ب د ت جەنۋە دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇم قاماللىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. بولۇپمۇ چىداش مۇمكىن بولمىغان ئېغىر ئاچارچىلىق ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىغا قويغان قاتتىق چەكلىمىلىرىگە قارىماي، ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ئاۋازىنى چىقىرىشقا باشلىدى.
ئەسلىدە بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى بايقالغان جايلارنى ۋاقىتلىق قامال قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋاقىتلىق قامال بىر ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلغان. ئاچارچىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە بىر قىسىم ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىگىمۇ سەۋەب بولغان. تىك-توك، ئۈندىدار ۋە ۋىيبو قاتارلىق خىتاي تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بولۇپمۇ يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان غۇلجا شەھىرىدە ئاچارچىلىق مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىر بولغان. ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر قامال تۈزۈمى ئاستىدىكى ئاچارچىلىق، كېسەللىك ۋە ئۆلۈم-يىتىملارنىڭ كۆپىيىشتەك ئېغىر ھادىسىلەرگە چىدىماي، كوچىلارغا چىقىشقا مەجبۇر بولغان ۋە بۇ سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۇقۇم تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

قارايدىغان بولساق، 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «يوقىرى يۇقۇم رايونى» قىلىپ بېكىتىلگەن 150رايوننىڭ سانى 9-سېنتەبىرگە كەلگەندە، ئاران 147 گە چۈشۈرۈلگەنلىكى، غۇلجا، ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق جايلاردىن باشقا يەرلەردە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. 9-سېنتەبىر ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇم ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا غۇلجادىكى تۆۋەن يۇقۇم ھالىتىدىكى 74 كەنتتە قامال سىياسەتلىرى بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى يۇقۇم ھالىتىدىكى رايونلاردا يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنىمۇ ئېلان قىلغان. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى (توققۇزىنچى )» بويىچە، تۈرگە ئايرىپ، يۇقۇم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىسى بويىچە يۇقۇم تەدبىرلىرى بىكار قىلىش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئەمما يۇقىرى يۇقۇم رايونىدىكىلەرگە «ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق، مۇلازىمەتنى ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىش»، ئوتتۇرا يۇقۇم رايونلىرىدا «رايوندىن ئاتلىماسلىق، كارتا بىلەن سىرتقا چىقىش»، تۆۋەن يۇقۇم رايونىدا بولسا «توپلىشىشتىن ساقلىنىش، ئۆزىگە ئۆزى مەسئۇل بولۇش» تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر يەنە 10 كۈنگىچە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن تۆۋەن يۇقۇم رايونلىرىدا قامالنى بىكار قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى يۇقۇم رايونلىرى دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى قامالنى بىكار قىلىشقا ياكى قامال دەرىجىسىنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىگە ئالاقىدار ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.
دەرۋەقە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارى، جۈملىدىن غۇلجادىكى يۇقۇم قاماللىرىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرگىنى يوق. دېمەك، پۈتۈن دۇنيا خەلقى «يۇقۇمغا قارشى كۈرەش قىلىش» تىن ۋاز كېچىپ، «يۇقۇم بىلەن بىرگە ياشاش» نى تاللىغان، كىشىلەر نورمال ھاياتىنى باشلاپ كەتكەن، ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ يۇقۇم قاماللىرى بىر قەدەر بوشىغان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇم قاماللىرى يەنىلا ئەڭ ئاشقۇن شەكىلدە داۋام قىلىدىغانلىقى شەكسىز!
ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قەدەر ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قوغداشمۇ ياكى جەمئىيەتنى كونترول قىلىشمۇ؟
بۇ يىل 12-ئاۋغۇستتا غۇلجا شەھىرى يۇقۇم سەۋەبلىك قامال قىلىنغاندىن كېيىن، 22-ئاۋغۇستتا ئىلى ئوبلاستلىق پارتىكومنىڭ سېكرىتارى پۇ شۆمېي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە تور يىغىنى ئاچقان. ئۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنى قاتتىق كونترول قىلىش ھەققىدىكى يوليورۇقىغا ئاساسەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش بۆلۈمىنىڭ «غۇلجا غەلىبە قىلسا، ئىلى ئوبلاستى غەلىبە قىلغان بولىدۇ، ئىلى ئوبلاستى غەلىبە قىلسا، پۈتۈن شىنجاڭ غەلىبە قىلغان بولىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشنى، خەتەرلىك كىشىلەرنى بىرنى قويماي تارتىپ چىقىرىش ۋە تازىلاش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. «تەڭرىتاغ تورىن» ىڭ بۇ يىل 20-ئاۋغۇستتىكى بىر خەۋىرىدىمۇ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ئاساسىي قاتلامدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىڭتۇەن بىلەن ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمنى ھەربىر شەخسلەرگىچە قاتتىق كونترول قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.
دەرۋەقە، غۇلجادا يۇقۇمنى يوقىتىش غەلىبىسى، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غەلىبىسى بولىدىغانلىقىدەك بۈيۈك چاقىرىقلارنىڭ كەينىدە ھەقىقەتەن يۇقۇمنى تىزگىنلەپ، خەلقنىڭ ھاياتىنى قوغداش مەقسەت قىلىنغانمۇ ياكى «ئۈچ خىل كۈچ» كاتېگورىيەسىگە ئايرىلىپ، يوقىتىش نىشانى قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىرەر شۇملۇم بارمۇ؟
ئۇيغۇر دىيارىدا 2013-يىللاردىن باشلاپلا «ئۈچ خىل كۈچ» نى يىلتىزىدىن يوقىتىش نامىدا «زەنجىرسىمان باشقۇرۇش تورى» (网洛化管理) ۋە «بىرلىشىپ باشقۇرۇش مېخانىزىمى» (群防群治机制) يولغا قويۇلغانىدى. بۇ ئۇسۇل خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «فېڭچياۋ مودېلىنىڭ شىنجاڭ نۇسخىسى» دا «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈمى» دەپ تەرىپلەنگەن. مەزكۈر سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خىتاي مەمۇرلىرى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە كۆچۈپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارنى 24 سائەت نازارەت ئاستىغا ئالغان ۋە كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، لاگېرغا قاماش قاتارلىق پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. ھەيران قالارلىقى بۇ قېتىملىق كوۋىد يۇقۇمىنى يوقىتىشتىمۇ ئوخشاشلا «فېڭچياۋ مىتودى» نى قوللانغان.
غۇلجادىكى زەنجىرسىمان باشقۇرۇش تورى ۋە بىرلىشىپ باشقۇرۇش مېخانىزىمىغا دائىر ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى زەنجىرسىمان باشقۇرۇش تورى شەكىللەندۈرۈشتە، ئاھالىلار رايونىدىكى ھەر بىر مەھەللە، قورو-جايلارغا بىردىن مەسئۇل خادىم ئورۇنلاشتۇرغان. قۇلۇم-قوشنىلار ئارا نازارەت قىلىش، كىشىلەر بىر بىرىنى نازارەت قىلىش، مەسئۇل خادىملار ئۆزىگە تەۋە ئائىلىلەرنىڭ يۇقۇم قامالى مەزگىلىدىكى كۈندىلىك ئېھتىياجلىرىدىن چىقىشقا مەسئۇل بولۇش، مەسىلە كۆرۈلسە يۇقىرىغا مەلۇم قىلماي، ئۆز جايىدا بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇلغان. مەھەللىلەرگە ياشلار ۋە پارتىيە ئەزالىرىدىن پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىپ، «پارتىيە ئەزالىرى ئالاھىدە ئەترىتى» (党员突击队) قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، نازارەت قىلىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلغان. شۇنداق قىلىپ. «فېڭچياۋ مودېلى» دىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، ھۆكۈمەتتىن ئائىلىگىچە گىرەلەشكەن ئالاقە تورى مۇھىتىدا يوچۇق قالدۇرماي تېزگىنلەش دەرىجىسىگە يەتكەن، يەنى كەنتلەر كەنتلەرنى، ئاھالىلەر ئاھالىلەرنى نازارەت قىلىدىغان، قوشنىلار قوشنىلارنى، پۇقرالار بىر-بىرىنى نازارەت قىلىدىغان، كۈندۈزى كوچىلار ئاق خالات كىيگەن قوغدىغۇچىلار ۋە ساقچىلارغا، كېچىسى چارلىغۇچى، جېسەكچىلەرگە تولغان گويا «ئون يىللىق مالىمانچىلىق»، «ئاچارچىلىق» ۋە «قىزىل قوغدىغۇچىلار» دەۋرىدىكىدەك قورقۇنچلۇق مەنزىرە پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان.
دېمەك، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى پەقەت يۇقۇمنى يوقىتىشنىلا مەقسەت قىلغان بولۇشى ناتايىن. چۈنكى يۇقۇم داۋامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقالغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىشەنچ، مېھرى-مۇھەببەتنى يوقىتىپ، بىر-بىرىگە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملارنى قىلىشىغا سەۋەب بولغان «فېڭچياۋ مودېلى» ئۇيغۇرلارغا كار قىلمىغان. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى سۇسلىتىپ قويالمىغان، ئىشەنچىنى يوقىتالمىغان، ئۇيغۇرلاردىكى ئۇيۇشۇش كۈچىنى، ئۇيغۇرلۇق روھىنى سۇندۇرالمىغان. ئەمما دەل بۇلار خىتاينى ئەنسىرىتىدىغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇق يىلتىزى ئىدى. ھالبۇكى، بۇ يىلتىز شۇنچە قاتتىق سىياسىي بوران-چاپقۇنلاردىمۇ يەنىلا ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمىغانىدى. بولۇپمۇ غۇلجادىكى قاتتىق قامالدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مىننەتسىز ياردەملىرى، بىر-بىرىنىڭ دەردى ئۈچۈن يىغلاپ، ئازابلىرىغا ھەمدەم بولۇشلىرى خىتاينى تېخىمۇ چۆچۈتكەن. غۇلجا ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرلۇق كىملىكى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان زېمىن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ «غۇلجادا يۇقۇم يوقالسا، پۈتۈن شىنجاڭ غەلىبە قىلىدۇ» دېيىشى، بەلكى سەۋەبسىز بولمىسا كېرەك.
خىتاينىڭ بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ يىل 7-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ئاتالمىش شىنجاڭ دوكلاتىنىڭ كەينىدىكى سىرلار» ناملىق دوكلاتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭيىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتىنىڭ 2019-يىلىلا تەييارلىنىشقا باشلىغانلىقى ۋە بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئويدۇرما ۋە چەت ئەلدىكى «ئۈچ خىل كۈچلەر» ھەمدە غەرب دۇنياسىنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۈر دوكلاتنىڭ قاچان ۋە نېمە سەۋەبتىن تەييارلانغانلىقىدىن تولۇق خەۋەردار. بۇ سەۋەبتىن دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «فېڭچياۋ مودېلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش» مېخانىزىمىدا داۋام قىلغان.
دېمەك، دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىلا «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى ئارتىلىپ، جياڭ زېمىن دەۋرىدە «ئۈچ خىل كۈچ» نامى پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا كۆرسىتىدىغان جىنايى نامغا ئايلانغىنىدەك، شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى «فېڭچياۋ مودېلى» بويىچە «ئۈچ خىل كۈچ» نى يوقىتىش ھەرىكىتىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانۇنلۇق باستۇرۇشىنىڭ ئومۇمىي ئېقىمىغا ئايلانغان. بۇ ۋەجىدىن، ئۇيغۇر دىيارىدا، بولۇپمۇ غۇلجادا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا «فېڭچياۋ مودېلى» نىڭ قوللىنىشى، تەبىئىيلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان.
خۇلاسە قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجادىكى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئۇيغۇر ئېلىنى خەلق ھەرىكىتى ئارقىلىق خىتاي نازارىتى ئاستىغا ئومۇميۈزلۈك ئېلىش، ئۇيغۇرلارنى ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان، ھەتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دوكلاتى سەۋەبلىك خىتاينىڭ خەلقئارادا جىنايى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدىغان ئەھۋال يۈز بەرگەندىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئالىبۇرۇن شەكىللەندۈرگەن بۇ خىل نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قېلىش ۋە جاۋابكارلىقتىن قېچىشنى مەقسەت قىلغان.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.