«ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد سالىھ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

ئالدىنقى ھەپتە چەتئەللەردىكى ئۆزبېك ئۆكتىچى گۇرۇھلىرى قۇرۇلتاي چاقىرىپ، ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىلگىرىكى ئەرك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد سالىھ ئەپەندىنى رەھبەرلىككە تەيىنلىدى.

0:00 / 0:00

مۇھەممەد سالىھ ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى، ئۇنىڭ يول خەرىتىسى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مۇھەممەد سالىھ ئەپەندى ئۆزبېكىستاندىكى مەۋجۇت تۈزۈمگە قارشى ئۆكتىچى ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى. ئۇ، 1949-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ خارەزىم ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ياشلىق يىللىرىدا سوۋېت ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئەسكەردىن قايتقاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ ئوقۇپ، 1975-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىر كىتابلىرى ۋە تۈركچىلىك ھەققىدىكى كۆپلىگەن تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە ماقالىلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ ئۆزبېك ئەدەبىياتىدىكى مېتوفورېستىك ئېقىمىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇھەممەد سالىھ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆزبېك خەلقىنىڭ دەرتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ئۇ، 88-يىلى ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى بولغان. 1988-يىلى ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى تۇنجى ئۆكتىچى تەشكىلات بولغان «بىرلىك خەلق ھەرىكىتىنى» قۇرغان. 1990-يىلى ئەرك دېموكراتىك پارتىيىسىنى تەسىس قىلغان. 1991-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشقا ھەمدە سايلامدىن كېيىن ئۇنىڭ پارتىيىسى چەكلەنگەن ۋە ئۆزىمۇ قولغا ئېلىنغان. ئۇ قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل تۈركىيىدە ياشىغان. ئۇ ھازىر ياۋروپادا سۈرگۈندە ياشىماقتا.

بىز مۇھەممەد سالىھ ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنى تۆۋەندىكى سوئاللار ئاساسىدا ئېلىپ باردۇق.

ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى نېمە، بۇنىڭ ئىلگىرى قۇرۇلغان ئۆزبېك ئۆكتىچى تەشكىلاتلاردىن قانداق پەرقى بار؟ ئاساسلىق يول خەرىتىسى نېمە؟

سىزچە بۇ ئەرەب باھارى ئۆزبېكىستانغىمۇ يېتىپ كېلەمۇ؟ ئۆزبېكىستاندا شۇنداق بىر خەلق ھەرىكىتى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارمۇ؟

ئەگەر ئۆزبېكىستاندا ئىسلام كېرىموف ھاكىمىيىتى ئاياغلاشقان تەقدىردە ئۆزبېكىستاندا قانداق بىر ھاكىمىيەت ئورنىتىلىدۇ؟. بۇ دېموكراتىك بىر ھاكىمىيەت بولامدۇ ياكى قىرغىزىستاندىكىدەك ئاقىۋەت ئوتتۇرىغا چىقامدۇ؟

سىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قويۇق ئالاقە بار. ۋە كېرىموف ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىمۇ ھەممىمىزگە ئايان. ئەگەر ئۆزبېكىستاندا ھاكىمىيەت ئالماشقان تەقدىردە بۇ خىل ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلەمدۇ؟

مۇھەممەد سالىھ ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىغا قىزىقسىڭىز پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.