سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلىشىغا ۋە ئۇنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە پۈتكۈل ۋىجدان-نومۇسىنى سەرپ قىلغان ئا. روزىباقىيېف ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى سوۋېت دائىرىلىرىنىڭ قانۇنسىز ۋە زوراۋان سىياسىي تەقىبلىشىگە ئۇچراپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. كېيىنرەك كوممۇنىستىك ھۆكۈمەتنىڭ ئادالەتسىز ھەرىكەتلىرى پاش قىلىنىپ، مىڭلىغان سىياسىي ئەربابلار قاتارىدا ئا.روزىباقىيېفمۇ ئاقلىنىپ چىقتى. ھازىر ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر، چېلەك ناھىيىلىرىگە ۋە ئالماتا شەھىرىگە جايلاشقان بىر قاتار مەكتەپلەر ئا.روزىباقىيېفنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى بىر نەچچە مەھەللىلەردىكى كوچىلارغا ئا.روزىباقىيېفنىڭ نامى قويۇلغان. شۇ جۈملىدىن ئالماتا شەھىرىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان ئەڭ ئۇزۇن كوچىلارنىڭ بىرى ئا. روزىباقىيېف نامى بىلەن ئاتىلىپ، ھازىر ئۇ يەرگە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىش يۆنىلىشىدە ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

ھازىر ئۇيغۇر ئاھالىسى جايلاشقان يۇرتلاردا ئا. روزىباقىيېفنىڭ تۇغۇلغىنىغا 115 يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تەنتەنىلىك پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلماقتا. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق تەشكەنسۇ يېزىسىدا ئا. روزىباقىيېفنىڭ ھەيكىلى قايتىدىن تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن ئۇنى ئورنىتىش مۇراسىمى بولۇپ، ئۇنىڭغا ناھىيە ھاكىمچىلىقى ۋەكىللىرى بىلەن بىر قاتاردا كۆپلىگەن ۋە ھەر مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان زىيالىيلار، جامائەتچىلىك، ياشلار قاتناشقان.
ئەمدى 31-ئۆكتەبىر كۈنى بولسا، ئالماتا شەھىرىنىڭ ئەۋېزوف ناھىيىسىگە قاراشلىق دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيىدە ئۇنىڭ 115 يىللىقىغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك مۇراسىم بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان ئا.روزىباقىيېفنىڭ قىزى، يەنى رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ھەم بىۋاسىتە مۇشۇ مۇراسىمغا كەلگەن، تونۇلغان ژۇرنالىست لېمار ئابدۇللا قىزى، نۇر-ئوتان خەلق دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ ئەۋېزوف ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى فارىدا مىرخالى قىزى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى رابىك ئىسمايىلوف، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق سېناتورى، مائارىپ ساھەسىنىڭ تونۇلغان خادىملىرىنىڭ بىرى مارس باتتالوف ۋە باشقىلار ئا.روزىباقىيېفنىڭ قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر خەلقى تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا يۇقىرى باھا بەردى.
مەزكۇر مۇراسىم داۋامىدا گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئەدەبىي مۇزىكىلىق پروگرامما مېھمانلار دىققىتىگە سازاۋەر قىلىندى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يېزا ئىگىلىكى دوكتورى، ئاكادېمىك مۇھەممەتجان ئابدۇللايېف ئا.روزىباقىيېف ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.