0:00 / 0:00
ئۆتكەن يىللاردا يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق بۈيۈك نامايەندىلەرنىڭ ئەسەرلىرى كەڭ كىتابخان ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى. يېقىندا 20-ئەسىر دېموكراتىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاللانما ئەسەرلىرى ئالماتادىكى «مىر» نەشرىياتىدا يورۇق كۆردى.
قازاقىستاندا تونۇلغان تىلشۇناس ئالىم ئارسلان ئارزىيېف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىش سەۋەبلىرى ھەم ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.