مىسىرلىقلار ئۆزلىرىنىڭ رەئىسىنى سايلاش ئالدىدا

مىسىرلىقلار 2012-يىلى 23-ماي چارشەنبە كۈنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆزلىرىنىڭ يېڭى جۇمھۇرىيەت رەئىسىنى سايلاش پائالىيىتىنى باشلايدۇ.

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، مىسىردا 2011-يىلى 25-يانۋار كۈنى باشلانغان نامايىش ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەلىبە قىلىپ، 11-فېۋرال كۈنى مىسىردا 30 يىلدىن بىرى ھاكىمىيەت تۇتۇپ كەلگەن مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەكنى تەختتىن چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە مىسىردا ھاكىمىيەت ئەسكەرنىڭ قولىدا بولۇپ كەلگەن ئىدى.

بۈگۈن مىسىر يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرماقتا. چۈنكى 1952-يىلى 23-ئىيۇل ھەربىي ئىنقىلابىنى قوزغاش ئارقىلىق مىسىردا پادىشاھلىق تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىپ جۇمھۇرىيەت قۇرغان مىسىرلىقلار 60 يىلغا يېقىن ۋاقىت جۇمھۇرىيەت نامىنى ئالغان دىكتاتورىلىق تۈزۈمىدە ياشاپ كەلدى. چۈنكى، مىسىردا ئاخىرقى پادىشاھنى قوغلاپ چىقىرىپ، مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولىغا ئالغان ئەسكەرلەر ھەقىقىي مەنىدىكى جۇمھۇرىيەت ئەمەس، بەلكى جۇمھۇرىيەت نامى بىلەن ئاتالغان يېڭىچە پادىشاھلىق تۈزۈمى قۇرۇۋالغان ئىدى.

23-ئىيۇل ئىنقىلابىنىڭ قوماندانى بولغان مۇھەممەد نەجىب مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان بولسىمۇ، ئابدۇناسىر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر نەزەربەندتە ئۆتكەنلىكى، ئۇنىڭدىن كېيىن رەئىس بولغان ئابدۇناسىر ۋە سادات قاتارلىقلارنىڭ مەنسەپتىن پەقەت ئۆلۈم بىلەنلا ئايرىلغانلىقى، مۇبارەكنىڭ 18 كۈنلۈك قاتتىق نارازىلىقتىن كېيىن مەجبۇرىي مەنسەپنى تاشلىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار مىسىردا ھاكىمىيەت ئىشى ئەركىن سايلام بىلەن ئەمەس، بەلكى ھاكىممۇتلەقلىق بىلەن بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

بۈگۈنكى سايلام ئارقىلىق مىسىرنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە ۋە ھەقىقىي مەنىدىكى دېموكراتىيە دەۋرىگە كىرىشى كۈتۈلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل بىلاد» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 22-ماي كۈنىدىكى سانىدا «مىسىرلىقلار كېلەچەك رەئىسىنى سايلايدۇ» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «مىسىرلىقلار رەئىسىنى سايلاش قىزغىنلىقىدا ھەرىكەت قىلماقتا. راستىنىلا مىسىر دېموكراتىيىدە يېڭى بىر دەۋرگە كۆچەمدۇ ياكى ئىلگىرىكىسىدىن پەرقلەنمەمدۇ. بۇنى كېيىنكى كۈنلەر ئىسپاتلايدۇ. بۇ مىسىر تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تەجرىبە ھېسابلىنىدۇ. ھازىر مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ سانى 13 كىشىگە يېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن كىمنىڭ رەئىس بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ھەر كىم بۇنىڭغا قىزىقماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 4-5 نامزاتنىڭ ئارىسىدىن بىرىنىڭ چوقۇم رەئىس بولىدىغانلىقى ئېنىق. شۇنداقتىمۇ ھېچكىم كىمنىڭ ئۇتىدىغانلىقىنى جەزم قىلالمايدۇ. چۈنكى بۇ ھەقتە خەلقنىڭ رايىنى سوراش ئىشىمۇ ئېلىپ بېرىلمىغان.»

مىسىردا جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىككىنچى دەۋرى باشلىنىدۇ

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «23-ئىيۇل ئىنقىلابىدا مىسىردا پادىشاھلىق تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، مۇستەبىتلىك داۋام قىلغان ئىدى. ئەمدى 25-يانۋار نامايىشىنىڭ غەلىبىسى دىكتاتورىلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىسىردا يېڭى دەۋر دېموكراتىيىسىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى كۆپ سۆزلىنىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، خەلقنىڭ كۈتكىنى ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ. ئاساسىي قانۇنغا كۆرە، مىسىردا جۇمھۇرىيەت رەئىسى 4 يىللىق سايلىنىدۇ. 4 يىلدىن كېيىن يەنە قايتا رەئىسلىك سايلىمى بولىدۇ. قېنى شۇ ۋاقىتتا كۆرىمىز، بۇ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى 4 يىلدىن كېيىن باشقىسىنى سايلىيالامدۇ ياكى مۇبارەكتەك 30 يىل بەيئەت قىلامدۇ؟ بۇنى ئالدىمىزدىكى يىللار بەلگىلەيدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا مىسىرغا رەئىس بولىدىغان شەخسنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىردەك تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ مىسىردا يېڭى بىر دەۋر باشلاتماقچى ۋە كۆپ ئىشلارنى ئۆزگەرتمەكچى.»