زو زۇڭتاڭ ھەقىقەتەن قەھرىمانمۇ ياكى رەھىمسىز جاللاتمۇ؟ (2)

بېرلىندىن ئوبزورچىمىز ئابلەت سەمەت تەييارلىدى
2023.09.25
كەلپىن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى خادىمى: «مەكتەپلىرىمىزدە ئۇيغۇرچە دەرس يوق، دۆلەت تىلى ئومۇملاشتى» يەكەن 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى پاسونىدىكى كىيىملەر كىيدۈرۈلۈپ، خىتاي ئەدەبىياتى ئۆگىتىلمەكتە. 2018-يىلى ئۆكتەبىر.
xjyc.gov.con

خىتايلارنىڭ زو زۇڭتاڭنى ئۇلۇغلاش ئويۇنلىرى شۇ دەرىجىدە قىزىپ كەتكەنكى، ئۇنىڭ ئىز باسارلىرى ئاخىرىدا ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى دەرەخلەرگىمۇ تەتبىقلاش ئۇسۇلىنىمۇ ئويلاپ تاپقان. زو زۇڭتاڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تىكىلگەن دەپ پەرەز قىلىنغان دەرەخلەرگىمۇ بۇ تەشۋىقاتتا تېگىشلىك ۋەزىپە بېرىلگەن.

ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، زو زۇڭتاڭ قەدىمى يەتكەن يەرلەرگە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان سۆگەت دەرىخىنى تىكىشنى تەلەپ قىلغانمىش. قۇمۇل ۋە ئۈرۈمچىدىكى نەچچە يۈزلىگەن قېرى سۆگەت دەرەخلىرى ئەنە شۇ ۋاقىتتىن قالغانمىش. بەزىلەر بۇ دەرەخلەر ئۇ يەرلەرنىڭ مەنچىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن «ئازاد قىلىنغانلىقى» نىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە تىكىلگەن دېسە، يەنە بەزى بىلەرمەنلىرى سۆگەت كۆچەتلىرىنىڭ خۇنەندىن ئېلىپ كېلىنىپ يېڭى ياسالغان يوللارنى قۇم بۇرانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن تىكىلگەن دېيىشىۋاتىدۇ.

بۇ رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، خۇددى زۇ زوڭتاڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلىشتىن بۇرۇن، ئۆزىگە خاس چىرايلىق مەنزىرىسى ۋە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئېلىدە بۇرۇن سۆگەت دەرىخى يوق ئىدى دېيىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمىي دەرەخلىرىدىن بىرى بولغان سۆگەت دەرىخىنىڭ ئەزەلدىنلا يۇرتىمىزدا ئۆسىدىغانلىقى، ھەتتا بىر قىسىم يەر ناملىرىنىڭمۇ بۇ دەرەخ ئىسمى بىلەن ئاتالغانلىقىنى خىتاي تارىخ ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆزىمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇلاردىن بىرى تۇرپاندىكى مەشھۇر تارىخىي يەر قاراغۇجا «مىڭنامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە خىتايچە «لىيۇ چېڭ»، «لۇ چېن» ياكى «لىيۇ چېن» دېگەن ئىسىملار بىلەن خاتىرىلەنگەن. قاراغۇجىدا سۆگەت دەرىخىنىڭ كۆپلۈكى بۇنداق بىر ئىسىمنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان. سۆگەتنىڭ خىتايچە تەرجىمىسى «لىيۇ» بىلەن ياسالغان يەر ناملىرى خىتاينىڭ «تاڭنامە» سىدىمۇ ئۇچرايدۇ.

مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ ياللانمىسى زو زوڭتاڭ.
مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ ياللانمىسى زو زوڭتاڭ.
wikipedia.org

مارشال برۇمھالل (Marshall Broomhall) «خىتايدىكى ئىسلام» ۋە مارك بېلل(Mark Bell) «1861-يىلى ۋە 1895-1896-يىللاردىكى تۇڭگان قوزغىلىڭى دۆلىتى» ناملىق ئەسەرلىرىدە دەسلەپكى 15 يىل ۋاقىت ئىچىدە زو زۇڭتاڭ سالغان ۋەيرانچىلىقنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: «گەنسۇنىڭ نوپۇسى 15 مىليوندىن 1 مىليونغا ئازايدى، . . . مۇسۇلمانلاردىن 3 كىشىدىن ئىككىسى ئۆلتۈرۈلدى. كىلومېتىرلارچە ئۇزۇنلۇقتىكى مەھەللىلەر ۋە ئېتىزلىقلار خارابىلىققا ئايلاندى. مۇنبەت يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى چۆلگە ئايلاندى».

ئەگەر زۇ زوڭتاڭنىڭ يول بويى سۆگەت دەرىخى تىككەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايىلەر راست بولسا ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا بۇ تارىخچىلار خارابىلىق سۆزىنىڭ ئورنىغا بوستانلىق يازماسمىدى؟ ئەگەر ھەقىقەتەن قۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن دەرەخ تىككەن بولسا، دۇنخۇاڭ بىلەن قۇمۇل ئارىلىقىدىكى بىپايان قۇملۇقلاردا شۇ دەرەخلەرندىن بىرەرسىنىڭ قۇرىغان غولى ياكى يىلتىزى ساقلىنىپ قالماسمىدى؟!

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بىر تەرەپتىن ئۇنى ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمان دەپ ماختىسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەنە خىتاي رۇجىئا ئېقىمىنىڭ پېشىۋالىرىدىن دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭ قاتىللىق جىنايىتىنى رۇجىئا ئېقىمىدىكىلەردە بار دەپ قارالغان «رەھىمدىللىق» پەردىسى ئاستىغا يوشۇرغان.

خەۋەردە، شىنجاڭ مۇزېيىدا «شىنجاڭ تارىخى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى» گە قويۇلغان، زو زۇڭتاڭنىڭ يازغانلىقى قەيت قىلىنغان بىر خىتايچە ھۆسنىخەتكىمۇ يەر بېرىلگەن. ھۆسنىخەتتە مېڭزى (孟子) ۋە كوڭجى (孔伋) لارنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىدىن تاللانغان «كەچۈرۈم»، «ئاق كۆڭۈللۈك» ۋە «سەمىمىيلىك» ھەتتا «ئەخلاق» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى ئەقلىيە سۆز بار. بۇ ياغلىما سۆزلەرنىڭ ۋە ئەمەلىيەتتە ئىپادىلەنگەن «رەھىمسىزلىك»، «ساختىپەزلىك» ۋە «ئەخلاقسىزلىق» لارنىڭ بىر ئادەمگە تەۋە ئېكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ قىيىن. زو زۇڭتاڭنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى تەبىئىي ھالدا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىر قىسىم غەلىتە داۋراڭلىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. ئۇنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىسلام دىنىنى رۇجىيا تەرىقىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىشى بۇنىڭ بىر مىسالى. ئۇنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ 23-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك دۆلەتلىرى يىغىنى جەريانىدا جەنۇبىي ئافرىقانىڭ «يۇلتۇز گېزىتى»، «مېركۇرىي گېزىتى» ۋە جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەقىل تاراتقۇ تور بېكىتىدە يوللىغان مەخسۇس چاقىرىقىدا، خىتاي كوڭزىچىلىق ئىدىيەسى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقانىڭ ubuntu ئىدىيەسىنىڭ «مېھرىبان بولۇش»، «جانلىقلارنى ئاسراش» ھەققىدىكى قاراشلىرىدا ئوخشاشلىق بار دەپ چالۋاقىغانلىقى ۋە ئارقىدىنلا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىشنى راسا تەكىتلىگەنلىكى شى جىنپىڭنىڭ زو زۇڭتاڭنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىشلىرىدىن يەنە بىرى.

زو زۇڭتاڭنىڭ ناھەقچىلىكىگە ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، زېمىنى ۋە ئەركىنلىكى قولىدىن ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى جاللات ياكى ئەزرائىلدىن پەرقلىق بىر مەخلۇق ئورنىدا تەسەۋۋۇر قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ قاباھەتلىك يىللارنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان زو زۇڭتاڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئادالەتسىزلىك ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان ھەر بىر ناھەقچىلىك، رەھىمسىزلىك ۋە زىيانكەشلىك ئىچىدە ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. تېخى 1980-يىللاردا پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا قوللىنىلغان تارىخ دەرسلىكلىرىدە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغان قانخور دەپ تەنقىد قىلىنغان بىرىنىڭ ئەمدىلىكتە مىللىي قەھرىمان دەپ ئاتىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى، نەپرىتى بىردىنلا شەپقەتكە ئايلىنىپ، بۇ زالىمنى كۆككە كۆتۈرۈش ئارقىلىق زادى نېمە دېمەكچى؟

خىتاي تارىخچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنى «ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر پارچىسى» دەپ داۋراڭ سېلىشسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىنلا بۈگۈنكى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەجدادى ھۇنلارغا تەۋە بۇ زېمىنغا مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە تۇنجى قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكى ئېنىق بىلىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا قىسقا بىر مەزگىل ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگەللىۋېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي كۆزدىن يوقالغان تاجاۋۇزچىلار تاكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مەنبەلەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ كەتمىگەن. ئىلىمنى ئادالەتسىزلىكنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرغان خىتاي تارىخچىلىرى ئەجدادلىرىنىڭ 751-يىلى تالاس ئۇرۇشىدا بۇرنىغا يېگەندىن كېيىن قانداق تىز كەلگەن بولسا، شۇنداق تىز ئۇۋىسىغا قېچىپ كىرىپ كەتكەنلىكىنىمۇ بەلكىم ئۇنتۇپ قالمىغاندۇ؟!

شۇنىڭدىن كېيىن، پەرقلىق مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن خىتايلار، مەنچىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا 1759-يىلى ئويرات موڭغۇللىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغان.

1860-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ غەربىي تۈركىستاندا تۈركى خەلقلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى رۇسلارنىڭ قولىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش كۈرەشلىرى كۈچەيگەن. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى ئىلى رايونىدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى ئىلى سۇلتانلىقىنى قۇرغان ھەم تاجاۋۇزچى رۇسلارغا قارشى ئۇرۇش يارتىلىغان. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى تىل، ئۆرپ-ئادەت ۋە دىن جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە فەرغانە خەلقى ۋە قەشقەرىيە خەلقى بىرلىشىپ، يەتتە شەھەردىكى خىتايلارنى مەغلۇپ قىلىپ، 1865-يىلى ياقۇب بەگنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇستەقىل „قەشقەرىيە» دۆلىتىنى قۇرغان. شەنشى ۋە گەنسۇدىكى تۇڭگانلار قوزغىلىپ تىللارغا داستان قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، شەنشى ۋە گەنسۇنى مانجۇ ۋە خىتايلاردىن ئۈزۈل-كېسىل ئازاد قىلغان.

ئەپسۇسكى، تاجاۋۇزچى مەنچىڭ ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ بۇ ئازادلىق مېۋىسىدىن داۋاملىق ھۇزۇرلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. ھىيلىگەر ۋە ياۋۇزلۇقتا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زو زۇڭتاڭ يەرلىك ۋە چەتئەل بانكىلىرىدىن ناھايىتى كۆپ مىقداردا پۇل قەرز ئېلىپ، شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ زامانىۋى قۇراللىرىنى سېتىۋېلىپ ئەسكەرلىرىنى قوراللاندۇرۇپ شەنشىگە باستۇرۇپ كەلگەن. 1862-يىلىدىن 1873-يىلىغىچە دەسلەپ شەنشى كېيىنچە گەنسۇدا داۋاملاشقان ئۇرۇشتا تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىدىن بىر نەچچە مىليوندىن ئارتۇق كىشى قىرغىن قىلىنغان. 1877-يىلى زو زۇڭتاڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن. ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ھامىيلىقىنى قوبۇل قىلغان قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەمىرى ياقۇب بەگ باشتىن تارتىپلا ئۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، برىتانىيە ئىمپېرىيەسى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە ئوخشاش چوڭ كۈچلەرنىڭ مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنى توسۇشىنى ۋە مەسىلىنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىشنى كۈتكەن. موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى» ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلماستىن، داۋاملىق جەنۇبقا چېكىنىشكە بۇيرۇغان. ئۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگەن يەنە بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، قەشقەرىيەنى ھامىيلىقىغا ئالغان ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ دەل مۇشۇ ۋاقىتتا رۇسىيەگە قارشى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش ئىچىدە بولۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇزاق ئۆتمەستىن بۇ ئۇرۇشنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىشى بولدى. ياقۇب بەگنىڭ كېيىنچە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن قوپال سىياسىتى ۋە ھەسسىلەپ كۆپەيتىۋالغان باج سېلىقلىرى، قوقانلىكلەرنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، ئۇلارنى باج تۆلەشتىن ئازاد قىلغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىمايمۇ قالمىدى. شۇ سەۋەبتىن ‍ئۇيغۇرلارمۇ ياقۇب بەگنى يېتەرلىك قوللىمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى دەسلەپ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇپ، ھەل قىلغۇچ ۋاقىتتا ئىمانىدىن يېنىۋېلىپ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ تەرىپىگە ئۆتۈۋالغان ساختىپەز خىتايلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولغان.

ھەر خىل يوللار بىلەن ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ تۇرغان پۇرسەتپەرەس لىيۇ جىنتاڭ تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، ئۇرۇش سۈرىتىنى تېزلەتكەن. بۇ ۋاقىتتا زو زۇڭتاڭ ئەسكەرلىرىگە «ئەسىرلەرنى قەتلى قىلىش ۋە تەسلىم بولغانلارنىمۇ تىرىك قويماسلىق» دېگەن بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا سالغان زىيىنى بۇ ئۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن شىمالى قىسمىغا ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئاھالىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ، سۇ مەنبەلىرىنى ۋە مۇنبەت يەرلەرنى ئىگىلىۋالغان مەنچىڭ ئەسكەرلىرىگە تېرىقچى قۇل قىلىپ بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمرانلىرى تارىختا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقىتتىن تارتىپ مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇلار قولىغا پۇرسەت كەلسىلا رەقىبلىرىدىن ئۆچ ئېلىشنى، ئۇلارغا زىيان سېلىشنى ھەتتا تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى ئەقلىدىن چىقارمىغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىرى يولغا قويغان سىياسەتمۇ ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارا كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئۇلار بۇ رەھىمسىز پىلانىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشىغا ئازراق كۈچ چىقارغان كىشىلىرىنى قەھرىمانلىرىمىز دەپ كۆككە كۆتۈرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار بولسا، ئۇنداق كىشىلەرنى ئەيىبلەيدۇ، قارىلايدۇ ۋە يوقىتىش ئۈچۈن جىسمانىي ۋە روھىي رەزىللىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سالىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ «ئىشنى يىلتىزىدىن تۈزەش» نامىدىكى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش جەريانى. ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ مەشھۇر ئىشپىيونى جاڭ چيەننى ئۇلۇغلىشىنىڭ، دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلاردىن بىرى زو زۇڭتاڭنى كۆككە كۆتۈرۈشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. ئۇيغۇر تارىخى شەخسلىرىدىن مەخمۇد قەشقىرىنىڭ ھەيكىلىنى كۆزدىن يوقىتىشى، ھەقىقەتنى ئۆز خەلقىگە تونۇتقان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە تۇرغۇن ئالماستەك تارىخچى ئالىملارنىڭ ئىسمىغا چىش تىرنىقى بىلەن ئۆچ بولۇشىنىڭ سەۋىبىمۇ شۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى تېز كۆپىيىپ، تېز ئېرىۋاتقان تۇراقسىز ئىقتىسادىي بايلىقىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلغانسېرى، تەبىئىي بايلىقى ۋە كەڭ مۇنبەت تۇپرىقى بىلەن ئۆزىنى ئۈمىدلەندۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ. بۇ ئامەتنى ئۆزىگە ئېلىپ بەرگەن زو زۇڭتاڭدەك كىشىلەرنى ئەلۋەتتە كۆككە كۆتۈرىدۇ.

ئىنسانلار ئادەتلەنگەن تەبىئىي مۇھىتنى ئۆزگەرتىۋېتىش ۋە ھەتتا يەرلىكلەرنى تۇرمۇش ئادىتىگە، مۇھىت ۋە تەبىئەت قارىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان شەكىل ياكى كۆرۈنۈشلەرگە ئادەتلىنىشكە مەجبۇرلاش ئۇلاردا تەسۋىرلىگۈسىز روھىي بېسىم پەيدا قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا خاس باشقىچە بىر مۇھىت ھەم كۆرۈنۈشلەرگە ئادەتلەندۈرۈش، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جېنىغا ۋە ئەركىنلىكىگە قەست قىلغان زو زوڭتاڭنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق، ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي روھىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى يوقىتىپ ئۆزلۈكىدىن خىتايلىشىشقا قىستاۋاتىدۇ.

زو زۇڭتاڭ سەۋەبچى بولغان ۋە ئۇنىڭ قولى بىلەن باشلانغان، مىللەت ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرى 1949-يىلىدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قولىدا بەزىدە كۈچىيىپ بەزىدە ئاجىزلاپ، ئەمما ئۈزۈلمەستىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاللات زو زوڭتاڭنى، ئۆزىگە ئۈلگە قىلىشى ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لەر دەپ توسۇشلىرىغا پەرۋا قىلماستىن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان جىنايەتلىرى، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ توختاپ قالمايدىغانلىقىدىن دالالەت بېرىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتى پەقەتلا قىرغىنچىلىق ۋە قاتتىق قوللۇق قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايۋاتىدۇ. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەشھۇر بىر جاللاتنى دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈپ، گۆدەك بالىلارنىمۇ كىچىكىدىن باشلاپلا تەربىيەلەپ تېخىمۇ كۆپ زو زۇڭتاڭلارنى پەيدا قىلىش مەقسىتىدىن باشقا ئىش ئەمەس.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.