جانائۆزەن ۋەقەسى ھەققىدە بەس-مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە

قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ماڭغىستاۋ ۋىلايىتىگە قاراشلىق جانائۆزەن رايونىدا يۈزبەرگەن 16-دېكابىر ۋەقەسى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋام قىلماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2011.12.29

مەتبۇئاتلاردا جامائەتچىلىكنىڭ ۋەقەنىڭ كېلىپ-چىقىشى، نېفىت ئىشچىلىرى بىلەن ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار، قۇربان بولغانلار، يارىدار بولغانلار، ئىزسىز يوقاپ كەتكەنلەر، ساقچىلار تەرىپىدىن قورال ئىشلىتىشنىڭ قانۇنىي ياكى قانۇنغا قارشى ئىكەنلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە باشقىلار بەس مۇنازىرە قىلىنماقتا.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جانائۆزەندىكى قالايمىقانلىقلار نەتىجىسىدە كارخانىچىلارنىڭ زىيىنىنى ھېسابلىمىغاندىمۇ، ھۆكۈمەت تەرەپ كەم دېگەندە ئىككى مىليارد تەڭگە قىممىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان.

30 دىن ئوشۇق ساقچى مېيىپ بولغان. مەملىكەت پرېزىدېنتىنىڭ قارارىغا بىنائەن ۋەقەدە قازاغا يولۇققانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىدار بولغانلارغا ماددىي ياردەم كۆرسىتىلمەكتە، ئىشسىزلارنى ئىش بىلەن تەمىنلەش، شەھەرنى ئۆز ھالىتىگە كەلتۈرۈش چارىلىرى كۆرۈلمەكتە.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «لىبېرتى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ پرېزىدېنتى گالىم يېسېنباي ئوغلى ئاگېلوف جانائۆزەن ۋەقەسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.