2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى ئەلىئەمرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلتاي زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق ئازاد ئۆزبېكىستان» نامدىكى بۇ يىغىن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۆزبېكلەر بىرلىكى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
بۇ يىغىننىڭ ئاساسى تېمىسى، ئۆزبېكىستان دىكتاتور ھاكىمىيەتتىن قانداق قۇتۇلىدۇ؟ دېگەن مەزمۇندا بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆزبېك مۇخالىپ پائالىيەتچىلەر قاتناشتى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق مەسئۇللار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتى، ئۆزبېكىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن قەبىھ جىنايەتلەرنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش ۋە ئۆزبېكىستان دىكتاتورى كەرىموف ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسارەت ئاستىدىكى 5 مىليون سۈرگۈن، 20 مىڭ تۈرمىگە قامالغان زىيالىي ۋە ئالىملارنىڭ ئازاد بولۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش ئىكەنلىكى بايان قىلىندى.
يىغىندا، ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيىدىكى رەئىسى ئەلىبەي يولياخشى، ئۆزگۈر دەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىدۋان قايا، ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ نورۋېگىيىدىكى رەئىسى نۇرمۆمىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئىمكان دەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇرات ئۆزەر، ئوبزورچى ئابدۇراخمان دىلىپاك، يازغۇچى بورھان كاۋۇنجى، تۈركاۋۇز شىركىتىنىڭ باشلىقى ۋاھىت گۈنەش، ئۆزبېكلەر بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئادەم چېلىك قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى.
فاتىھ رايوندىكى ئەلىئەمرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلتاي يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا، مۇخالىپ ئۆزبېكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۈركىيىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. يىغىندا ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق رەئىسى ئەلىبەي يولياخشى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئەلىبەي ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«پەقەت ئەرەب دۆلەتلىرىدىلا ئەمەس بەلكى ئۆزبېكىستاندىمۇ ناھايىتى ئېغىر زۇلۇم ۋە دىكتاتورىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى ۋە ئۆزبېك ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆزبېكىستاندىكى زۇلۇم ۋە بېسىمنى، دىكتاتور تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتىمىز، بىز گەرچە ئۆزبېكىستان دەپ ئاتايمىز ئەسلىدە بۇ جۇغراپىيە تۈركىستان دەپ ئاتىلىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا دېگەن ئىسىمنى رۇسلار قويدى، رۇس كوممۇنىستلىرى تۈركىستان جۇغراپىيىسىنى بەشكە ئايرىدى ۋە بەش ئىسىم بىلەن ئاتاپ كەلدى. ئەسلىدە بۇ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىستان جۇغراپىيىسى ئىدى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىزدىن ئايرىم بولۇپ كېتىشىگە رۇسلار سەۋەبچى بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا پەقەت ئۆزبېكىستاننى ئەمەس بەلكى پۈتكۈل تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشنى خالايمىز، يەنى ئۆزبېكىستان تۈركىستاننىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايمىز».
يىغىندا يەنە ئۆزبېكىستاندا شىركەت ئاچقان ۋە شىركەتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىغان سودا-سانائەتچى ۋەھىت گۈنەش ئەپەندى سۆز قىلىپ، 2003-يىلى ئۆزبېكىستاندا تۇركۇئاز دېگەن نامدا شىركەت قۇرغانلىقىنى، 18 شىركەت ۋە 4 تاللا بازىرى ئاچقانلىقىنى، 8 يىل ئىچىدە ئىشلىرى يۈرۈشۈپ ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىنى، 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى 300 گە يېقىن نىقابلانغان قوراللىق كىشىلەر شىركەتكە بېسىپ كىرگەنلىكىنى ۋە پۈتكۈل ماللارنى بۇلاپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىنى بولسا تۈرمىگە قاماپ قويغانلىقىنى 9 ئاي تەك كىشىلىك قاراڭغۇ تۈرمىدە ياتقانلىقىنى، سوراققا تارتىلىپ قىيىن قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاخىرىدا ئۇنىڭ قېرىندىشى 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پۇل تۆلەپ ئۇنى قۇتۇلدۇرغانلىقىنى، ئەمما ئۆزبېكىستاندا 18 شىركەت ۋە 4 سودا-ساراينى تاشلاپ ھاياتىنى ئاران قۇتۇلدۇرغانلىقىنى، توپلام 50 مىليون دوللار زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سودا-سانائەتچى ۋەھىت گۈنەش ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۆزبېكىستاندا يەنە 60 نەپەر تۈرك سودا-سانائەتچىنىڭ ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى 50 نەپەر تۈرك سودا سانائەتچىنىڭ ئۆزبېكىستان تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا يەنە ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ نورۋېگىيە شۆبە رەئىسى نۇرمۇمىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىيىنىڭ ھەر تەرەپكە ئوچۇق چوڭ بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، يۆنىلىشىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۆزگەرتىشنى ۋە ئۆزبېكىستان مۇخالىپلىرىنىڭ تۈركىيىدىن ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. نۇرمۇمىن ئەپەندى سۆزىدە تۈركىيىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز سىلەرنى تۆت كۆزىمىز بىلەن تۈركىستانغا كېلىشىڭىزنى كۈتۈۋاتىمىز، چۈنكى خىتاي ھەر 3 يىلدا تۈركىستانغا 8 مىليون خىتاينى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسى 50، 60 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. خىتايلار بىزنىڭ خەلقىمىزنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايلارنىڭ نوپۇسى 8 مىليونغا يەتكەن تەقدىردە بىز تۈركىيىدىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن 1 مىليون قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇ جۇغراپىيىگە بېرىشىنى خالايمىز».
نۇرمۇمىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، 450 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىنغا ئىگە ئۆزبېكىستاننىڭ 30 مىليون نوپۇسى بارلىقىنى بۇلارنىڭ 90% پىرسەنتى ئۆزبېك ئىكەنلىكىنى ۋە خەلقنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزبېكىستاننىڭ شانلىق بىر تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەمما تارىخنىڭ سىناقلىرى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رۇسلارنىڭ كېلىشى بىلەن تارىخى، دىنى، مىللىي يادىكارلىقلار ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئەمما خەلقنىڭ ھېچ قاچان ھەقىقەت يولىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
نۇرمۇمىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۆزبېكىستان 1991-يىلى مۇستەقىل بولغان بولسىمۇ ئۆزبېكىستاندا دىكتاتور بىر تۈزۈم بارلىقىنى، بۈگۈن ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى زۇلۇم ۋە رېجىمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، زۇلۇم قەيەردە بولسا زۇلۇم ئىكەنلىكىنى، زۇلۇمنىڭ ئىرق، مىللەت ۋە جۇغراپىيە ئايرىمىچىلىقى يوقلۇقىنى، سېنىڭ دۈشمىنىڭ، مىنىڭ دۈشمىنىم دېمەستىن شەرقىي تۈركىستان، ئۆزبېكىستان ۋە پۈتكۈل تۈركىستان جۇغراپىيىسىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى، مەيلى رۇس، مەيلى، خىتاي مەيلى كەرىموف بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئوخشاش دۈشمەن ۋە زالىم ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان زۇلۇم ۋە بېسىملىرىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە، ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە دەستەكلەيدىغانلىقىنى، ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتىنىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.