شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركەن ئالىپتېكىن، سائادەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور بېكارئوغلى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سەككىز شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، ژۇرنالىستلار، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئارسلان ئالىپتېكىننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 150 كە يېقىن كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى تەبەت يۈجەتۈرك ئەپەندى سۆزلىدى. ئارقىدىن، سائادەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور بىكار ئوغلى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈنمەيۋاتقان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۆز پارتىيىسىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى. كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپە باشلىقى ئىسا ئارتىش ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى رەئىسى ياقۇپجان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى چىڭگىز ئەپەندى قاتارلىقلار مەرھۇم ئارسلان ئالىپتېكىننىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
يىغىن كۈن تەرتىپى بويىچە، ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئائىلىسى ۋە ئۇنىڭ كۈرەشلىرى ھەققىدە ئىككى كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان جالال بايار ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئارسلان ئالىپتېكىن ۋە ئۇنىڭ ھاياتى تېمىسىدا ژۇرنالىست، دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندى بولسا ئارسلان ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئورنى تېمىسىدا دوكلات بېرىپ ئۆتتى.
دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، ئارسلان ئالىپتېكىننىڭ ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئارسلان ئالىپتېكىن مېنىڭ نەزىرىمدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان جەڭچى. مەن 2005-يىلىدىن بۇيان داۋاملىق ھالدا ئارسلان ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە بولدۇم. ۋاپات بولۇش بىر قانچە كۈن بۇرۇنمۇ دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ بېشىدا ئىدىم. مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن نەرسە، جالال بايار ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرلىرىنىڭ ئۈچەي راكى دەپ دىئاگنوز قويغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم ھالدا ئۇنىڭ بالنىستىكى ياتىقىغا كىردىم. ئۇنىڭ ھالى ھەقىقەتەن بوش ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، كېسىلىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇ مەندىن، شەرقىي تۈركىستان قاچان ئازادلىقىنى قولىغا ئالالار، مېنىڭ مىللىتىم قاچان ئۆز ئەركىنى قولىغا ئالالار، دەپ سورىدى.»
ئۆمەر قۇل ئەپەندى يەنە ئارسلان ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى بىر نامسىز قەھرىمان ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل ھاياتىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ساناقسىز دوكلات يىغىنلىرىغا، تېلېۋىزىيە، رادىئو پروگراممىلىرىغا قاتناشقان ۋە نۇرغۇن ژۇرنالىستلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، 1970-يىللاردا دادىسى ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ساياھىتىگە چىقىپ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا، دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندى، ئارسلان ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئورنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئارسلان ئالىپتېكىننىڭ ياشلىق چاغلىرىدا تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تولىمۇ ئاز كىشى بىلەتتى. ئۇ يىللاردا مەرھۇم ئارسلان ئالىپتېكىن دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك جامائەتچىلىكىگە شۇنداقلا، دۇنيا دۆلەتلىرىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئابرۇي، ھوقۇق ۋە مەنپەئەت قوغلاشماستىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىدى.»
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ ئىنىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھايات مۇساپىلىرى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرى ۋە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇراسىم ئاخىرىدا پولۇ زىياپىتى ۋە مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتالغان قۇرئان تىلاۋىتى ئۆتكۈزۈلدى.