پېشقەدەم كىشى ئىككى دۆلەتنىڭ دىنىي سىياسىتىنى سېلىشتۇردى

بۇ خىل چەكلىمە قازاقىستانغا زىيارەتكە چىقىپ، بۇ يەردىكى رامزان ۋە ئىبادەت كەڭچىلىكىنى كۆرگەن بەزى ئۇيغۇر ساياھەتچىلەردە خىتاينىڭ سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەن.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى رامزان ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن دىنىي چەكلىمىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچىلەر ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ روزا تۇتۇشى، ناماز ئوقۇشى، تەرەۋىگە كىرىشى، ئاياللارنىڭ چۈمبەل ئارتىشى، پەرەنجە كىيىشىنى، بالىلارنىڭ رامزان قوشىقى ئېيتىشىنى چەكلەيدىغان بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىنى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگە قەدەر كېڭەيتىشتەك بۇ خىل ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.