2018-يىلى 15-يانۋار ئىستانبۇلدا «يۈز مەشھۇر ئۇيغۇر» ھەققىدە سۆھبەت بولدى. سۆھبەتتە ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەتئىلى مەمەتئىمىن ئەپەندى «بىر زەرگەر ئۇيغۇرنىڭ تارىخىدىكى تەرجىمىھالى چېچىلىپ كەتكەن قەدىمدىن بۈگۈنگىچە بولغان تۆھپىلىك ئەجدادلارنى بىر كارۋان قىلىپ تىزىپ چىقتى. 2008-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۆزىگە ئوت ياققان بۇ كىشى تارىختا ئەجدادلار قالدۇرغان مەشئەلگە قايتا ئوت ياققان بولدى،» دېدى.
ئاپتور مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ كەسپى زەرگەر بولۇپ 2008-يىلى ئۆزىگە ئوت يېقىپ خىتاي زۇلۇمغا قارشى ئىرادىسىنى نامايان قىلغان ئىدى.
سۆھبەتتە كىتابتىكى قەھرىمانلارنىڭ روھى، ئالىملارنىڭ پىداكارلىقى، داھىيلارنىڭ پەزىلەتلىرى، ئىجادكارلارنىڭ خىسلەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. سۆھبەتكە تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، قۇتادغۇبىلىك ئىلىم ۋە تەتقىقات جەمئىيىتى، ئۇيغۇريار فوندى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋەكىللىرى ۋە ئوقۇرمەنلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى.
سۆھبەتتە مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى، كىتابنى يېزىش جەريانىدا بەزى گۇمانلىق ماتېرىياللارنى دەلىللەش جەريانىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئىستانبۇلدا ياشايدىغان زىيالىي مەمەتئىلى مەمەتئىمىن «يۈز مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن كىتابتىكى ئەجدادلارنىڭ تارىخى، ئىش-ئىزلىرى ۋە يانماس ئىرادىسى بۈگۈن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ زۇلمەتلىك چاغلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن جاسارەت مەنبەسى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
قۇتادغۇبىلىك ئىلىم ۋە تەتقىقات جەمئىيىتىدىن دىنىي ئۆلىما ھەبىبۇللاھ كۈسەنى «يۈز مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن بۇ كىتابنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ھەبىبۇللاھ كۈسەنىنىڭ ئېيتىشىچە، قۇرئاندا تارىختىكى خەلقلەر، تارىخى شەخسلەر ۋە ۋەقەلەر ھەققىدە ئايەتلەر نازىل قىلىنغان ئىكەن.
سۆھبەتتە زىيالىيلار، ئۇستازلار ۋە ئوقۇرمەنلەر ئاپتورنىڭ كىتابنى يېزىشتا كۆرسەتكەن غەيرىتىگە ئاپىرىن ئېيتىشتى. بولۇپمۇ بۇرۇنقى مەلۇماتلاردا ئېنىقلانمىغان مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنىڭ مەزكۇر كىتابتا روشەن بايان قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مۇشۇنداق مەخسۇس كىتابلار ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇش ئۇيغۇرلاردا كىتاب يېزىش قىزغىنلىقى قوزغاش ۋە ئوقۇرمەنلەر توپىنى زورايتىشتا ئەھمىيەتلىك ئىكەن.
كىتابتىكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارنى تىلغا ئالغاندا كۈسەنى ئايال تۆھپىكارلارنىڭ كەم قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. زىيالىيلار كىتابتا مەنبەلەرنىڭ كەملىكى، رىۋايەتلىك شەخسلەرنىڭمۇ يېزىلغانلىقى، ئىجابىي شەخسلەرنىڭلا تىلغا ئېلىنىپ، سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن ئىبرەتلىك شەخسلەرنىڭ بولمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشتى. ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇر قەھرىمان ئاياللاردىن ھاشىرخان، تاتلىقخان، گۈلەمخان قاتارلىقلارنىڭ يېزىلماي قالغانلىقى ھەققىدە ئوي-پىكىرلىرىنى بايان قىلىشتى.
سۆھبەت ئۇيغۇرچە كىتابلارنى قانداق قىلغاندا قۇلاي ئۇسۇل، قىسقا ۋاقىت ۋە ئەرزان باھادا تارقاتقىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئاللار ھەققىدە قىلىنغان مۇنازىرىلەر. مۇھاجىرەتتە نەشرىياتچىلىقنى تاۋارلاشتۇرۇش ھەققىدىكى قىزغىن مۇلاھىزىلەر بىلەن ئاخىرلاشتى.