ئەمما، كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز قاراشلىرى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. خۇسۇسەن ئىران-ئەرەب سۈركىلىشلىرى كۈچەيگەنسېرى ئىران توغرىلىق ھەر خىل ئىنكاسلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.
لوندوندا چىقىدىغان «ئەل ھايات» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 30-سېنتەبىر سانىدا، ئەمىر تاھىرى دېگەن يازغۇچى تەرىپىدىن «ئىران بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلاردىن قەتئىينەزەر بىر قېلىپتىكى دۆلەتلەردۇر» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئىران چوڭ دىنىي رەھبەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈش ئارقىلىق دېموكراتىيىنى بەرپا قىلىمىز دېگەن دەۋا بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان جۇمھۇرىيەت بولسا، سۈرىيىمۇ ئەرەب تىرىلىش پارتىيىسىنىڭ ھەربىي كۈچى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، سۈرىيىدىكى ھەر خىل دىن ۋە ھەر خىل مەزھەپتىكى خەلقنى بىر پىكىرگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ تىنچ ياشىتىش دەۋاسى بىلەن قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ئىككى دۆلەت ياڭرىتىپ كەلگەن پارلاق شوئارلار ئەكسىچە بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى. چۈنكى ئىراندا جۇمھۇرىيەت رەئىسى بىلەن پارلامېنتنىڭ نوپۇزى يوق. پەقەت دىنىي رەھبەر ئېلى خامىنىئىنىڭ دېگىنى دېگەن بولىدۇ. سۈرىيىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق بولۇپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقى يوق. پەقەت ئەسەد ئائىلىسىنىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ كەلمەكتە. يەنە بىر ئوخشايدىغان تەرىپى ھەر ئىككى دۆلەتتە ھاكىمىيەتكە ياقمىغان ھەر قانداق دىنىي ۋە ئىجتىمائىي بىر مۇئەسسەسە ھامان تاقىۋېتىلدى. نامايىشچىلارنى باستۇرۇشتىمۇ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تۇتقان يولى ۋە چارىسى ئوخشاش بولدى.»
ئىران سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى نېمە ئۈچۈن قوللايدۇ؟
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئىراننىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى دىنىي مەسىلە بولماقتا. چۈنكى ئەسەد ئائىلىسى شىئە مەزھىپىدە بولۇپ، بۇ ئائىلىنىڭ ھەمىشە شىئەلەرنى ياقلاپ كەلگەنلىكىگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلارمۇ بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرىيىدە نامايىش قىلىۋاتقانلار ئاساسەن سۈننىيلەر بولۇپ، ئۇلارنى باستۇرۇش بىر تەرەپتىن شىئەلەرنى مۇداپىئە قىلغانلىق بولىدۇ. شۇڭا ئىران بۇ باستۇرۇشقا باشتىن-ئاخىر ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ئىشنىڭ تارىخىي جەريانى بار. سۈرىيىدە 1982-يىلى سۈرىيىنىڭ سابىق رەئىسى ھافىز ئەسەد ھامات شەھىرىنى قانغا بويىۋەتكەندە، ئىران ئۇنى قوللىغان. چۈنكى ھامات شەھىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى سۈننىيلەر ئىدى. بۇنىڭ بەدىلىگە سۈرىيە ھاكىمىيىتى سۈرىيىدىكى شىئەلەرگە ئالاھىدە ئىمتىياز تونۇغان.»