كىتاب: دىنىي ئېتىقادى جەھەتتىن باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار

ئاكىرا ئىكەگامى ئەپەندىنىڭ «مەن ئەمدى بىلدىم 21-ئەسىردىكى خەۋەرلەرنى» ناملىق كىتابى ياپونىيە شۇئىخا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-08-06
Share
emdi-bildim-21-esirdiki-xewerlerni-kitab-305.jpg ئاكىرا ئىكەگامى ئەپەندىنىڭ «مەن ئەمدى بىلدىم 21-ئەسىردىكى خەۋەرلەرنى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى. 2012-يىلى، ياپونىيە.
RFA/Erkin Tarim

مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى بولغان ياپونىيىلىك تونۇلغان ژۇرنالىست، دۆلەتلىك NHK تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئاكىرا ئىكەگامى ئەپەندى، 1950-يىلى ياپونىيىنىڭ ناگانو ئۆلكىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1994-يىلىدىن بېرى ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش نەشر قىلىنغان كىتابلىرى بىلەن تونۇلۇپ كەلمەكتە. ئاپتورنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك كىتابلىرىدىن «مەن ئەمدى بىلدىم خىتاينى»، «مەن ئەمدى بىلدىم تارىخنى»، «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا»، «قابىلىيەتنى سۆزلەش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار بولۇپ، بۇ قېتىم نەشر قىلىنغان «مەن ئەمدى بىلدىم 21-ئەسىردىكى خەۋەرلەرنى» ناملىق كىتابىدا ئاپتور «دىنىي ئېتىقادى باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە دىنىي ئېتىقادى جەھەتتىن خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.ئاكىرا ئىكەگامى ئەپەندىنىڭ «دىنىي ئېتىقادى باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق ماقالىسى. 2012-يىلى، ياپونىيە.

ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: ‏
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن ئاتالغۇدىكى «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى خىتاي تىلىدىكى «يېڭى زېمىن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ زېمىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خىتايغا قوشۇۋېلىنغان بولۇپ، بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ «ئۇيغۇر» دېگەننىڭ مەنىسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئۇيۇشۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىر ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەت بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ياپونىيىدىن قارىسىڭىز، خىتاينىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسلى ئىسمى شەرقىي تۈركىستان بولۇپ، بۇ دېگەنلىك شەرقتىكى تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى دېگەنلىكتۇر. ئەمما ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىسىمدىن قاتتىق قورقۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئاتىلىشىنىمۇ چەكلىگەن.

ئىلگىرى گومىنداڭ زامانىدا بۇ زېمىننىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋە شۇنداقلا شىمالىي تەرىپىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يوق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرۇلغان بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قوشنا ئوتتۇرا-ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يوق بولغان جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈمىدى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەمما، خىتاي بۇ مول يەر ئاستى بايلىقىغا ئىگە، مول نېفىت، گاز ئېنېرگىيە مەنبەسىنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇرلارنى قوراللىق باستۇرماقتا.

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ بايلىقلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقانلىقىغا قارشى تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ كۈچلۈكلۈكى سەۋەبىدىن، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرالمايۋاتقانلىقىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس ئىسلام دىنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى رامزان ئايلىرىدا قاتتىق باستۇرۇش، روزا تۇتقۇزماسلىق، ئۇلارغا مەجبۇرىي تاماق يېگۈزۈش، ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئالغۇزىۋېتىش، خانىم-قىزلارنى ياغلىق ۋە ئىسلامى كىيىملەرنى كىيمەسلىككە مەجبۇرلاش قاتارلىق سېسىق سىياسىتى ئارقىلىق ئۆزلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ باستۇرۇشلارنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن يوشۇرۇپ، ھەربىي، ساقچى كۈچىگە تايىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت