يۇقۇمىنىڭ قايتا يامرىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا يەنە قانداق ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.01.04
beyjing-doxturxana-kowid-waba.jpg ماسكا تاقىۋالغان كىشىلەر بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىنىڭ كارىدورىدا، ئاسما ئوكۇل ئۇردۇرىۋاتقان ياشانغان تۇققانلىرىغا قارىماقتا، 2023-يىلى 3-يانۋار، بېيجىڭ.
AP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلدىن باشلاپ قاتتىق رەۋىشتە  يولغا قويغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 2022-يىلى  12-ئايدا يۇقۇم تەدبىرلىرى بىراقلا بوشىغانىدى. نەتىجىدە  2023- يىلى يېڭى يىلنىڭ ئالدى كەينىدە  خىتايدا كورۇنا ۋىرۇس يۇقۇمى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يۇقۇم ھەققىدىكى خەۋەرلەر قاتتىق قامال قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما  ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە  يۇقۇمنىڭ ئەۋج ئالغانلىقى ئاشكارىلانغان.

سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن بېيجىڭ شاڭخەي قاتارلىق خىتاينىڭ چوڭ  شەھەرلىرىدە  ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىدا نۆۋىتى كۈتۈلۈۋاتقانلىقى، ھەتتا  كۆيدۈرۈش نۆۋىتى تەگمىگەنلەرنىڭ مەھەللە  ئولتۇراق رايونلىرىدا، يېزا -كەنتلەردىكى ئېتىزلىقلاردا  كۆيدۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا.

   ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ يۇقۇمغا دائىر بارلىق ئۇچۇرلار  قامال قىلىنغان.   تەڭرىتاغ تورى ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا،  شۇنىڭدەك  خىتاي ئۇچۇر تورى قاتارلىقلاردا ئىلگىرى ھەر كۈنلۈك يۇقۇم ئەھۋالى ئاز بولسىمۇ خەۋەر قىلىنىپ تۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما  نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم  ئەھۋالىغا ئائىت ھېچقانداق  ئۇچۇرلار كۆرۈلمەس بولۇپ كەتكەن. بۇ، ئارقىلىق  خۇددى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا  يۇقۇم  نۆلگە چۈشۈرۈلدى، ھەممە خىزمەتلەر، ئىشلەپچىقىرىش، ھاياتلىق پائالىيەتلىرى  ئەسلىگە كەلدى دېگەندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرمەكچى بولۇشقان. ھەقىقەتەن ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقۇملىنىش يوقمۇ؟

ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە  قالغان  ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا  يۇقۇمنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا. ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەننىڭ  بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.

 ئۇ، تۇغقانلىرىنىڭ بەزىلىرى ساقايغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم تۇغقانلىرىنىڭ يەنىلا ساقىيالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

نۆۋەتتە دوختۇرخانا ۋە دورىخانىلاردا زۇكام، قىزىتما دورىلىرى ئىنتايىن كەمچىل بولغىنى ئۈچۈن، يۇقۇملانغانلار ئەنئەنىۋى تېببىي داۋالاش  ۋە تاماق بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىدا  ئۆز ئۆيلىرىدە  داۋالىنىشقا مەجبۇر بولماقتىكەن.

 چەتئەللەردىكى  پائالىيەتچىلەردىن شىۋېتسىيەدىكى  لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېڭى يىل ھارپىسىدا بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە قازاقىستاندىكى تونۇشلىرى ئارقىلىق يۇرتىدىكى تۇغقانلىرى ۋە تونۇشلىرىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ  ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان.

ئەمما دائىرىلەر يولغا قويغان ئۇچۇر قامالى سەۋەبلىك، ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق  يېڭى  ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلمىگەن.

سايراگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇنى ئەڭ ئەنسىرىتىۋاتقىنى،  رايوندا يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىنى قامال قىلىشىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مەقسىتى ئىكەن. 

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۇ قېتىمقى يۇقۇمنى باھانە قىلىپ، يىللاردىن بۇيان  داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

 ئۇ سۆزىدە، دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق خىتاي بولمىغان  خەلقلەردىن ئاتالمىش «تەربىيەلەش» نامىدىكى تۇتقۇن مۇددىتى تولغاندىن كېيىن،  قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تۈرمىدىن چىقىپلا ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى ئۆزىنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ: «ھازىرقى ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى  لاگېر-تۈرمىلەردىكىلەرنى  ۋە لاگېر سىرتىدىكى ئۆزلىرى نىشان قىلغان بەزى كىشىلەرنى  ۋىرۇس يۇقۇمى بىلەن ئۆلگەن دەپ جاكارلاپ ئۆز جىنايەتلىرىدىن تېنىۋېلىشى مۇمكىن » دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەنمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتايدا بۇ نۆۋەت قوزغالغان كورۇنا ۋىرۇسى يۇقۇمىدا ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى ھەر كۈنى دېگۈدەك نەچچە مىڭلاپ   كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەر خىل قاناللار ئارقىلىق دۇنيا تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئېغىر ۋاباغا ئايلانغان يۇقۇم ۋە  خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان  دورا قەھەتچىلىكى،  نۆۋەتتە   3 يىل ئىلگىرى خىتايدا يۇقۇم باشلانغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن  ماسكا قەھەتچىلىكىدەك چەتئەللەردىمۇ يۇقۇمنىڭ يەنە بىر قېتىملىق يامرىشى ۋە دورا يېتىشمەسلىك ئاپىتىنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلار قامال قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچىدە يۇقۇمدىن ئۆلگەنلەر ھەققىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بۇ قەدەر قاتتىق قامال قىلىشى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئېغىر ئەندىشىدە قالدۇرماقتىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە،  ئۇچۇرلارنى قامال قىلىش قاتارلىقلار  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە  يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي  قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ  يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.