ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى نامايىشلاردىكى جۈمە كۈننىڭ رولى

ئەرەب دۆلەتلىرىدە پارتلىغان نامايىشلار ئۈچۈن جۈمە كۈنلۈكنىڭ ئۆزگىچىلىكى باشقىچە بولۇپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

تۇنىس ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە چىققان نامايىشلاردا جۈمە كۈنى ئالاھىدە رولىنى كۆرسىتىپ كەلدى. مىسىردىكى نامايىش جۈمە كۈنلۈكتە باشلىنىپ، يەنە جۈمە كۈنلۈكتە چوڭ غەلىبىلەرگە ئېرىشكەن ۋە ھەر بىر جۈمە ئۈچۈن ئۇلار «تازىلاش جۈمەسى»، «قۇتۇلۇش جۈمەسى»، «قەد كۆتۈرۈش جۈمەسى» دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل ئىسىملارنى قويغان ئىدى.

2011-يىلى1-ئاپرېل جۈمە كۈنىمۇ يەمەن، سۈرىيە، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدى. يەمەنلىكلەر بۇ جۈمەنى «ئېلى ئابدۇللا سالىھ ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇش جۈمەسى» دەپ ئاتىدى.

نامايىش يەمەننىڭ 15 ۋىلايىتىدە داۋام قىلماقتا

قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرىنىڭ 2011-يىلى1-ئاپرېل جۈمە كۈنى يەمەن پايتەختى سانئا شەھىرىدىن بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، بۈگۈن جۈمەدىن كېيىن يەمەننىڭ 15 ۋىلايىتىدە قوزغالغان خەلق يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ شەرتسىز تەختتىن چۈشۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى.

سانئا شەھىرىدىكى نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىلى «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:« ئېلى ئابدۇللا سالىھ تەختتىن چۈشمىگۈچە بىز بۇ مەيداننى بوشاتمايمىز. بۇ جۈمەنى بىز ئېلى ئابدۇللا سالىھتىن قۇتۇلۇش كۈنى دەپ ئاتىدۇق. بۇ جۈمە تەختتىن چۈشمىسە كېلىدىغان جۈمە چۈشىدۇ. ئۇ چۈشمىگۈچە بىز بولدى قىلماسلىققا قەسەمياد قىلدۇق.»

مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئېلى ئابدۇللا سالىھ خەلقنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەمەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆز تەرەپدارلىرىنى چىقىرىپ، ئۆزىنى قوللاپ نامايىش قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى يەمەن رەئىسى تەرىپىدىن پۇلغا سېتىۋەلىنغانلار بولۇپ، ئۇلار سالىھنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.

سۈرىيىدىكى نامايىش كېڭەيمەكتە

«ئەل جەزىرە»تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2011-يىلى 1-ئاپرېل جۈمە كۈنى سۈرىيە پايتەختى دەمەشىق شەھىرىدە ۋە لازىقىيە، دەۋما، بانياس، دەرئا شەھەرلىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش چىققان بولۇپ، مىڭلارچە خەلق سۈرىيىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ھەربىي ھالەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان.

نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىلى «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنىڭ 2005-يىلىدىن بېرى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ بىرىگىمۇ ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ خەلقنى چىرايلىق ۋەدىلىرى بىلەن ئالداپ ھېچ ئىش قىلمايدىغانلىقىنى سۆزلىگەن.

شۇنداقلا ھازىرقى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقنىڭ تەلىپىنى ھەل قىلىشقا ۋە ئومۇمىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا قادىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

كازافىي كۈچلىرى لىۋىيە خەلقىنى ئوققا تۇتماقتا

«ئەل جەزىرە»تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۈگۈن جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، لىۋىيىدىكى ئىنقىلابچى خەلق ئەجدابىيە سىرتىدا كۈچىنى رەتكە سېلىپ قايتا ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن ھازىرلانماقتا. كازافىي كۈچلىرى مىسراتە شەھىرىنى قاتتىق بومبىلىماقتا ئىكەن. مىسراتە شەھىرىدىن ئېلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بىر ئائىلىدىن 5 كىشى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلى بىلەن كېتىۋاتقان ئەسنادا كازافىي كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھەممىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرى 2 ياشلىق، يەنە بىرى 6ياشلىق نارەسىدە بالىلارمۇ بار ئىكەن. مىسراتە شەھىرىدە بۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقەدىن نەچچە ئون قېتىم يۈز بەرمەكتە ئىكەن.

نامايىشچى خەلق ئۆزلىرىگە قوشۇلغان لىۋىيە ئەسكەرلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بولغان ياشلاردىن تەركىب تاپقان مۇنتىزىم قوشۇن تەييارلاپ چىقىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. لىۋىيىدە قۇرۇلغان «مىللىي كومىتېت» نىڭ رەئىسى مۇستافا ئابدۇلجەلىل مۇنداق دېدى: «ئەگەر كازافىي ھۇجۇمنى توختاتمايدىكەن، بىزمۇ ھۇجۇمنى داۋام قىلىمىز ۋە كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇنتىزىم شەكىلدە ئۇرۇشقا كىرىمىز، ئەگەر كازافىي ھۇجۇمىنى توختاتسا، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە لىۋىيىدىن چىقىپ كېتىشى شەرتى بىلەن بىزمۇ ئۇرۇش توختىتىمىز.»