غەرق بولغان بوستانلىقلارنىڭ كونا ئىزلىرىغا نىسبەتەن زور قىزىقىش ئەۋج ئالغان مەزگىللەر ئىدى. ئۇلار چۆل-جەزىرىلەردىكى ئادەمزات ئايىغى تەگمىگەن جايلاردا ئارخېئولوگىيەلىك قىممەتكە ئىگە غايەت زور بايلىقلار ساقلانماقتا دەپ قارىغان ۋە يىپەك يولى سەپىرىنى باشلىغان. شۇندىن ئېتىبارەن، غەرب تەۋەككۈلچىلىرى ئېكسپېدىتسىيەچى، تەكشۈرگۈچى، ساياھەتچى، دىن تارقاتقۇچى دېگەن ناملاردا قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ غەربىي بۆلىكىگە جايلاشقان دۈنخۇاڭ، تۇرپان، كۇچار، خوتەن قاتارلىق جايلاردا قىدىرىپ تەكشۈرۈشلەردە بولۇپ، بۇ جايلاردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى توننىلاپ چەتئەللەرگە ئېلىپ كەتكەن. بۇ خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئىچىدە قىممەتلىك بۇددىزم تام رەسىملىرى ۋە ھەيكەللىرى، قوليازمىلار ۋە باشقا كۆپ خىل مەدەنىيەت بۇيۇملىرى بار.
ئۇنداقتا ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار بۇ بايلىقلارنى ئېلىپ ماڭغىنىدا خىتاي دۆلىتىنىڭ پوزىتسىيەسى قانداق بولغان ئىدى؟ ھازىرقى دەۋردە خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللىك تەۋەككۈلچىلەرنى «ئەجنەبىي ئالۋاستىلار» ياكى «مەدەنىيەت ئوغرىلىرى» دەپ تىلغا ئالىدۇ. ئۇلار راستتىنلا مەدەنىيەت ئوغرىسىمۇ ياكى بۇنىڭ كەينىدە باشقا ئويۇنلار بارمۇ؟
بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن خىتاي دۆلىتى ئىدىئولوگىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىدە رول ئوينىغان كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە مىللەتچى پارتىيە (گومىنداڭ) نىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئەسلەپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تاشقى سىياسەتتە، ئەلمىساقتىن بېرى «ئىچكى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتنى پەرقلەندۈرۈش، ئىچكى قىسىمدا دۈشمەن كۆرۈش، تاشقى دۇنياغا دوستانە كۆرسىتىش» سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلگەن. مىللەتچى پارتىيەسى (گومىنداڭ) نىڭ سىياسىتى بولسا، ئۇلار ئۈچۈن چەتئەللىكلەر خىتاي دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيەسى ۋە كەلگۈسى ئستىقبالىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمىسىلا يېتەرلىك ئىدى.
چەتئەللىك تەۋەككۈلچىلەر ئەمەلىيەتتە خىتايلارنىڭ «ئوغرى» ياكى «ئەجنەبىي ئالۋاستىلار» دەپ تامغا ئۇرغىنىدەك بولماستىن، ئۇلار ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىنىشىدا بەلگىلىك رول ئوينىغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، جۈملىدىن مەدەنىيەت ئىگىدارچىلىقى ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم ئىش تەرتىپلىرى ھېسابلانمايتتى.
مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى مەركەزنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە كېلىپ ئىشىك چەككەن غەربلىكلەرنىڭ يولىغا پايانداز سېلىپ، ئۇلارنى ئەزىز مېھمان قاتارىدا كۈتۈۋالىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئۆز نەپسانىيەتچىلىكى بولۇپ، دۆلەتنى سىياسىي ۋە مالىيە جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىتىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلانسىلا بولدى دەپ قارايتتى. شۇڭا ئۇلار بىر قاتار قەغەز يۈزىدىكى بيۇروكرات رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ قويۇپلا ئىشنى بولدى قىلىشاتتى.
ئۇيغۇر دىيارى تارىخى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان تارىخچى جاستىن جەيكوبس (Justin Jacobs) بۇ ھەقتە كۆزقارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ چىقىمىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش ھەرىكىتىنىڭ كەينىگە باشقا سىياسىي غەرەز يوشۇرۇنغان. نەنجىڭ ھۆكۈمىتى گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن چەتئەللىكلەرنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش چوتىنى سوقۇپ بولغانىدى».
گەرچە خىتاينىڭ سىياسىتى ئاۋرېل ستەيىن، سۋېن ھېدىن ۋە فولك بېرىگمان قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار زېمىنىغا كىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، ھەر قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەنىڭ تەقدىرى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا ئىدى. بارلىق ئېكسپېدىتسىيە سەپەرلىرى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ جۇغراپىيەۋى-سىياسىي ئويۇنلىرىنىڭ مەھسۇلىغا ئايلىنىپ قالغانىدى.
مەسىلەن، 1928-يىلى ۋە 1930-يىلى سۋېن ھېدىن باشچىلىقىدىكى ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى بىلەن ئاۋرېل سىتەيىن باشچىلىقىدىكى ئېكسپېدىتسىيە ئەترەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگىنىدە، يەرلىك مىلىتارىست ياڭ زېڭشىننىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرايدۇ. ئۇ سۋېن ھېدىنغا: «سىز ئاتقا مىنىپ كونا خارابىلىكلەرنى ئىزدەپ دەشت-چۆللەردە يۈرۈپ جاپا چەككۈچە، يامۇلدا يېتىپ ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىڭىزنى قىلغىنىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ، يامۇلنىڭ تاملىرىمۇ خۇددى خارابىلىققا ئوخشاش ماكچىيىپ كەتكەن» دەيدۇ. ياڭ زېڭشىن چەتئەللىكلەرنىڭ يەر شەكلىنى خەرىتىگە ئېلىشى قاتارلىق ئىلمىي تەكشۈرۈشلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. بۇ سەۋەبتىن سىتەيىننىڭمۇ خەرىتە سىزىشىنى چەكلەپ، ئۇنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلىغان.
مىلىتارست جىن شۇرېنمۇ يەرلىك ھاكىمىيەتنى ئالغاندىن كېيىن، چەتئەللىك تەۋەككۈلچىلەرنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىش، خەلققە زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىش قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتكەن. خەلقئارالىق شەرتنامىدە چەتئەللىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم نۇقتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، تەرجىمانلىرى، تۇرالغۇ جايلىرى ھەتتا كۈندىلىك چىقىملىرىمۇ يەرلىك ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۈستىگە ئېلىناتتى. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىكلەرنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىپ، خەت-چەك ۋە تېلېگراممىلارنى ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلاپ كەلگەن.
يەنە بىر مىسال ئالساق، ئارخېئولوگ فولك بېرىگماننىڭ ئەسلىمىلىرىگە ئاساسەن، قېزىلما يادىكارلىقلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە شېڭ دۇبەنگە( شېڭ شىسەي) خەۋەر قىلغىنىدا، شېڭ دۇبەن: «مېنىڭ دۆلىتىم ئۈچۈن، بۇلار قىممىتى يوق نەرسىلەر، سىلەرگە يول خېتى تەييارلاپ بېرەي، بۇلارنى يۇرتۇڭلارغا ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ جاۋاب بەرگەن.
يىغىنچاقلىغاندا، چەتئەللىك ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ يىپەك يولى تۈگۈنىدىكى سەپەرلىرى خىتاي سىياسىي ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى بىمالال ئىجرا قىلىشتا پىشاڭلىق رول ئويناپ، ئۇلارنى شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن دېيىشكە بولىدۇ. تارىخچىلارنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەربلىك تەۋەككۈلچىلەر، ئېكسپېدىتسىيەچىلەر ۋە مىسسىئونېرلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا بېرىشىغا يول ئېچىپ بېرىشى بىلەن، ئۇلارنىڭ بۇ زېمىنغا ئاياغ بېسىش قەدىمى يەنىمۇ تېزلەشكەن. بۇنىڭلىق بىلەن خىتاي تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلارنى ئالغىنىغا كىرگۈزۈش ۋە باشقۇرۇش مەقسىتىدە پايدىلانماچى بولغان.
كۈنىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ چەتئەللەردە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەققىدە ئىجابىي كۆزقاراشلار مەۋجۇت. ئۇلار ھېلىمۇ بىر قىسىم بۇيۇملارنىڭ چەتئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە سۇنۇلۇپ، تەتقىق قىلىشقا ئېچىۋېتىلگەنلىكىدىن سۆيۈنمەكتە. ئەكسىچە تەقدىردە، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىيەت مىراسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كېتىشى ياكى ۋەيران قىلىنىشى مۇمكىن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ، چەتئەللىكلەرنىڭ، جۈملىدىن ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا قىدىرىپ تەكشۈرۈشىنى چەكلىگەن. بۇ زېمىندا ئارخېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە بولغان چەتئەللىك تەۋەككۈلچىلەرنىڭ كروران خانلىق دۆلىتى خارابىسى، نىيە (نىران) خارابىسى، بېزەكلىك مىڭ ئۆي خارابىسى قاتارلىق ئالەمشۇمۇل بايقاشلىرىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تەشكىللىگەن قىدىرىش ئەترەتلىرىنى باشلاپ، ئوخشاش ئورۇنلاردا ياكى يېڭىدىن بايقالغان قەدىمىي ئىزلار ھەققىدە تەكشۈرۈشلەردە بولغان. شۈبھىسىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان قېزىلما بايلىقلارنى «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى» دىن ئىبارەت ئىدېئولوگىيەسىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. تارىخىي پاكىتلارنى بۇرمىلاپ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە تارىختىكى مۇستەقىللىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.
چەتئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يادىكارلىقلار ھازىر ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەت، رۇسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇزېيلىرىدا ۋە ئارخىپلىرىدا ساقلانماقتا. ئۇزۇن يىللار يەر ئاستىدا قالغان يازما يادىكارلىقلار ۋە ماددىي يادىكارلىقلار چەتئەللىك تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن دۇنيادا تارىخىي ئورنىنى تاپتى ۋە سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئېتنوگرافىيەلىك قىممىتى دۇنياغا نامايان قىلىندى.
ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ دۇنياغا ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئىلىم ساھەسىدىكى بىر قىسىم مۈجمەل قىياسلار ۋە كەسكىن تالاش-تارتىشلار ئاساسقا ئىگە قىلىندى. بولۇپمۇ تارىم ۋادىسىدا ياشاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرى ھەققىدە پاكىتلىق قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريان مابەينىدە بۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەنلىكى ئىسپاتلاندى. چەتئەللەردە ساقلىنىۋاتقان يادىكارلىقلار يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، شۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنى چۈشىنىش، تەتقىق قىلىشتا بولسۇن بەلگىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.