23-ئاپرېل كۈنىدىن 27-ئاپرېل كۈنىگىچە تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن9-قېتىملىق «ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ ياش رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى» دا زوراۋانلىققا تايانماستىن ھۆكۈمەتكە قانداق قارشى تۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «پۇقرالار كۈچى» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە تەيۋەنلىكلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. ئۇيغۇرلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندى، ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە ئەنگلىيەلىك ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ئەنۋەر توختى ئەپەندىلەر يىغىندا سۆز قىلغان. يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خەلقىگە، شۇنداقلا تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، زوراۋانلىققا تايانماي تۇرۇپ بۇنىڭغا قانداق قارشى تۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا تەيۋەن پارلامېنتىغا بېسىپ كىرىپ ھېچقانداق شىددەتكە تايانماي نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارغان تەيۋەنلىك ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى شىددەتكە تايانماي تۇرۇپ ھۆكۈمەتكە قارشى قانداق نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئورتاق قارار ماقۇللانغان بولۇپ، قاراردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، فالۇڭگوڭ ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىگە ئورۇن بېرىلگەندىن سىرت، ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.
بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشنى خالىسىڭىز بۇ يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭ.