سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان گېزىت-ژۇرناللارنىڭ سەھىپىلىرىدە لوندوندا ئېچىلغان بۇ تارىخىي كۆرگەزمە ئۈچۈن كۆپ يەر ئايرىلغان. «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ 28-يانۋار كۈنىدىكى سانىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «نۆۋەتتە لوندوندا ئېچىلىۋاتقان ھەج كۆرگەزمىسى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە بولدى. بۇنىڭغا ئۈچ يىل ئىزچىل تەييارلىق قىلىندى. كۆرگەزمىدە تارىختىن بۇيانقى ھەج سەپەرلىرى، ھەجگە بېرىش يوللىرى، خەرىتىلەر، كىتابلار ۋە ھەر خىل رەسىملەر بىلەن چۈشەندۈرۈلگەندىن تاشقىرى ئۆتمۈشلەردىكى ھەج كارۋانلىرى شۇ ۋاقىتلاردىكى رەڭسىز سۈرەتلەر بىلەن تەسۋىرلەنگەن. ھاجىلارنىڭ ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدىن مەككىگە كېلىش يوللىرى، ئۇلارنىڭ ھەج پائالىيەتلىرى، مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىنىڭ شۇ زامانلاردىكى كۆرۈنۈشلىرى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى چۈشەندۈرۈلگەن. بۇلاردىن باشقا قولدا توقۇلغان تارىخى جاينامازلار ۋە ھاجىلار قوللانغان ئەشيالار، كىيىم-كېچەكلەر قاتارلىقلارمۇ كۆرگەزمىدە تىزىلغان. ھەجگە مۇناسىۋەتلىك قەدىمىي قوليازما ئەسەرلەر بىلەن شۇ ۋاقىتلاردا تارتىلغان رەڭسىز سۈرەتلەر، ھازىرقى زاماندا تارتىلغان رەڭلىك سۈرەتلەر ۋە سىنئالغۇ پلاستىنكىلىرى ئارقىلىق ھەج پائالىيىتىنىڭ تارىخىي باسقۇچلىرى ۋە ئادا قىلىنىش تەرتىبلىرى تەپسىلىي كۆرسىتىلمەكتە.»
ھەج سەپىرى توغرىلىق يېزىلغان كىتابلار
گېزىتتە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئۆتكەن 1400يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مەككىگە كېلىپ ھەر يىلى ھەج پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا. بۇ ئارىدا ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەج سەپىرى ۋە ھەج تەسىراتلىرى توغرىلىق نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان ئىكەن. بۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيىدە مۇسۇلمان بولۇپ، 1933-يىلى تۇنجى قېتىم ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلغان ئىنگلىز ئايال ئىۋىلىن كوبولد خانىمنىڭ «ھەج تەسىراتى»ناملىق قىممەتلىك ئەسىرىمۇ ئورۇن ئالغان. كۆرگەزمىگە يەنە لوندوندىكى تەبىئەت مۇزېيىدا ساقلىنىپ كەلگەن قۇرئان كەرىمىنىڭ ئەڭ قەدىمىي نۇسخىسىمۇ ئارىيەت ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمىنىڭ بۇ نۇسخىسى 8-ئەسىردە مەككىدە ياكى مەدىنىدە كۆچۈرۈلگەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. بۇ نۇسخا ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىق خەت شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، ئەرەب تىلىنى بىلىدىغان ھەر قانداق ئادەم راھەتلىك بىلەن ئوقۇتالايدۇ.»
كەبىنىڭ ئاچقۇچى كۆرگەزمىدە
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان گېزىتلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتىكى كۆرگەزمىگە كەبىنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئاچقۇچى قاتارنىڭ دۆلەت مۇزىيىدىن ئارىيەت ئېلىپ كېلىپ قويۇلغان. كەبىنىڭ ئاچقۇچى كەبىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ بولمىسىمۇ، ئۇ شۇنداق بىر سىمۋول بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ناھايىتى چوڭ بولغان ئىكەن. ئابباسىيلار ۋە ئوسمانىيلار ئىمپېراتورلۇقلىرى دەۋرلىرىدە مەككىگە ھەدىيە ۋە سوۋغاتلارنى ئېلىپ كەلگەن پادىشاھلار كارۋاننىڭ ئالدىغا سىمۋول قىلىنغان كەبىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ كېلەتتىكەن. بۇ ئاچقۇچنىڭ ھەر تەرىپىگە قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى ئىنتايىن چىرايلىق خۇشخەتلەر بىلەن پۈتۈلگەن بولۇپ، كۆرگەنلەرنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ.»