ئوبۇلقاسىم ئەپەندى: ۋەدىمىز ئەمەلگە ئاشتى

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى «بۇلتۇر رامزاندا بەرگەن گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىمىزگە مۇستەقىل بولغان، تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىمىزنى قامدىيالايدىغان مۇقىم بىر ئورۇن ھازىرلاشتىن ئىبارەت ۋەدىمىزنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشۇردۇق» دېدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2012.12.18
maarip-jemiyiti-reisi-obul-qasim-305.jpg «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى. 2012-يىلى دېكابىر، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

بۇلتۇر رامزان تۈنەكلىرىدىن بىرىدە جەم بولغان گوللاندىيىدىكى تەقۋادار ئۇيغۇرلار تۈرلۈك پائالىيەت ۋە ئىبادەتلىرىگە مۇناسىپ مۇستەقىل بىر ئورۇنغا بولغان تەقەززالىرى بىلەن گوللاندىيىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» گە مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقى، ئولتۇراقلىرىنىڭ تارقاقلىقى ۋە ئىقتىسادى مەنبەلىرىنىڭ يېتەرسىز ھەم ئۈزۈكلىكگە قارىماي، قېرىنداشلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلەپلىرىگە ئاساسەن بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ئەزالىرى بىر يىلدىن بىرى ئىزدىنىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئاخىرى 5 يىللىق توختام بىلەن بىر يەر ھازىرلىغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى يىلدىن باشلاپ رەسمىي سىستېمىلىق خىزمەت باشلايدىكەن.

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى يەر مەسىلىسى ھەققىدە ئىزاھات بەرمەكتە. 2012-يىلى دېكابىر، گوللاندىيە.
«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى يەر مەسىلىسى ھەققىدە ئىزاھات بەرمەكتە. 2012-يىلى دېكابىر، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە: بۇ يەر بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشى، دىنىي ۋە مىللىي جەھەتلەردە تەلىم-تەربىيە قانات يايدۇرۇشى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇشى، جۈمە ۋە ئىككى ھېيت نامازلىرىنى بىرلىكتە ئوقۇيالىشى، پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلىشى ئۈچۈن قۇلايلىق بولغان ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە بىر يەر ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە مەزكۇر ئورۇن گوللاندىيىنىڭ يىراق-يېقىنلىرىدىكى بارلىق ۋەتەنداشلارغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، جۇغراپىيىلىك جەھەتتە گوللاندىيىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئۈترېخت ۋېلايىتىگە مۇقىملاشتۇرۇلغان. يىللىق چىقىمى ئاز دېگەندە 20000 يېۋرودىن ئاشىدىكەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىزلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.