«دۇنيا ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقى» ئىسلامى ئايلارنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىش ھەققىدە قۇرۇلتاي چاقىردى

قارارگاھى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە بولغان «دۇنيا ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقى» نىڭ تەركىبىدىكى «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» ئىسلامىي ئايلارنىڭ كۈن سانىنى قۇرئان ۋە ئاسترونومىيە ئىلمى ئاساسىدا بەلگىلەش ئۈچۈن چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردى.

0:00 / 0:00

«دۇنيا ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقى»تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان«ئىسلام دۇنياسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر قۇرۇلتاي2012-يىلى 11-ۋە 13 فېۋرال كۈنلىرى ئارىسىدا چاقىرىلغان. قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى، ئاسترونومىيە ئالىملىرى ۋە شەرىئەت ئۆلىمالىرى ئىشتىراك قىلغان.

مەلۇمكى، ئىسلامىي ئايلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پەقەت ئاي كۆرۈش بىلەنلا ئىسپاتلىنىپ كېلىنمەكتە. شۇڭا روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ۋاقتى كالېندار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاي كۆرۈش بىلەن بەلگىلىنىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ھاۋانىڭ بۇلۇتلۇق بولۇشى سەۋەبلىك ئاينى كۆرگىلى بولمىغانلىقتىن، بۇ ئايلارنىڭ سانى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ بار. شۇ سەۋەبتىن ئىسلامىي ئايلارنى ئاي كۆرۈش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئاسترونومىيە ئىلمىدىنمۇ پايدىلىنىپ بەلگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر قۇرۇلتاي چاقىرىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان«ئەل ۋەتەن»گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 18-فېۋرال سانىدا «دۇنيا ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقى»نىڭ تەركىبىدىكى«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» نىڭ نۆۋەتتىكى قۇرۇلتىيىدا ئېلىنغان قارار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا، ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان كومىتېت قۇرۇپ چىقىش، قۇرئان بىلەن ئاسترونومىيە ئىلىملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىسلامىي كالېندار تۈزۈش قارار قىلىندى. قۇرۇلتايدا يەنە مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنى ئىسلامىي ئايلارنىڭ باشلانغان ۋە تۈگىگەن ۋاقىتلىرىنى بەلگىلەش مەركىزى قىلىپ بېكىتىشكە ئىتتىپاققا كېلىندى.»