مەلۇم بولۇشىچە، چېگرىچى ۋىلادىسلاف چېلاخ شۇ كۈنى 14 چېگرىچىنى ۋە بىر ئورمانچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئىقرار بولغان. ئامما چېگرىچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، شۇنداقلا ژۇرنالىستلار، ئانالىزچىلار ۋە كۆپلىگەن قازاقىستانلىقلار بىر كىشىنىڭ مۇنچىلىك قىرغىنچىلىق قىلىشىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ تېگىدە باشقا نەرسىنىڭ ياتقانلىقىنى ھەم بۇ ئىشنى تېز ئارىدا تەپسىلىي تەكشۈرۈش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ك ت ك تېلېۋىزىيە مۇخبىرىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، يېقىندا قازا بولغان چېگرىچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى پاجىئە يۈز بەرگەن يەردە خاتىرە تاختىسى ئورناتقان بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تېنى بىلەن يۈرگۈزۈلگەن تېببىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ماسلاشمايدىغانلىقىنى ھەم شۇ سەۋەبتىن، بالىلىرىنى ئۆلگەنگە چىقىرىپ، خاتىرە تاختىسى ئورنىتىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەسىلەن، قازا بولغانلار تىزىمىدىكى دېنىس رېينىڭ ئانىسى تاتىيانا رېي ئۆز بالىسىنىڭ ھېلىمۇ تىرىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، تەرگەۋ ئىشلىرىنىڭ بولسا ئوبيېكتىپ تۈردە يۈرگۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مەزكۇر چېگرىچىلارنىڭ قۇربان بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك باشقىمۇ تەخمىنلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى داۋام قىلماقتا. رۇسىيىنىڭ «ۋزگلياد» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «قازاقىستانلىق چېگرىچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە بۇزغۇنچىلار ئەيىبلەنمەكتە»ناملىق ماقالىدە ۋ. چېللاخنىڭ ئادۋوكاتى ھەم ھوقۇق قوغدىغۇچى ۋاسىلىي رېزۋان ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكەن مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت يىغىنىدا 15 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە بۇزغۇنچىلار گۇرۇپپىسى ھەرىكەت قىلغان، مۇنداق گۇرۇپپىلار ئىلگىرى سوۋېت دەۋرىدە مەخسۇس تەييارلىناتتى دېگەن بىلدۈرۈش ئېلان قىلغان. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋ. چېلاخنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۆز بالىسىغا پسىخىكىلىق قىسىم كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ يەنە بىر ئادۋوكاتى تۇلېگېن بېرلىكوژانوفنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ۋ. چېلاخ ئۆزىنىڭ ئىلگەركى ئېيتقانلىرىدىن باش تارتقان. ھازىر بولسا ۋ. چېلاخنىڭ ئىشى خەلقئارا ھوقۇق قوغداش ئورۇنلىرىنىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا.
«گازېتا كز» تا بېسىلغان «كىشىلىك ھوقۇق بويىچە خەلقئارا بىرلەشمە ۋ. چېلاخنىڭ ئىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ن. نازاربايېفقا مۇراجىئەت قىلدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ۋ. چېلاخنىڭ ئىشى بويىچە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفقا ۋە خەتنىڭ كۆچۈرمىسىنى جۇمھۇرىيەتنىڭ باش پروكۇراتۇرىسىغا ئەۋەتىلگەن. بۇ خەتنى تەشكىلات مۇدىرى برىژژىت ديۇفور: «ھۆرمەتلىك پرېزىدېنت جانابلىرى، مەن سىزگە 19 ياشلىق ۋىلادىسلاۋ چېلاخنىڭ ئىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تەشۋىشىمنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق بويىچە خەلقئارالىق بىرلەشمە نامىدىن مۇراجىئەت قىلىۋاتىمەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلاپ، چېلاخنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئاينىڭ كۆپ قىسمى مابەينىدە قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ھەم بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئۆز ئادۋوكاتلىرى ۋە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى، دۆلەت تەرىپىدىن بۆلۈنگەن ئادۋوكات ئۆز ۋەزىپىسىنى تولۇق دېگۈدەك ئادا قىلمىغانلىقتىن، چېلاخ ئائىلىسىنىڭ شەخسىي ئادۋوكاتى، ئەمدى قازاقىستان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنچىلىقنى ساقلاش بيۇروسىنىڭ ئىككىنچى ئادۋوكاتنى ياللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقالىدە ۋ. چېلاخنىڭ ئۆز ئائىلىسى ۋە ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشۈشىگە توسقۇنلۇقلار قىلىنغانلىقى، كۆرۈشۈشكە رۇخسەت بېرىلگەن ھالەتتىمۇ ئۇچرىشىشنىڭ ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ ۋە ۋىدېئو نازارىتى ئاستىدا بولغانلىقى، ۋ. چېلاخنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك پسىخىكىلىق ئىلمىي ئەمەلىي مەركىزى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە ۋ. چېلاخنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىنىڭ خەۋەردار قىلىنمىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ۋ. چېلاخ ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكى، ھە بۇنىڭ ئارقىسىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنىڭمۇ بۇزۇلغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلغان.
خەلقئارالىق ھوقۇق قوغداش ئورگىنىنىڭ رەھبىرى قازاقىستاننى ۋ. چېلاخ مەسىلىسىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بەلگىلىمىلىرىنى ساقلاشقا ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن تېگىشلىك چارىلەر كۆرۈشكە چاقىرغان.