بىشكەكتە گېنېرال ئىسساقبەك ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

14-دېكابىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە 1945-يىلى قۇرۇلغان مىللىي ئازادلىق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال لېيتېنانت ئىسساقبەك مۇنوف ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا قىرغىز سىياسىيونلىرى، ئالىملىرى ۋە ئۇيغۇر تارىخىي شاھىتلار قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئىسساقبەك مۇنۇنوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى دۆلەت دەرىجىلىك خاتىرىلىگەن ھەمدە ئۇنى قىرغىزلارنىڭ تۇنجى گېنېرالى دەپ ئېتىراپ قىلغان.