بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ 18-كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» تورىدا شۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن باشلانغان «2023-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا تاۋارلىرى سودا كۆرگەزمىسى» ھەققىدە بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىندى. «سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سالغاندەك» ، 21-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان بۇ كۆرگەزمىنىڭ نەتىجىسىنى ئاللىقاچان چىقىرىپ بولغان بۇ ئوبزورغا «يىپەك يولى رىۋايىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سەھىپىسىنى يارىتايلى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان!
شۇنداق، بۇ بىر رىۋايەت. ئەگەر رىۋايەت بولمىسا ئىدى، رىۋايەتلەردىكى «مەلىكە ۋە 40 كېنىزەك»، «ئەلى بابا ۋە 40 قاراقچى» ھېكايىسى بىلەن بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشقان «خىتاي ۋە 40 دۆلەت ۋەكىللىرى» نىڭ ئوخشاشلىقىنى قانداقمۇ چۈشەندۈرگىلى بولسۇن! ؟ 1300 شىركەت ۋەكىللىرىنىڭ «ياردەم» ياكى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» شوئارلىرىغا ئىشىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە چاپان كۆتۈرۈشۈپ بېرىشىنى قانداقمۇ ئىزاھلىغىلى بولىدۇ؟ …
«يىپەك» ئەلمىساقتىن تارىتىپ شەرق ۋە غەربتىكى ئىنسانلارنى قىزىقتۇرۇپ ۋە ئىنتىلدۈرۈپ كەلگەن بۇيۇمدۇر. يىپەك رەختىگە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىي ئۇقۇملىرىمۇ قوشۇلۇپ، بىر ئۇلۇغۋار مەدەنىيەتنىڭ، سودا يولىنىڭ، شۇنداقلا شەرق-غەرب ئالاقىلىرىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. بۇرۇنقىلارنىڭ دۆلەت ھەم پاراۋانلىقنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدىغان بۇ رەختتىن تون كىيىشىمۇ ھەم تون كىيدۈرۈشىمۇ شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك. «يىپەك يولى» دېگەن بۇ سۆزنىڭ يېقىنقى دەۋرلەردە ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە شۇ قەدەر جەلپ قىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ بولسا كېرەك!
دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا «يېڭى يىپەك يولى» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بۈگۈنكى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەللەرنى تارىختىكى «يىپەك يولى» نىڭ سېھرىي كۈچى بىلەن ئۆزىگە تارتىشقا، «قەرز سىرتمىقى» ئارقىلىق ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەت ئەل مەبلىغىگە ئېھتىياجى بولغان دۆلەتلەرنى بوغۇشقا، شۇنداقلا ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن كونترول قىلىشقا ئۇرۇندى.
ھالبۇكى، «يېڭى يىپەك يولى» نىڭ سىرتمىقىغا ئېلىنغان كۆپلىگەن ئەللەر بۇ سېھىرلىك يولدا ھېچقانچە ماڭماستىنلا پۇتلىرىنىڭ قاپارغانلىقىنى ھېس قىلىشتى. بىكارلىق ۋە ئەرزان بېرىلگەن ماللار، كېيىنچە «زامانىۋىلاشتۇرۇش» ۋە «بىرلىكتە بەھرىلىنىش» ۋەدىلىرى بىلەن تەمىنلەنگەن قەرزلەرنىڭ مۆھلەتلىرى ئاستا-ئاستا توشۇشقا باشلىۋىدى، بەزى دۆلەتلەر يەنىمۇ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش بىلەن ۋاقتىنچە «زەھەرنى زەھەر بىلەن داۋالاپ» بىر مەھەل نەپەس ئېلىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. بەزى دۆلەتلەر سېھىرلىك «يىپەك» نامى بىلەن باشلىنىپ، قەرز سىرتمىقى بىلەن داۋاملاشقان بۇ ھالاكەتلىك يولدىن ئۆزىنى چەتكە ئالماقچى بولدى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە قىستالدى. ئۇلار خىتايغا تەلەپ قىلغان پورتلىرىنى، دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا ئايلانغان سانائەت شىركەتلىرىنى، ھەشەمەتلىك كۆۋرۈك-قاناللىرىنىڭ كىرىمىنى، ھەتتا پويىز يوللىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك مۇلازىمەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، «قەرز سىرتمىقى» دىن ۋاقىتلىق قۇتۇلغان بولدى. بەزى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈزلىگەن، ھەتتا نەچچە مىڭلىغان سانائەت ۋە مۇلازىمەت شىركەتلىرىنى خىتاي بايلىرى سېتىۋالغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئەقلىگە كېلىشتى. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئاللىقاچان ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ تىزگىنلىيەلەيدىغان ھالەتتىن چىققانىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇلار ئۇيقۇسىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ، ئۆزلىرىنى بۇ كۈنگە قويغان ھېلىقى «يىپەك» سۆزىنىڭ ئەسلىدە نېمە مەنا بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىپ باققۇسى، بۇ سۆزنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان گېرمانىيەلىك ئالىم فېردىناند فون رىتخوفېن (Ferdinand von Richthofen) نىڭ «يىپەك يولى» ئاتالغۇسىغا بەرگەن تەبىرىنى قايتا چۈشىنىپ باققۇسى كەلدى.

-1854-1853يىللىرى ئامېرىكا ئۇرۇش كېمىلىرىنىڭ ياپونىيەگە يېتىپ كېلىشى، ياۋروپادىكى بىر قىسىم كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ نەزەرىنى شەرققە يۆتكىشىگە سەۋەبچى بولدى. دۇنيا ۋەزىيىتىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇرغان كۈچلۈك سانائەت دۆلەتلىرىدىن گېرمانىيەمۇ شەرقتىكى نېسىۋىدىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن، 1860-يىلى پرۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەكنى شەرققە يولغا سالغان. دەسلەپ ياپونىيە، ئارقىدىن خىتاي ۋە كېيىنچە سىئام بىلەن سودا توختاملىرىنى تۈزىگەن بۇ ئۆمەك ئىككى يىلدىن كېيىن گېرمانىيەگە قايتىپ كەلگەن. دەل شۇ ئۆمەكنىڭ تەركىبىدە تەتقىقاتچى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان 27 ياشلىق ياش جۇغراپىيەشۇناس فېردىناند فون رىتخوفېنمۇ بار ئىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە يىل ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئالتۇن ئىزدەش بىلەن مەشغۇل بولغان فېردىناند فون رىتخوفېن تەتقىقات يۆنىلىشىنى خىتايغا قارىتىپ، 1866-يىلىدىن 1872-يىلىغىچە يەنە 6 قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغان. 1872-يىلىدىن باشلاپ 5 يىل ئىچىدە بۇ سەپەر خاتىرىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، نەتىجىلىرىنى بەش قىسىملىق بىر كىتابتا يەكۈنلىگەن.
قىزىقارلىق يېرى يېرى، فېردىناند فون رىتخوفېن 1877-يىلى بونن ئۇنىۋېرسىتېتىغا پىروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغاندا، بۇ يېڭى خىزمەت ئورنىدا بەرگەن تۇنجى دوكلاتىنى «ئوتتۇرا ئاسىيا يىپەك يوللىرى» دېگەن تېمىدا، يەنى ئۆزى ھېچ بېرىپ باقمىغان بىر يەر ھەققىدە سۆزلىگەن. بەلكىم ئۇنىڭ بۇ تېمىنى تاللىشىغا شۇ ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى سەۋەبچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ دەل مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىشغالچى ئەسكەرلىرى زو زۇڭتاڭنىڭ يول باشلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا باستۇرۇپ كىرگەن ۋە ياقۇپبەگنىڭ كورلادا قەستكە ئۇچراپ ئالەمدىن ئۆتكەن بىر مەزگىل ئىدى. ياۋروپالىقلارنى قىزىقتۇرغان يەنە بىر مۇھىم ۋەقە، غەربىي تۈركىستانغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سەپىرىنىڭ نەگە بېرىپ توختايدىغانلىقى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا 1864-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدا قۇرۇلغان ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ 1871-يىلى رۇسلار تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغانلىقى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىلىنى بېسىۋالغانلىقىمۇ رىتخوفېننىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ تۇنجى دوكلاتىغا مۇشۇنداق بىر تېمىنى تاللىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.
شۇنى ئەسكەرتمەي ئۆتەلمەيمىزكى، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئويلىغاندەك، رىتخوفېن «يىپەك يولى» ئاتالغۇسىنى قوللانغان تۇنجى ئىلىم ئادىمى ئەمەس. بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا يەنە بىر جۇغراپىيەشۇناس كارل رىتتېر تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم قوللىنىلغانلىقى مەلۇم. كارل رىتتېر (Carl Ritter) 1838-يىلى نەشر قىلغان «جۇغراپىيە» ناملىق تۆت قىسىملىق كىتابىدا بۇ ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئالغان. ئەمما رىتخوفېن يەنىلا بۇ سۆزگە تەپسىلىي ئېنىقلىما بەرگەن ۋە كەڭ قوللىنىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان كىشى ھېسابلىنىدۇ.
رىتخوفېننىڭ دوكلادى شۇ يىلىلا جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ژۇرنىلىدا بېسىلغان. ئەمما مەزكۇر ئاتالغۇ تاكى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۋېن ھېدىن 1936-يىلى «يىپەك يولى» تېمىسىدىكى كىتابىنى نەشر قىلغانغا قەدەر ئانچە كەڭ تارقىلىپمۇ كەتمىگەن. سۋېن ھېدىن سىياسىي كىملىكى ۋە ئۇيغۇر زېمىنىدا ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ مەشھۇر شەخسىگە ئايلانغانلىقى ۋە كىتابلىرىنىڭ بەزىلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 17 قېتىم بېسىلغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ياۋروپانىڭ تونۇلغان تەتقىقات مەركەزلىرىدە ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا «يىپەك يولى» تېمىسىدا بەرگەن دوكلاتلىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1936-يىلى بېرلىن يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ «شەرەپ مېھمىنى» بولۇپ قاتنىشىپ، بۇ چوڭ مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سۆزلىشى، ئۇنى ئۇستازى رىتخوفېندىنمۇ مەشھۇر قىلىۋەتكەن. سۋېن ھېدىننىڭ نۇتۇقلىرى ۋە كىتابلىرى ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۇستازى رىتخوفېننىڭ «يىپەك يولى» سۆزىگە بەرگەن تەبىرىدىكى «يىپەكنى ئەڭ دەسلەپ خىتاي ئىجاد قىلغان ۋە يايغان. يىپەكنىڭ قەدىمى يەتكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جايلاردۇر» دېگەن بايانلار ئىستېمالدىن قالغان. شۇنىڭدىن بۇيان «يىپەك يولى» تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردىن تېپىلغان مەدەنىيەت بايلىقلىرى بىلەن زىچ باغلانغان بىر ئاتالغۇغا ئايلانغان. سۋېن ھېدىننىڭ تەسىرىدىن باشقا يەنە دۇنيانىڭ كۈچلۈك ۋە مەدەنىيەتلىك دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كېتىلىپ كۆرگەزمىلەرگە قويۇلغان ۋە كۆرگۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىمۇ بۇ ئاتالغۇنىڭ ئومۇملىشىشىدا تەسۋىرلىگۈسىز مۇھىم رول ئوينىغان.
رىتخوفېننىڭ دوكلاتىدا «يىپەك» نى مەركەز قىلغان بىر يېڭى نەزەرىيەنى ئىزاھلاپ بېرىشكە تىرىشقانلىقىمۇ راست. ھەتتا غەرب بىلەن شەرق ئارىسىدا سودا ۋە ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆزى بىلىدىغان بارلىق كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلغانلىقىمۇ ئېنىق. ئەمما ئۇنىڭ «يىپەك يولى» ھەققىدە يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس ئىدى!
رىتخوفېن «يىپەك يولى» ھەققىدىكى مەزكۇر ماقالىسىنى يېزىپ ئۇزاق ئۆتمەستىن ياۋروپالىق ئېكسپېدىتسىيەچىلەر خىتاي نەزەرىدە «بارسا كەلمەس چۆل» دەپ قارالغان تەكلىماكاننىڭ ھەر بىر بۇرجەكلىرىدىن، قومۇل، تۇرپان، كۇچا، قاراشەھەر، مارالبېشى ۋە خوتەن بوستانلىقلىرىدىن، مىڭ يىللارچە كىشىلەرنىڭ ئايىغى تەگمىگەن تەكلىماكان بارخانلىرىدىن، جۈملىدىن «ئۈستى ئوچۇق بىر مۇزېي» دەپ تەرىپلەنگەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممىلا يېرىدىن دۇنيانى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان قەدىمكى مەدەنىيەت بايلىقلىرى تېپىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئەگەردە رىتخوفېن بۇ بىباھا مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى كۆرەلىگەن بولسا ئىدى، ئۇ شۇ دوكلاتىنى مۇشۇنداق بىر ماۋزۇدا يازارمىدى، دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ، ئەلۋەتتە.
رىتخوفېن گەرچە بىر نەچچە يىل خىتايدا ياشىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خاتىرىلىرىدىن ئۇنىڭ خىتايچىغا ئانچە قىزىقمىغانلىقى ھەتتا ئۆگەنمىگەنلىكى مەلۇم. شۇڭا ئۇ دوكلاتىنى پۈتۈنلەي خىتايچىدىن تەرجىمە قىلىنغان چەكلىك ئەسەرلەرگە ۋە شۇنداق ئەسەرلەرنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان ماقالىلەرگە تايىنىپ تەييارلاشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىگە دۈشمەن كۆزى بىلەن قاراپ، ئۇلارنى «مەدەنىيەتسىز» ۋە «ياۋايى» كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىگە ھەمدە «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ» يازغانلىرىغا ئىشىنىپمۇ قالغانلىقى ئېنىق ئىدى.
دەرۋەقە، تۇنجى قېتىم رىتخوفېن تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغانلىقى ۋە تەبىر بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، كېيىنچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت بايلىقلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن تارىختىكى «يىپەك يولى» ئاللىقاچان بىر رىۋايەتكە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئورنىغا بۈگۈن پەيدا بولغان «يېڭى يىپەك يولى» ، دۇنيادا بىرلا خىتاينىڭ تەسىرىنى يايىدىغان، خىتاينىڭ مەدەنىيىتىنى تاڭىدىغان، خىتاينىڭ «قەرز سىرتمىقى» نى رېئاللاشتۇرىدىغان سىياسىي ئىستراتېگىيەنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. ھاۋادىن، سۇدىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن يامراپ دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە كېتىۋاتقان خىتاي سودا كارۋانلىرى قەدىمى يەتكەنلىكى يەردىكىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى، ئىقتىسادىنى ۋە مەدەنىيىتىنى مونوپول قىلىشقا باشلىدى. ۋاقىتلىق پايدىدىن ئەس-ھوشىنى يوقاتقان، قايسى ۋە قانداق كىشىلەرنىڭ قۇللۇق ئىسكەنجىسىگە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن ۋە ھەتتا ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان خېيىم-خەتەرلەرنى سەزمىگەن «چەت ئەللىك كارۋانلار» نىڭ تەقدىرى كەلگۈسىدە كىمنىڭ قولىدا بولىدۇ؟ خىتاي تارىخىدا خىتاينىڭ «يىپەكتەك يۇمشاق» سۆزلەرگە ئالدانغان مىللەتلەرنىڭ ئاقىۋەتلىرى قانداق بولغان؟
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى پىلانى» نى تۇنجى قېتىم تونۇشتۇرغىنىدا ئېيتقان مۇنداق سۆزلىرى ئەسلىتىلگەن: «تارىخنى ئەسلىگىنىمدە، خۇددى تاغلار ئارىسىدا ياڭرىغان كولدۇرما ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم، بىپايان قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزانلارنى كۆرگەندەك بولدۇم» . خۇددى ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا دېيىلگىنىدەك، خىتاينىڭ «يىپەكتەك يۇمشاق سۆزلىرى» گە ئىشەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى زادى نېمە بولدى؟ مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەر نېمە ئۈچۈن لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالدى؟ تاغلار ئارىسىدا ياڭرىغان كولدۇرما ئاۋازلىرى خىتاي رەئىسىنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس، تەكلىماكاندىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزانلار ئۇنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ قويدىمۇ؟ خىتاي ئۆلكىلىرىگە قوش لىنىيەلىك تۇرۇبا يولى بىلەن ئېقىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نېفىت ۋە گازلىرىنىڭ، پىلانسىز ئېچىلىپ ئىچكىرىگە يۆتكەپ كېتىلىۋاتقان يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ ھېسابىغا نېمە بېرىلىۋاتىدۇ؟ بۇلاڭچىلىق بىلەن تىجارەت ئارىسىدا زادى نېمە پەرقلەر بار؟ «ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش» مۇناسىۋىتىدە تەڭ باراۋەرلىك ۋە ئادالەتنىڭ نېمە رولى بولۇۋاتىدۇ؟
تارىختا خىتاي جاڭ چيەندىن «خەن مەلىكىسى» نى ئۇيسۇنلارغا «كېلىن» قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن ھونلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان بولسا؛ بۈگۈن كوممۇنىست خىتاي «قەرز سىرتمىقى» نى يۇمشاق يىپەككە ئوراپ، «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى ئەللەرگە سۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ بەلباغدىكى مېھمانلىرىنىڭ بىلىگە باغلىغان «بەلباغ» لىرى ئاستا-ئاستا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، «سىرتماق» قا ئايلىنىۋاتىدۇ. خىتاي يايغان بۇ ئۇزۇن يىپەك بەلباغنىڭ سىرتمىقىغا ئىلىنىپ ئۈرۈمچىدىكى «كۆرگەزمە» گە قەدەم تەشرىپ قىلغانلارنىڭ، شۇنداقلا ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇپ خىتاينىڭ «يىپەكتەك يۇمشاق» سۆزلىرىدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.