جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشەنبىلىك ئولتۇرۇشى توغرىسىدا

جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار دۈشەنبە كۈنى يىغىلىپ ئوز-ئارا مۇڭدىشىش ۋە ۋە ئۆز-ئارا ۋەز-نەسىھەت قىلىشىشتىن ئىبارەت بۇ ياخشى پائالىيەتنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى دۈشەنبە كۈنلۈكتە ئۆز-ئارا جەم بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سوراش، بىر-بىرى بىلەن مۇڭدىشىش، ئانا ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە يېڭىلىقلارنى ئاڭلاش ۋە ئۆز-ئارا ۋەز-نەسىھەت قىلىشىشتىن ئىبارەت بۇ ياخشى پائالىيەتنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. دۈشەنبىلىك ئولتۇرۇش پائالىيىتىنى مەرھۇم دوكتور ئابدۇلقادىر تاش باشلاتقان ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشەنبىلىك ئولتۇرۇشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۇزۇن يىل تۇرغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.