خەلقىنىڭ ئارمىنى ئۈچۈن تەر تۆككەن، ئازابلىرى ئۈچۈن ياش تۆككەن ھۆرمەتلىك جامائەت چوڭلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھايات مۇساپىلىرىنى قۇتلۇقلاپ، مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇش ۋە تون كىيدۈرۈش ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئەل سۆيگەن ئوغلانلىرىغا بىلدۈرىدىغان ھۆرمىتىنىڭ ئەخلاقى سىمۋولى بولۇپ كەلمەكتە.
فەرۇخ سادىق ئاكا شۋېتسىيىگە ئەڭ بالدۇر كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، شۋېتسىيىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇنجى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە شۋېتسىيىدە «شۋېتسىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نامىدا تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى قۇرغان كىشىدۇر. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى فەرۇخ ئاكىنىڭ 70 ياشقا تولغانلىقىغا مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا تون كىرگۈزۈلدى.

فەرۇخ سادىق ئاكا 1942-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. فەرۇخ ئاكىنىڭ چوڭ بوۋىسى مىيان سادىق ھەزرىتىم ئۆز ۋاقتىدا ياقۇپبەگنىڭ يەتتەشەھەر دۆلىتىدە دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدار بولۇپ ئىشلىگەن. يەتتە شەھەر دۆلىتى مۇنقەرز بولغاندىن كىيىن، ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالماتا ئوبلاستىغا قارشىلىق ياركەنتكە كۆچۈپ كېلىپ، ۋېلىباي يولداشنىڭ ئەي يېقىن ئادەملىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
فەرۇخ سادىق ئاكا 1950-يىلدىن 1957-يىلغىچە غۇلجىدىكى ئۈمىد مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1957-يىلدىن 1958-يىلغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى، پولات تاۋلاش ھەرىكىتى، قۇشقاچ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى قاتارلىق بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. 1958-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ياركەنتنىڭ كۆكتال يېزىسىدا ئولتۇراقلاشقان ۋە شۇ يەردىكى ۋاقتىدا سوۋېت ئارمىيىسىدە 3 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1965-يىلدىن 1970-يىلغىچە تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلىۋىزىيە كومىتېتى چەتئەللەرگە ئاڭلىتىش بېرىش بۆلۈمىدە فارىس تىلى بويىچە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. 1972-يىلدىن 1975-يىلغىچە ئىراننىڭ ئىسفاھان شەھىرىدە تەرجىمانلىق خىزمىتىدە بولغان.
فەرۇخ سادىق ئاكا 1990-يىلى ئائىلىسى بىلەن شۋېتسىيىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.
فەرۇخ ئاكا يالغۇز شۋېتسىيىدىلا پائالىيەت ئېلىپ بارغان پائالىيەتچى بولۇپلا قالماي يەنە، شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەركىبىدىمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان جامائەت ئەربابلىرىنىڭ بىرىدۇر. فەرۇخ ئاكا شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇرت چوڭى بولۇپلا قالماي يەنە، ھۆرمەتكە سازاۋەر يىگىت بېشىدۇر.