مىسىر سوتسىيالىزمنىڭ ئازگاللىرىدىن قاچان چىقىپ بولىدۇ؟

مەلۇمكى، مۇندىن 60 يىللار ئىلگىرى مىسىردا سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەسىرلەردىن بىرى مىسىردا ھاكىمىيەت سۈرۈپ كەلگەن پادىشاھلىق تۈزۈم جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-10-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مىسىردا سايلام قائىدىلىرىنىڭ تارقىتىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 22-ماي، مىسىر.
مىسىردا سايلام قائىدىلىرىنىڭ تارقىتىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 22-ماي، مىسىر.
AFP

ئەمما مىسىردىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئىسمى ئۆزگەرگەن پادىشاھلىق تۈزۈمى بولۇپ داۋام ئەتكەننىڭ سىرتىدا، بۇ تۈزۈم رۇسىيىنىڭ سوتسىيالىزمىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان. مىسىردا سوتسىيالىزمنىڭ تارىخى مىسىرنىڭ مۇندىن 60 يىللار ئىلگىرىكى رەئىسى جامال ئابدۇناسىر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

جامال ئابدۇناسىر مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككىنچى رەئىسى بولۇپ،1952-يىلى 23-ئىيۇلدىكى پادىشاھ پارۇقنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئىنقىلابىدا قوماندان بولغان، ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئاز ۋاقىت ئۆتمەستىنلا مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى مۇھەممەد نەجىبنى تەختتىن چۈشۈرۈپ مىسىرنىڭ رەئىسلىكىنى قولىغا ئالغان ۋە 1958-1961-يىللىرى ئارىسىدا مىسىر ۋە سۈرىيىنى بىرلەشتۈرۈپ «بىرلەشكەن ئەرەب جۇمھۇرىيىتى»نى قۇرغان شەخس.

لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 28‏-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سانىدا، يازغۇچى ئېلى سالىمىنىڭ قەلىمى بىلەن «مىسىر سوتسىيالىزمنىڭ ئازگاللىرىدىن قاچان چىقىپ بولىدۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
‏- سوتسىيالىزم ئازگىلى كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرىدە دەسلەپتە بەكمۇ چىرايلىق ئىسىملار ۋە قايىل قىلارلىق شوئارلار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا ھېچكىم سوتسىيالىزمنىڭ جەننىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. ئەمما كېيىنچە ئىسپاتلاندىكى، ئاتالمىش «سوتسىيالىزم جەننىتى» قۇرۇق شوئار ئىكەن. خەلق ئىشەنگەن بۇ ئاتالمىش جەننەت ئەمەلىيەتتە مىسىرنىڭ ھازىرىنى ۋە كېلەچىكىنى تەھدىت قىلىدىغان يەرگە كۆمۈلگەن بومبا ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ بومبا مىسىرنىڭ ئۆتمۈشىنى پارتلىتىپ يوق قىلىۋەتكەن، كېلەچىكىنى تەھدىت ئاستىغا ئېلىۋالغان بىر خەتەرلىك بومبا ئىدى. زادى مىسىردا پادىشاھلىق تۈزۈمى ئاغدۇرۇلۇپ ئىسىمدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بىرى ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە زاكاتلىرىنى تارقىتىدىغان مىسىر خەلقى نامراتلارغا ئايلىنىپ قالدى. ھەتتا بىر نانغا زار بولدى. ئاندىن 1980-يىللاردىن كېيىن مىسىر باشلىق كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرى سوتسىيالىزم شۇئارىنىڭ نەيرەڭلىرىنى چۈشەندى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن ئەرەب دۆلىتى سوتسىيالىزمدىن ۋاز كەچتى ۋە ھەممىنى ھۆكۈمەت ئېلىۋالغان مۇئەسسەلەر ئاستا-ئاستا خەلقنىڭ قولىغا ئۆتۈشكە باشلىدى. ئەمما ئابدۇناسىر قويۇپ كەتكەن ناسىرىزم پىكرى ۋە ئۇنىڭ شوئارلىرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

ئابدۇنناسىر ئەرەبلەرنى قۇتۇلدۇرالمىدى

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: ‏
- مىسىردىكى ناسىرىزمچىلارنىڭ تەشۋىقاتچىلىرىدىن بىرى بولغان مەشھۇر يازغۇچى ئەھمەد ھەسەن زىيات 1963-يىلى «ئەزھەر ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «مۇھەممەد(ئەلەيھىسسالام) ئەمەلگە ئاشۇرغان بىرلىك ئومۇمىي پرىنسىپ ئىدى. چۈنكى ئۇ ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. ئەمما ئەقىدە ھەر قانچە داۋام قىلسىمۇ، ئاخىرى ئاجىزلىشىدۇ ياكى يوقىلىپ تۈگەيدۇ. سالاھىددىن ئەمەلگە ئاشۇرغان بىرلىك قىسمەن بىرلىك بولۇپ، ھاكىمىيەتنى ئاساس قىلغان بىرلىك ئىدى. ھاكىمىيەت ئاساسىغا قۇرۇلغان بىرلىكمۇ داۋام قىلمايدۇ. چۈنكى ھاكىمىيەت مەڭگۈ داۋام قىلمايدۇ. ئەمما ئابدۇناسىر چاقىرغان بىرلىك مەڭگۈگە داۋام قىلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ مەئىشەتتە سوتسىيالىزم، پىكىردە ئەركىنلىك، ھۆكۈمدە دېموكراتىيە ئۈستىگە قۇرۇلغان بىرلىك بولۇپ، بۇ ئۈچ ئامىل مەڭگۈلۈك بىرلىكنىڭ كاپالىتىدۇر.» ئەمەلىيەتتە ناسىرىزم چاقىرىقى ۋە مىسىردا ۋاقىتلىق دەۋر سۈرگەن سوتسىيالىزم ھاكىمىيىتى مەزكۇر يازغۇچى دەۋا قىلغاندەك مەڭگۈگە داۋام قىلالىدىمۇ؟ ھەرگىزمۇ داۋام قىلالمىدى. ھەتتا چارەك ئەسىرمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمىدى. ئابدۇناسىرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇنىڭ سوتسىيالىستىك ھاكىمىيىتىمۇ بىراقلا ئۆلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت