زۇلۇمدىن شىكايەت قىلىشنىڭ خەتىرى قانچىلىك؟

0:00 / 0:00

2018-يىلدىن باشلاپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنۇش ۋە ئاخباراتقا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلىرى كۆرۈۋاتقان كۈلپەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىش قاتارلىق تىنچ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ھالبۇكى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر يەنىلا سۈكۈتنى تاللاشنى «ئاقىللىق» دەپ قارىماقتا ئىكەن. زىيارەتلەر داۋامىدا بايقىلىشىچە، سۈكۈتتىكى كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ئەندىشىسى ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاۋاتقان ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئىكەن. زۇلۇمدىن ئاشكارا شىكايەت قىلىش راستىنىلا ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاۋاتقان يېقىن-يورۇقلار ئۈچۈن خەتەرلىكمۇ؟ سۈكۈت بۇ خەتەرنى ئازايتالامدۇ؟

بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن مەتبۇئاتلارغا ئاشكارا شىكايەت قىلىشىنى تاللىغان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇراخمان ھەسەن، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان فۇرقەت سالىئوغلى ۋە سەيدئەكرەم ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

تۈركىيەدە ياشايدىغان ئابدۇراخمان ھەسەن ئانىسى ۋە ئايالىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن بىرەر قورقۇنچلۇق خەۋەر ياكى تەھدىت كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ خۇدۈكسىرەپ يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان فۇرقەت سالىئوغلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى ئاشكارىلاشنى زۇلۇمنى يېنىكلىتەلمىسىمۇ ئېغىرلاتمايدۇ دەپ قارايدىكەن. ئۇ بۇنى ھېچ بولمىغاندا قول قوشتۇرۇپ تۇرغاندىن ئەۋزەلرەك بىر چىقىش يولى دەپ قارايدىكەن.

فۇرقەت سالىئوغلىنىڭ كۆزىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان، دېموكراتىك ئەللەردە كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىرى ھەقىقەتەن پەرەز قىلىنغاندەك خەتەرگە ئۇچراپ، ھېچ بىر ھەق-ھوقۇق داۋاسىغا ئارىلاشمىغانلارنىڭ ئۇچرىماي قالغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭچە، چەتئەلدە زۇلۇم ھەققىدە ھەقنى سۆزلەش بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەقسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىشى ئارىسىدا مۇقەررەر بىر باغلىنىش يوق ئىكەن. ئەكسىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھېچ يەردە داۋاسى قىلىنمىغان، سورىقى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە بولۇش مۇمكىن ئىكەن.

نورۋېگىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى سەيدئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىر كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇۋاتقان زۇلۇمغا ھەقنى سۆزلەش ئارقىلىق قارشى تۇرۇشى ياكى سۈكۈت قىلىشىنىڭ ھېچ بىرى ئۇ كىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىگە كاپالەت بېرەلمەيدىكەن. ئۇنىڭچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ھەقنى سۆزلىگەنچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېقىنلىرىغا ھەقسىزلىق بولىدۇ دېگەن قاراش ئەقىلگە ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، زۇلۇمدىن شىكايەت قىلىشنىڭ خەتىرى ھەققىدە بىر يەكۈن چىقارغىلى بولمىغان بىلەن سۈكۈت قىلىشنىڭ خەتىرى ھەر بىر ئۇيغۇرنى تۈگىمەس ۋىجدان ئازابىدا قويىدىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى ئايلاردا تېخىمۇ ئېغىرلاشقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، ئادالەتسىزلىكلەر ۋە ئومۇمىيۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا تۈرلۈك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتقان بولۇپ جاۋابكارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىرلاشقان زۇلۇم سەۋەبلىك يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە مال-مۈلكىگە زىيان يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئاشكارا نارازى بولغۇچىلاردىن قېچىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلمەكتە ئىكەن.