كىتاب كىتابنى بېسىپ تارقىتىش ئىشىنى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى «خوتەن ۋەقپە ئۆيى» نىڭ مەسئۇلى ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت ئۈستىگە ئالغان.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر دىنىي تور بېكەتلىرىدىن بىرى بولغان « www.Islamhouse.Com» تورىدا بۇ كىتاب ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن «بۇ كىتاب دىنىي ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ دىنىي چۈشەنچە ۋە مېتودلىرىغا كۆرە ئورۇندايدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خەلقىمىز ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نىسبەتەن تولۇق شەكىلدە يېزىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە فىقھى كىتابى يوق ئىدى.
جانابى ئاللانىڭ ياردىمى ۋە خەلقىمىزنىڭ دۇئاسى سايىسىدە ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى بۇ كىتابنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقاردى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 5 توم، كىتابنىڭ 1-قىسمى: ئىبادەتكە دائىر مەسىلىلەر. 2-قىسمى: كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 3-قىسمى: قانۇن ۋە ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 4-قىسمى: مۇئامىلە ۋە ئېلىم-بېرىمغا ئائىت مەسىلىلەر. 5-قىسمى: تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ھەر تۈرلۈك فىقھى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«خەلقىمىز ئىسلامنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى چاغلاردىن تارتىپلا ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ فىقھى ساھەسىدىكى كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا ئىبادەت، مۇئامىلە، ئىش-ھەرىكەت... ۋاھاكازالارنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەنەفىي مەزھىپى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، پىكىر-تەپەككۇر، ھەتتا ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيانقى تارىخىنىڭ بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھەممە بىلىدۇ.
ھالبۇكى، مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېڭى ۋە سەۋىيىسىگە ماس بىرەر فىقھى كىتابىنىڭ، خۇسۇسەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ھەنەفىي مەزھىپىگە ئائىت ساغلام ۋە توغرا شەكىلدە يېزىلغان بىرەر كىتابنىڭ ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن يېزىلمىغانلىقى، ھېچبولمىغاندا تەرجىمە قىلىنمىغانلىقىنى نادانلىق ئىبارىسى بىلەنمۇ، چارىسىزلىق دېيىش بىلەنمۇ ئىزاھلاپ بەرگىلى بولمىسا كېرەك.
مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان سۇ ۋە ھاۋاغا ئوخشاش ئېھتىياجلىق بولۇپ كېلىۋاتقان، بىراق ھېچبىر شەكىلدە روياپقا چىقىرىلمىغان بۇ خىل بوشلۇقلارنى «يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بولسىمۇ تولدۇرۇشقا تىرىشىشنى ئەڭ جىددىي ۋەزىپە، دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان ھالدا «بىسمىللا» دېدۇق، نەتىجىدە جانابى ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن كىتاب تەرجىمە قىلىندى.»