تارىختىن مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، سىياسىي ۋە دۆلەت ئەربابى دەرىجىسىگىچە كۆتۈرۈلگەن مەشھۇر شەخسلەردىن بىرى مەسئۇت سابىرى بايقۇزى 1887-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، غۇلجا ئوتتۇرا مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن تۈركىيىدە بىلىم تەھسىل قىلغان.
1915-يىلى غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، مائارىپ، تېبابەتچىلىك ۋە سىياسەت ساھەلىرىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەسئۇت سابىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشكە قاتنىشىپ، 1930-يىللاردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. مەزكۇر مۇستەقىل مەملىكەت خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن، بىر نەچچە يىل سىياسىي مۇھاجىرەتتە يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
ئۇ ئوتتۇزىنچى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلتاي ئەزالىقىغا سايلىنىپ، 1947-يىلنىڭ ماي ئېيىدا ئۈرۈمچىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەئىسى لاۋازىمىنى ئاتقۇرۇشقا كىرىشكەن. 1949-يىلى مەسئۇت سابىرى بايقۇزى خىتاي كوممۇنىستىك ئارمىيىسى ئۇيغۇرىستانغا كىرگەندىن كېيىن تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1952-يىلى تۈرمىدە ۋاپات بولغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى مەخسۇت ئاكا ئىبراھىموف مەسئۇت سابىرى بايقۇزى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.