ھەر خىل مىللەتلەرگە ۋاكالىتەن زىيالىيلار، ھەر ساھەنىڭ ۋەكىللىرى، ياشلار قاتناشقان مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر مىللىي بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىننى ئاچقان بىرلەشمە رەئىسى تامارا مەمېتوۋا ئالدى بىلەن دىلنۇر قاسىموۋانىڭ تەرجىمىھالى ھەم ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاندىن سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ھەم دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى، سىياسەتشۇناسلاردىن قەھرىمان غوجامبەردى ۋە خەمىت ھەمرايېفلار، تىلشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى شېرىپاخۇن باراتوف، تارىخچى ئابدۇللام سامساقوف، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف شۇنداقلا مەركىزىي ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ھەم نەشرىيات خادىملىرى ۋە باشقىلار «ئۇيغۇرىيە» كىتابىنىڭ مەزمۇنى ھەم ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى.
سۆزلىگۈچىلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ھەم مەدەنىيىتى، بۈگۈنكى ھاياتى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەدىمىي شەھەرلىرى توغرىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەشھۇر تاتار ئۇيغۇرشۇناس ئالىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر ئاكا يېرزىن يىغىندىن ئالغان تەسىراتى ھەققىدە توختالدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.
