بۇ كەڭ رايوننى ماكانلىغان تىلى، دىنى ھەم دىلى جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىن بولغان خەلقلەرنىڭ يىراق ئۆتمۈش تارىخى، باي مەدەنىيىتى دۇنيا ئالىملىرىنىڭ قىزىقىشىنى پەيدا قىلىپ كەلگەن ھەم مۇشۇ كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كېلىۋاتماقتا. بەزى جاھانگىر مەملىكەتلەر تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن كۆزگە چۈشكەن بۇ زېمىننى بېسىۋېلىش مەقسىتىدە ھەر خىل يوللارنى، تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشلەتكەن، ھەتتا بەزىدە قوراللىق كۈچ بىلەن ئۇ يەرلەرنى ئۇلارنىڭ قانۇنىي ئىگىلىرىدىن تارتىۋالغان. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى چار رۇسىيىسى 19-ئەسىردە شۇنداق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، بىر نەچچە مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ گۇمران بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يېڭى مەلۇماتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋام قىلماقتا.
«ئاسىيا مەركىزى» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «چۇقان ۋەلىخانوف، لاۋر كورنىلوف، داۋىد لىۋكىنلار ھاياتىنىڭ ‹جاسۇسلۇق› تەرىپى (تارىخ)» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ماخسۇت سېرگالىيېف رۇسىيىنىڭ 19-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا، قازاقىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاننى «ئىلمىي تەتقىق» قىلىش باھانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ «جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقالە ئاپتورى يۇقىرىدا ئاتالغان بۇ ئۈچ شەخس پائالىيىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى، يەنى رۇسىيە بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش مەقسىتىدە رازۋېدكا تاپشۇرمىلىرىنى ئورۇنلىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ، ھەر ئۈچىلىسىنىڭ قازاق دالاسىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەسىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، بولۇپمۇ رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا قاتتىق كۈرەشنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئىنگلىز جاسۇسلىرىنىڭ ئورېنبۇرگ، بۇخارا، خىۋا، ماڭغىشلاق، يەتتىسۇ رايونلىرىدا بولۇپ، بەزى قازاق خانلىرى بىلەن بىرلىكتە رۇسىيىگە قارشى تۇرغانلىقىنى، ھەتتا بەزى رۇس جاسۇسلىرىنى جىسمانىي يوقىتىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ مۇنداق دېگەن:
«شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، قازاقلار ئۇ ۋاقىتتا 18-ئەسىرنىڭ بېشىدا قازاقىستاننىڭ رۇسىيىگە قوشۇلۇشى ھەققىدە قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا قارىماي، رۇس قوشنىلىرىغا نىسبەتەن ئالاھىدە بىر تىنچلىقسۆيەرلىكى بىلەن پەرقلەنمىگەن ئىدى، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز پات-پاتلا رۇس مەھەللىلىرىگە باسقۇنچىلىق قىلاتتى ھەم ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ئەسىرگە ھەيدەپ كېتەتتى. تارىخچىلارنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە، پەقەت 1758-يىلدىن 1831-يىلغا قەدەر 3500 رۇسىيىلىك ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى كېيىن خىۋا ۋە بۇخاراغا قۇللۇققا سېتىلغان. ئۆزلىرىنىڭ قازاق «پۇقرالىرى» دىن قوغدىنىش ئۈچۈن 1860-يىلغىچە ئىككى چوڭ ئورېنبۇرگ ھەم سىبىر ئىستىھكام لىنىيىلىرىنى ئۇرۇش ئەھۋالىدا تۇتۇشقا توغرا كەلدى.»
ئۇنىڭ پىكرىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستان ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش مەقسىتىدە رۇسىيە پادىشاھلىقى رۇس جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىنى بىۋاسىتە رازۋېدكا ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا قاراتقان. بۇ جەرياندا چ. ۋەلىخانوف، ن. پرژېۋالسكىي، ل. كورنىلوف، د. لىۋكىن ئوخشاش ساياھەتچى ئالىملارنى ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پايدىلانغان.
م. سېرگالىيېف چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«قەشقەرىيىگە قىلىنغان ئىنتايىن خەتەرلىك ساياھەت نەتىجىلىرى بويىچە ھەجىملىك قوليازما تەييارلانغان بولۇپ، ئۇ رازۋېدكىلىق يۆنىلىشكە ئىگىدۇر. ئۇ، تەكىتلەيمىزكى، شۇ ۋاقىتقا قەدەر رۇسىيە ئۈچۈن تامامەن نامەلۇم مەملىكەت ھەققىدە، ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، ئاھالىسى ھەققىدە مەلۇماتلار، ھۆكۈمەت تۈزۈمى، سانائىتى ھەم سودىسى ھەققىدە تولۇق ئاخبارات يەتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. ۋەلىخانوفنىڭ دانىشمەنلىكى يەنە شۇنىڭدىكى، بىۋاسىتە رازۋېدكىلىق يۈرۈش ۋاقتىدا قەغەزگە چۈشۈرۈش مۇمكىنچىلىكىدىن مەھرۇم بولغان ھالدا، ئۇنىڭغا ئالغان تەسىراتلىرىنى خاتىرىسى بويىچە ئەسكە ئېلىشقا توغرا كېلىپ، بۇنىڭغا بىر نەچچە ئاي كەتكەن ئىدى.»
ماقالە ئاپتورى چ. ۋەلىخانوفنىڭ قەشقەرىيىگە قىلغان ساياھىتى ھەققىدىكى دوكلاتىغا مۇھىم ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ تونۇشقانلىقىنى ھەم مەزكۇر دوكلاتنىڭ پادىشاھ 2-ئالېكساندر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىتى بويىچە ھۆججەتنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ھەم شۇنداقلا چ. ۋەلىخانوفنىڭ، بۇ ئەمگىكى ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپات بىلەن تەقدىرلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ماقالە ئاپتورى م. سېرگالىيېف شۇنداقلا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى گېنېرال لاۋر كورنىلوفنىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇنىڭ ئانىسى ياكى مومىسىنىڭ قازاقلاردىن كېلىپ چىققانلىقى توغرىلىق مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى، تۈركىستان ھەربىي رايونىنىڭ ئوفىتسېرى بولغان ل. كورنىلوفنىڭ پېرىسىيە، ئافغانىستان، خىتاي ۋە ھىندىستاندا جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىنتايىن مۇھىم مەلۇماتلارنى توپلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ل. كورنىلوفنىڭ ئەمگەكلىرى پەقەتلا ھەربىي ئەمەس، بەلكى ئىلمىي ئەھمىيەتكىمۇ ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان، ئەمدى «قەشقەرىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ئەمگىكى بولسا 1901-يىلى ئايرىم كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنغان. يەنە بىر ساياھەتچى داۋىد لىۋكىن بولسا، رۇسىيە ئۈچۈن ئافغانىستان ۋە ھىندىستان ھەققىدە ئىنتايىن باي مەلۇمات توپلىغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ مىقداردا خىراجەت سەرپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.