ئالماتادا ئاتاقلىق ئالىم مۇرات ھەمرايېف ھەققىدە خاتىرە كىتابى نەشر قىلىندى

يېقىندا ئالماتادىكى «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇرات ھەمرايېف» ناملىق خاتىرە كىتابى نەشر قىلىندى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەم مەرھۇمنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن تاشقىرى ئاتاقلىق قازاق، ئۆزبېك، رۇس ئالىملىرى، شائىر-يازغۇچىلىرىنىڭ ماقالىلىرى، ئۇنىڭغا بېغىشلانغان شېئىرىي ئەسەرلەر ئورۇن ئالغان.

بۇلاردا مۇرات ھەمرايېفنىڭ مۇرەككەپ ھايات يولى، ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي پائالىيىتى، ئەقىل-پاراسىتى، ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر ھەم قاراشلار بايان قىلىنغان ئىدى. ئاتاپ ئېيتقاندا بۇ كىتابتا زىيا سەمەدى، ئەركىن ئالىپتېكىن، تۇغلۇقجان تالىپوف، مەسىمجان زۇلپىقاروف، ئەزىز نارىنبايېف، ئابدۇكېرىم سابىتوف، دولقۇن ياسىن قاتارلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ باھالىرى ھەم ئەسلىمىلىرىم بايان قىلىنغان.

باشقا مىللەت ئەربابلىرىدىن فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورلىرى پروفېسسور تۇرسۇنبېك كەكىشېف، جۇمانىياز شەرىپوف، چېخ ئاكادېمىكى ياڭ رىپكا، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە تەنقىتچىلىكنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى ئاكادېمىكلار ۋېكتور جىرمۇنسكىي ھەم ۋاھىت زاھىدوف، كۆرۈنەرلىك يازغۇچىلاردىن غاپپاس قابىشۇلى، نۇرالى قوبۇل ۋە ئابدۇللا ئارىپوفلار مۇرات ھەمرايېفقا ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىنى بەرگەن.

راديومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇكېرىم سابىتوف مۇرات ھەمرايېف ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.