زوردۇن سابىر: «ئىزدىنىش» تىن «ئانا يۇرت» قىچە

زوردۇن سابىر ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدىكى يىرىك يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھايات يولى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇساپىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى 50 يىللىق مۇرەككەپ تارىخىي كەچۈرمىشلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

1970-يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ داۋالغۇپ تۇرغان يىللىرىدا قولىغا قەلەم ئېلىشقا باشلىغان زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ مول مەزمۇنغا ۋە يۈكسەك بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. بولۇپمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان «ئىزدىنىش» ۋە «ئانا يۇرت» ناملىق زور ھەجىملىك رومانلىرى بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر ئۆلمەس نامايەندە بولۇپ قالدى.

يازغۇچى زوردۇن سابىر ۋاپاتىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ھايات يولى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم زىيالىيلاردىن ھۈسەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: ھۆرمەتلىك ھëسەن ئاكا، سىزگىمۇ مەلۇم، مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش بەدىئىي ئەسەرلىرى بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنى يۈكسەك بىر پەللىگە كۆتۈردى. سىز قاچاندىن باشلاپ زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان؟ سىزنىڭ مەرھۇم يازغۇچى بىلەن شەخسىي تونۇشلۇقىڭىز بولغانمۇ؟

جاۋاب: مەن يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن 1970-يىللاردا تونۇشقان. ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا خۇددى ئاكا-ئىنىدەك يېقىن مۇناسىۋىتىمىز ھەم بۇرادەرلىكىمىز بولغان. زوردۇن ئاكا مەن ئەقىدە قىلغان، ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغان شۇنداقلا ئۇستاز سۈپىتىدە ھۆرمەت قىلغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئەلۋەتتە، مەن تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغان بولساممۇ، لېكىن كۆپ كىتاب ئوقۇغان ئادەممەن.

سوئال: يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن شەخسىي تونۇشلىقىڭىزنىڭ بارلىقىنى دەپ ئۆتتىڭىز، سىز دەسلەپ قايسى يىللىرى يازغۇچى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن؟ ئۇنىڭ سىزگە قالدۇرغان ئەڭ چوڭ تەسىرى نېمە؟

جاۋاب: 1970-يىللارنىڭ باشلىرىدا مەن يازغۇچى زوردۇن سابىر تۇغۇلغان غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بوستان يېزىسىغا 5 كىلومېتىر كېلىدىغان يېڭىتام دېگەن جايغا «قايتا تەربىيە» گە چۈشۈرۈلدۈم. بۇ زوردۇن ئاكىنىڭ لەنجۇدىكى خىزمىتىدىن بوشىتىلىپ، غۇلجا يېزىلىرىدىكى دېھقانلار ئارىسىدا ئەمگەك قىلىۋاتقان مەزگىللىرى ئىكەن. شۇ يىللىرى بىزگە ئوخشاش باشلانغۇچ ياكى تولۇقسىز ئورتا مەكتەپنى ئاران پۈتتۈرۈپ، يۇقىرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن نۇرغۇن ياشلارنى «يېزىغا چۈشكەن زىيالىي ياش» دېگەن چىرايلىق ناملار بىلەن يېزىلارغا ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ ئەھۋاللار «ئىزدىنىش» رومانىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئەينەن تەسۋىرلەنگەن. پۈتۈن كىتاب خۇمارى ياشلار شۇ چاغدا زوردۇن ئاكىنى ئىزدەيتتۇق. زوردۇن ئاكا ئۆزىنىڭ پەزىلىتى، يۇقىرى بىلىمى ۋە يۇمۇر-چاقچاققا باي سۆزلىرى بىلەن بىزگە ھايات، تۇرمۇش، ئۈمىد، كەلگۈسى ھەققىدە ئىشەنچ تۇرغۇزغان ئۇستاز بولغان ئىدى.

سوئال: يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا يازغان «ئىزدىنىش» ناملىق زور ھەجىملىك رومانى 1950-يىللاردىن تاكى 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى، زىيالىيلىرىمىز دۇچ كەلگەن ئاچچىق كەچۈرمىشلەرنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. بىلىشىمچە، سىزمۇ ياشلىقىڭىزدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنى ئۆز بېشىڭىزدىن كەچۈرگەن كىشى ھېسابلىنىسىز. ئەمدى سىزچە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش» رومانىدا ئەكس -ئەتتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي رېئاللىق بىلەن سىز شەخسەن ئۆزىڭىز شاھىت بولغان 1970-يىللارنىڭ ئەمەلىيىتىدە قانچىلىك يېقىنلىق بار دەپ قارايسىز؟

جاۋاب: «ئىزدىنىش» رومانىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا ياشلىق مەزگىللىرىمدە يېڭىتام يېزىسىدا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم ئېسىمگە كېلىدۇ. بۇ روماننىڭ شۇ دەۋرنىڭ رېئاللىقى بىلەن بولغان باغلىنىشى ئىنتايىن زىچ ۋە يېقىن. شەخسلەر، ۋەقەلەر ھەم مەھەللىلەر شۇ قەدەر جانلىق ۋە ئېنىق تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا بۇ روماننىڭ ياشلىرىمىزغا بەرگەن تەربىيىۋى قىممىتىنى يۇقىرى باھالايمەن. ئەلۋەتتە، يازغۇچى ئاشۇ دەۋرنىڭ سىياسىي رامكىلىرى، چەكلىمىلىكلىرى شۇنداقلا ئىدېئولوگىيىلەرنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلالمىغان بولسىمۇ، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا كوممۇنىستىك ئىدىيىلەرنىڭ تۇزاقلىرىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىتاب شۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە يەنىلا ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى، ھايات قاراشلىرى ھەمدە ئېتنىك ئەخلاقىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرگەن ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

سوئال: ئەمدى ھۈسەنكا، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى يازغان «ئانا يۇرت» تىرولوگىيەسى ئەكس ئەتتۈرگەن مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تارىخىي ئۇچۇرلىرىنىڭ كۆپلۈكى شۇنداقلا تارىخىي رېئاللىق بىلەن بىلەن بەدىئىي تەسەۋۋۇرنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش جەھەتتىكى يۇقىرى ماھارىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۆلمەس ئابىدە بولۇپ قالدى. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانى ئۇيغۇر خەلقىدە تارىخىي تۇيغۇنى ئويغىتىش جەھەتتە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» ناملىق رومانلىرىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ نادىر ئەسەر بولۇپ قالدى. سىز «ئانا يۇرت» رومانىنى سۆيۈپ ئوقۇغان بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن مەزكۇر ئەسەر ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا دەيدىغان قانداق سۆزلىرىڭىز بار؟

جاۋاب: زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانىنى ئوقۇڭلار! يازغۇچى بۇ رومان ئارقىلىق نېمىلەرنى دېگەن!؟ ئاشۇ تارىخىي دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز يېرىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە دۆلىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى يازىدۇ. بۇ تارىخنى زوردۇن سابىر ئەينەن يازىدۇ، ھەر تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ تىلى بىلەن قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ.