خىتاي دائىرىلىرى 11 - ئىيۇن خىيانەتچىلىك، سىياسىي گۇرۇھۋازلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان سابىق كومپارتىيە سىياسىي بيۇرۇ دائىمىي ئەزاسى جۇ يۇڭكاڭغا سوت ئېچىپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇ يۇڭكاڭ خىتايدا 70 - يىللارنىڭ ئاخىرى سوتلانغان «4 كىشىلىك گۇرۇھ» دېلوسىدىن كېيىن سوتلانغان بىردىن - بىر سىياسىي بيۇرۇ دائىمىي ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا ھۆكۈمىگە قايىل بولۇپ، قايتا ئەرز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خەلقئارا مەتبۇئاتلار خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ، ئېغىر پارىخورلۇق، سىياسىي گۇروھۋازلىق جىنايەتلىرى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان جۇ يۇڭكاڭغا بېرىلگەن جازانىڭ پەرەزدىكىدىن جىق يېنىك بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى تارقاتقان سابىق خىتاي ئەمەلدارى جۇ يۇڭكاڭ ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، بۇلتۇر پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيە سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ سابىق دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ ئۈستىدىن تيەنجىن 1 - ئوتتۇرا سوتىدا سوت ئېچىلىپ، ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خىتاي خەۋرلىرىدە يەنە، پارىخورلوق بىلەن ئەيىبلەنگەن جۇ يۇڭكاڭ ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنىڭ ئادىل بولغانلىقى، جۇ يۇڭكاڭنىڭ قايتا ئەرز سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، جۇ يۇڭكاڭنىڭ سوتتا «مەن جىنايىتىمنى تونۇدۇم، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرگە بەرگەن پارىلىرى ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ھوقۇقۇمدىن مەنپەئەت ئېلىش مەقسىتىدە بولغان. مەن ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىشىم كېرەك. چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ شەخسى مەنپەئەتىم ئۈچۈن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدىم. مېنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىمنىڭ ماددى پاكىتلىرى تۇرۇپتۇ، مەن دۆلەت ۋە كومپارتىيىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدۈم. مېنىڭ مەسىلەمگە قانۇن بويىچە بېرىلگەن جازا، پارتىيىمىزنى تۈزەش، قانۇن بويىچە دۆلەتنى تۈزەش روھىغا ئۇيغۇن» دېگەنلىكى نەقىل ئېلىنىپ، جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمگە قايىل بولغانلىقى بايان قىلىندى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى خوڭكوڭدىكى سىياسىي ئانالىزچى لىن خېلىننىڭ: «بىر يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېغىر پارىخورلۇق، سىياسىي گۇروھۋازلىق جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلىۋاتقان جۇ يۇڭكاڭغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئىلگىرىكى مۇنازىرىلەردە تارقالغان جو يۇڭكاڭغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن دېگەن پەرەزلەردىن جىق يېنىك بولدى» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمرانلىقى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن ئەمەلدارلىرىغا ھامان «كەڭچىلىك» قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي سوتىنىڭ سابىق ئەمەلدارى جۇ يۇڭكاڭ ئۈستىدىن چىقارغان مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈمىگە ھەيران قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشتا ھەر ۋاقىت، ئۆز ئەلدارلىرىدىن كومپارتىيىگە سادىق بولۇشنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا جۇ يۇڭكاڭغا ئوخشاش پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىك جىنايى قىلمىشلىرى ئاشكارىلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئەمەلدارلىرىغا جازا ھۆكۈمى بەرگەندە، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ساداقىتىنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە، جۇ يۇڭكاڭنىڭ يېقىنلىرىدىن بولغان ئەمەلدارلاردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلارنىڭ پارىخورلوق، خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرى ھەققىدە ئاشكارىلانغان نۇرغۇن پاكىتلار بولسىمۇ، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ يەنىلا جازاغا تارتىلماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ جازاغا تارتىلماسلىقىغا، ئۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00