ئۇرۇش مەيدانىدىن 85 ئادەم قايتىپ كەلمىدى، ئەمدى كەلگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكىنى بولسا ناكالار تەشكىل قىلدى. بىر ئائىلىدىن ھەتتا ئۈچ، تۆرت ياكى ئالتە كىشى ئۇرۇشقا ئاتلانغانلارمۇ، ئەمگەك مەيدانلىرىغا ئەۋەتىلگەنلەرمۇ بولدى.
ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ۋەيران بولغان خەلق ئىگىلىگىنى تىكلەش ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلاشتى. 50-، 60-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان ئۇيغۇرلار ئاۋات يېزىسىغىمۇ كېلىپ ئورۇنلاشقان ئىدى. ئۇلار ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىدا ئەمگەك قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىنى، مىھنەتپەرۋەرلىكىنى نامايىش قىلدى. پەقەت ئاۋات يېزىسىدىنلا ئىلغار يىلقىچى ھاپىز ئەمەتوف، مال فېرمىسىنىڭ يېتەكچىسى خوجا ئىلىيېف ۋە كولخوز رەئىسى زاكىر مىنەموفلار سوتسىيالىستىك ئەمگەك قەھرىمانى دېگەن ئەڭ چوڭ ئاتاققا مۇيەسسەر بولۇپ، ئالتۇن يۇلتۇز ئوردېنى بىلەن تەقدىرلەندى، كۆپلىگەن كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقىمۇ يۇقىرى مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى. قازاقىستان مۇستەقىللىككە ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ، ئاۋاتلىقلار ياش قازاقىستان دۆلىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشۇپ كەلمەكتە.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان روشەنگۈل يەھىياروۋا ئاۋات يېزىسىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەقدىرى، شۇنداقلا بۈگۈنكى دەۋردە ئۇيغۇرلار ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.