شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تىز تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چەتئەللىك ۋە خىتاي مۇخبىرلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ئۆمەكنى ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، ئاقسۇنىڭ ئىگەرچى يېزىسى ساقچى ئىدارىسىنىڭ كوچا چارلاش ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. نۇر بەكرى بۇ ھەقتىمۇ مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن.
بۇ خىل پارتلىتىش ۋەقەلىرى 2008 - يىلىدىن كېيىن ئۈزلۈكسىز ھالدا كۆپەيمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ راستىنلا نۇر بەكرى دېگەندەك 3 خىل كۈچ بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.