ئەھمەت مەمەدىياروف: بىز ئۇرۇشقا كەتكەن ئاتىمىزنى ئۇزاق ئىزدىدۇق

بۇنىڭدىن 70 يىل مۇقەددەم، يەنى 1941-يىلنىڭ 22-ئىيۇن كۈنى سوۋېت خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى باشلانغان ئىدى.

0:00 / 0:00

مەملىكەتنىڭ بارلىق شەھەر ۋە يېزىلىرىدىكى ئون سەككىز ياشقا تولغان ھەربىي سەپكە ياراملىق ئەر كىشىلەرنىڭ بارلىقى ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىندى. 1941-يىلدىن 1945-يىلغىچە سوزۇلغان ئۇرۇشقا كەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ھەر مىللەت ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ئايال كىشىلەرمۇ بولدى. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇرۇشتا ۋاپات بولغانلارنىڭ ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر سانىنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرى پەقەت ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى ئاشكارىلىق يىللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 1946-يىلى ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشتا 7 مىليون ئادىمىدىن ئايرىلدى دەپ جاكارلىغان بولسا، خرۇشيېۋ ۋاقتىدا ئۇنىڭ سانى 20 مىليونغا يەتكەن. پەقەت 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇ ئۇرۇش ۋاقتىدىكى ئادەم چىقىمىنىڭ 27 مىليونغا يەتكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، تەتقىقاتچىلار بۇ رەقەملەرنى يەنىمۇ تەكشۈرۈش ھاجەتلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

قازا بولغانلارنىڭ 8 مىليوندىن ئوشۇقىنى ھەربىي خىزمەتچىلەر تەشكىل قىلغان. شۇنداقلا ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن ۋە دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ھەربىي خىزمەتچىلەر سانىنىڭ 4-5 مىليون ئەتراپىدا بولغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ باشلانغانلىقىغا 70 يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ كۈنلەردە سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا خىلمۇ-خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى پەيتلىرىدىلا مەيدانغا كېتىپ، قازا بولغانلار، خەۋەرسىز يوقاپ كەتكەن ھەمدە ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ئۇلاردىن بىرەر ئۇچۇر ئېلىش مۇمكىن بولمىغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ كۆپلەپ سانىلىدۇ. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىنىڭ ئۇرۇش قاتناشقۇچىلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەھمەت مەمەدىياروف ئۇرۇش يىللىرى تارتقان ئازابلىرى ھەم ئاتىسىنى ئىزدەشتۈرۈشتىكى كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە بايان قىلدى.