گوللاند تىلى گرامماتىكىسى نەشردىن چىقتى

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان رىزۋانگۈل مەخسۇمنىڭ ئىككىنچى كىتابى-«گوللاند تېلى گرامماتىكىسى» نەشردىن چىقتى.

0:00 / 0:00

176 بەتلىك بۇ كىتاب گرامماتىكىغا ئالاقىدار جۈملە، ئىگە، پېئىل، تولدۇرغۇچى، سۈپەت، ئالماشلاردىن تارتىپ، سۆز ئالدى-كەينى قوشۇلغۇچىلىرى ۋە بىرىكمىلىرى، باغلىغۇچىلار ۋە دەرىجىلەر قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغىچە تونۇشتۇرۇلغان.

كىتابتا يەنە قائىدىلىك ۋە قائىدىسىز پېئىللارنىڭ تۈرلىنىشى بىلەن جۈملىلەرنىڭ تەرجىمىسى ۋە گرامماتىكىلىق ئۇقۇملىرى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەندىن باشقا، ھەر بىر دەرسلىككە ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك كۆنۈكمە مەشىقلىرى بېرىلگەن بولۇپ، گوللاند تېلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن گرامماتىكىغا ئالاقىدار ياخشى مەنبە بولۇپ قالغۇسى.

Rizwangul-izdinishte-golland-loghiti-385.jpg
رىزۋانگۈل مەخسۇم داۋاملىق ئىزدەنمەكتە. 2012-يىلى يانۋار، گوللاندىيە. (RFA/Pidaiy)

باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئىنسانىي بۇرچۇم دەپ بىلىپ كەلگەن رىزۋانگۈل مەخسۇم، ئىلگىرى «گوللاندچە ئۇيغۇرچە لۇغەت» ناملىق كىتابنى تەييارلاپ نەشر قىلدۇرۇپ، گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ «گوللاند تېلى گرامماتىكىسى» ناملىق بۇ كىتابى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىگە ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن كەشتىلەندى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رىزۋانگۈل گرامماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە توختالدى.