ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى

2012-يىلى 20-21-ئۆكتەبىر كۈنلىرى قارارگاھى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە بولغان ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 13-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.10.23
Islam-elliri-ittipaqining-jiddiy-yighini-305.jpg 2011-يىلى 23-ئىيۇل بىلەن 25-ئىيۇل ئارىسىدا ئېچىلغان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جىددىي يىغىنى.
RFA/Omerjan

قۇرۇلتاي ماۋزۇسى« تۇراقلىق ۋە ئۆزگىرىشچان مەسىلىلەر» دېگەن تېمىدا بولۇپ، ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەككە مۇكەررە شەھىرىدىكى قارارگاھىدا چاقىرىلدى ۋە ئىككى كۈن داۋام قىلدى.

قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىسلام ئۆلىمالىرى، مۇتەپەككۇرلىرى ۋە دەۋەتچىلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇپتىسى قاتارلىقلار چاقىرىلغان بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرىدا ناھايىتى مۇھىم قارارلار ئېلىندى.

ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرى

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان گېزىتلەرنىڭ مەشھۇرلىرىدىن «ئوكاز»، «ئەل ۋەتەن»، «ئەل مەدىنە»،« ئەل جەزىرە» ۋە« ئەل بىلاد» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇرۇلتايدا تۆۋەندىكى قارارلارنى ئېلىنغان:

1.مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسلەر ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنى قوغداش ۋە بىر-بىرىگە يول قويۇش ئاساسىدا ئىش كۆرۈش.
2.ئىسلام دۇنياسىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى بارلىق رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي تەشكىلاتلار، ئۆلىمالار، مۇتەپەككۇرلار ۋە ھەر قايسى شەخسلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش.
3.مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى تائىپىۋازلىققا خاتىمە بېرىپ، ئۆز-ئارا ئىناقلىقنى ۋە بىرلىكنى كۈچەيتىش.
4.تەقلىدچىلىككە خاتىمە بېرىپ، دۇنياغا ئېچىلىش. ئەمما مۇسۇلمانلىق پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈش.
5.ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر بىر دىن ئىكەنلىكىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرۈش.
6.ئىسلام دۇنياسىدىكى پەتىۋا بېرىش ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە پىكىر بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش.
7.دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئازسانلىق مۇسۇلمانلارنى قوغداش، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئېلان قىلىش. چۈنكى مۇسۇلمانلار قايسى مىللەتتىن ۋە قايسى دۆلەتتىن بولمىسۇن، ھەممىسى ئۆز ‏- ئارا قېرىنداشلاردۇر.
8.ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان فىلىم ۋە ھەجۋىي رەسىملەرگە ئىلمىي ئۇسۇلدا چىرايلىقچە رەددىيە بېرىش. مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى كۆپرەك بىلدۈرۈش.
9.ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان مەخسۇس بىر كومىتېت تەسىس قىلىش. شۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈش.
10.رادىكاللىققا قارشى تۇرۇپ، ئوتتۇراھاللىقنى تەشۋىق قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.