كۆكبايراق ژۇرنىلىنىڭ 94 - سانى قوش تىللىق مائارىپقا ئاتاپ چىقىرىلدى

تۈركىيىدە 17 يىلدىن بېرى ئۈزۈلمەي نەشر قىلىنىۋاتقان كۆكبايراق ژۇرنىلىنىڭ بۇ ئايلىق سانى خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ئاتاپ نەشر قىلىندى.

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتقان بۇ ژۇرنالنىڭ 94 - سانىغا چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ھەققىدىكى ماقالىلەر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھىم خەۋەرلەر كىرگۈزۈلگەن.

ژۇرنال تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ژۇرنال دۇنيادا 16 دۆلەت، تۈركىيىدىكى 25 ۋىلايەتتە تارقىتىلماقتا. بىز بۇ ژۇرنال ۋە قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.