دوكتور ياڭ جيەنلى بىلەن سۆھبەت

3 - ئاينىڭ 20 - ،21 - كۈنلىرى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان `ھۈر شەرقىي تۈركىستان` ماۋزۇلۇق يىغىنغا، تونۇلغان خىتاي پائالىيەتچى دوكتور ياڭ جيەنلىمۇ قاتناشقان ئىدى. ئۇنىڭ يىغىندا قىلغان `ئۈچ جۇڭگو` تېمىسىدىكى سۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-04-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20 - ،21 - ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ `ﻫﯜﺭ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ` ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ، ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﻳﺎﯓ ﺟﻴﻪﻧﻠﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘ `ﺋﯜﭺ ﺟﯘﯕﮕﻮ` ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20 - ،21 - ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ `ﻫﯜﺭ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ` ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ، ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﻳﺎﯓ ﺟﻴﻪﻧﻠﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘ `ﺋﯜﭺ ﺟﯘﯕﮕﻮ` ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئۇ كۆپچىلىكى ئۇيغۇر، 1000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان يىغىندا سەھنىدە سۆز قىلىپ، كوممۇنىست خىتايلار ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم تۈپەيلى ئۆزى بىر خىتاي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، كۆزىگە ياش ئېلىپ تازىم قىلغاندا، زالدىكى كىشىلەر چاۋاك چېلىپ ئۇنى ئالقىشلىغان ئىدى.

يىغىندىكى سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: دوكتور ياڭ جيەنلى سىز تۈركىيىدە `ئەركىن شەرقىي تۈركىستان` ماۋزۇلۇق يىغىنغا قاتناشتىڭىز، يىغىن قانداق ئۆتتى؟

جاۋاپ: مەن كىشىلەر قىلغان سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلاي دەپ كەلگەن ئىدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپ خىتايلارنىڭ مەلۇماتى يوق. مەن بۇ يىغىندىمۇ خىتايلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدىم، ماقالەم يىغىننىڭ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىدا چىقتى. ئىككى كۈندىن بېرى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە بۇنداق بىر يىغىنغا قاتناشقانلىقىم ئۈچۈن ئۆزەمنى بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. كوممۇنىست پارتىيىسى خىتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى بىر ‏ - بىرىگە ئۆچ قىلىۋەتكەن، ئەسلىدە بىز بىر ‏ - بىرىمىزگە دۈشمەن ئەمەس. ھازىر خىتايلار ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلار بولسا خىتايلارنى ئۆچ كۆرىدۇ، بۇ توغرا ئەمەس، خەلقىمىز ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك يوق، بۇ دۈشمەنلىكنى پەيدا قىلغان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى. شۇڭا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئورتاقلىشىپ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغىلىمۇ قويمايدۇ. مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان شەرت ‏ - شارائىتنى ھازىرلىساق، مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلالىساق ئاندىن كېيىن ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تاپالايمىز.

سوئال: يىغىندا سۆز قىلغان تۈرك ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار ھەممىسى خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بېسىۋالغان دەۋاتىدۇ، سىز بۇلارنى دىققەت بىلەن ئاڭلىدىڭىز. سىز بىر خىتاي بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاپ: مەن يىغىندا قىلغان سۆزۈمدە دېگىنىمدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ ۋە ئىستەكلىرىنى توغرا چۈشىنىمەن، شۇنداقلا مەن بىر خىتاي بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ھەقتە خىتايلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشى بىر ‏ - بىرسىگە قارىمۇ‏ - قارشى. بۇ ئىككى كۆز قاراش كەسكىنلىشىپ كەتسە جېدەل چىقىپ قان تۆكۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر مىللەت ئۆز ‏ - ئۆزىگە خوجايىن بولۇشى كېرەك. ئەگەر بىر خىتاي قوپۇپ مەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن دېسە، ئۇ خىتاي قوللىغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. سىياسىي جەھەتتىن توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ. بىر ‏ - بىرىمىزنى ياخشى چۈشىنىپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇستەقىل بولامدۇ ياكى خىتاي دۆلىتى ئىچىدە بىللە ياشايمىزمۇ، بۇلارنى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ھەل قىلىشىمىز كېرەك. مەنچە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز دەپ قان تۆكسەك بولمايدۇ. مەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ كېلەچەكتە ئىككىلا تەرەپ رازى بولىدىغان بىر ھەل قىلىش يولى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

سوئال: دوكتور ياڭ جيەنلى، سىز بۇ يىغىندا خىتايلار تېررورچى تەشكىلات دەپ ئەيىبلەۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىر سورۇندا يىغىنغا قاتنىشىپ ئولتۇرۇپسىز، ھەتتا خىتايلار تېررور تىزىملىكىگە ئالغان كىشىلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتىسىز؟

جاۋاپ: كوممۇنىست خىتايلار ئارىمىزغا زىددىيەت سېلىپ دۈشمەن يارىتىش ئارقىلىق بىزنى باشقۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. يىغىن ياخشى ئۆتتى، ئەمما بىر كىشى قوپۇپ ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن ئارىلاشسۇن دېمىدى. مەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىپ يەتتىم، ئۇيغۇرلار قانداقمۇ تېررورچى بولسۇن. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار كۆڭلىدىكى ئۇ ئۆچمەنلىكنى يوق قىلىشى كېرەك. ئىككى مىللەت ئارىلىشىپ بىر ‏ - بىرىنى چۈشەنسە ئوتتۇرىسىدىكى پۈتۈن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ.

سوئال: دوكتور ياڭ جيەنلى ئەپەندى `ئەركىن شەرقىي تۈركىستان` ماۋزۇلۇق بۇ يىغىنغا تىبەتلەر، خىتايلار، ئامېرىكىلىقلار، ئۇيغۇرلار، ئەرەبلەر ۋە تۈركلەرمۇ قاتناشتى. سىزچە بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

جاۋاپ: بىزنىڭ كېلەچېكىمىز، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى كېلەچىكىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىككى يولى بار. بىرىنچىسى دۆلەت ئىچىدىكى ئۇيغۇر ۋە خىتايلار بىلەن ئارىلىشىشىمىز كېرەك. خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتايلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ھەقىقىي مەسىلىنى، ھەقىقىي تارىخنى ئاڭلاتساق، خىتايلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. ئىككىنچىدىن خىتايدا بولۇۋاتقانلارنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشىمىز، خەلقئارانىڭ قوللاپ ‏ - قۇۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرىشىمىز كېرەك. بۇ يىغىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

دوكتور ياڭ جيەنلى ئەپەندى خىتايدا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، خىتايلارنىڭمۇ ئېزىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "ئاتالمىش شىنجاڭدا باشلىقلارنىڭ ھەممىسى خىتاي. ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلار خىتايلار. ئۇيغۇرلار ئېلىۋاتقان پايدا ئاز. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ كۆپى خىتاي، شۇڭا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېزىلىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. ئەمما كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خىتايلارغىمۇ زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپى خىتايلار. خىتاي دېھقانلارنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىۋاتىدۇ، شەھەرلەردىكى خىتايلارنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىۋاتىدۇ، خىتايلارمۇ ئېزىلىۋاتىدۇ. `ئۈچ جۇڭگو` دېگەن ماقالەمدە مەن بۇلارنى ئاڭلاتتىم."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت