ئالماتادا كۆرنەكلىك مەرىپەتچى ھېنىپاخۇن باراتوف خاتىرىلەندى

24-ئاپرېل كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ ئاۋېزوف ناھىيىسىگە قاراشلىق ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-ئۇيغۇر مەكتەپ-گىمنازىيىسىدە كۆرنەكلىك مەرىپەتچى، مەزكۇر مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى ھېنىپاخۇن باراتوفنىڭ 80 يىللىق تەۋەللۇدى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

زىيالىيلار، ھەر خىل كەسىپ ئىگىلىرى، ئۇستازلار ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەتتە ئالدى بىلەن مەرھۇمنىڭ نامىدا ئوقۇش كابىنېتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بولۇپ، ئاندىن ئۇنى ئەسلەش يىغىنى داۋام قىلدى. يىغىندا سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى مائارىپ كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئېمىليان ئۇشۇروف، مەزكۇر مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرلىرى ئاتاقلىق يازغۇچى مەسىمجان زۇلپىقاروف، تېلمان باراتوف ۋە زېرىپ مولوتوفلار، مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف، شۇنداقلا ھ. باراتوفنىڭ كەسىپداشلىرى ۋە شاگىرتلىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك ۋەكىللىرى، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى، ئائىلە ئەزالىرى، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە باشقىلار مەرھۇمنىڭ مىللىي مائارىپ ۋە جەمئىيەتلىك ئىشلاردا ئاتقۇرغان پائالىيەتلىرى، ئىنسانىي پەزىلەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مائارىپنىڭ خەلق ھاياتىدىكى ھەم مىللىي كىملىكىدىكى رولى ۋە ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. يىغىن داۋامىدا ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن تەييارلانغان كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ سابىق ئۇستازى باھار ھەدە رەھمىتۇللايېۋا ھ. باراتوف ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.