مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم تۇغلۇقجان تالىپوف ئالەمدىن ئۆتتى

قازاقىستان ئىلىم-پەنى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى، پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى چوڭ جۇدالىققا ئۇچرىدى.

0:00 / 0:00

14-ئىيۇل كۈنى قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقى ئاساسچىلىرىدىن بىرى، مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم، پروفېسسور، ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى قاتناشقۇچىسى تۇغلۇقجان تالىپوف 86 يېشىدا ئالماتادا ئالەمدىن ئۆتتى.

ت. تالىپوف 1925-يىلى ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق چوڭ كەتمەن يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەكتەپ ۋە ئىگىلىكتە كاتىپ ۋە ھېسابچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1943-يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا ئۇ قىزىل ئارمىيە سېپىگە ئېلىنىپ، 1948-يىلنىڭ فېۋرال ئېيىغىچە ھەربىي خىزمەتتە بولغان ۋە مانجۇرىيە جەڭلىرىگە قاتناشقان. ئەسكەر سېپىدىن بوشىتىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆز يۇرتىدا مەلۇم بىر ۋاقىت باش ھېسابچىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. شۇ يىلى ئۇ ياركەنت پېداگوگىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالماتادىكى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قازاق تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈگىتىدۇ. 1953-يىلدىن 1957-يىلغىچە ت. تالىپوف قازاقىستان سوۋېت جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاسپىرانتۇرىسىدا ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇزاق ۋاقىت مابەينىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئۈزلۈكسىز پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

1960-يىلى ئۇ فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى دەرىجىسىنى ئېلىش ئۈچۈن «زامانىۋى ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار قۇرۇلمىسى» ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي ئەمگىكىنى، 1983-يىلى بولسا فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئىلمىي دەرىجىسىنى ئېلىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى (سېلىشتۇرما-تارىخىي ئۆگىنىش تەجرىبىسى)» ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي ئەمگىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ فونېتىكا ۋە فونولوگىيە، گرامماتىكا ۋە لېكسىكولوگىيە، ئىملا ۋە دىئالېكتولوگىيە قاتارلىق قىسىملىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئالىم شەخسەن ئۆزى ۋە ھەمكارلىقتا 350 تىن ئوشۇق ئىلمىي ئەمگەكلەر، شۇ جۈملىدىن 20 گە يېقىن مونوگرافىيە، ئىلمىي ماقالىلەر، دەرسلىك ۋە مېتودىكىلىق قوللانمىلار نەشر قىلغان.

ئالىمنىڭ بولۇپمۇ «ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققىياتى»، «ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار»، «ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسى: تارىخىي تەرەققىيات ئوچېركلىرى» شۇنداقلا «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈزۈلۈشى»، ئىككى كىتابتىن ئىبارەت «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» كوللېكتىپلىق مونوگرافىيىلىرى ۋە يەنىمۇ باشقا ئىلمىي ئەمگەكلىرى دۇنيا تۈركشۇناسلىق پېنىگە قوشقان مۇناسىپ تۆھپىسى سۈپىتىدە يۇقىرى باھالانغان ئىدى. ت.تالىپوف 1950-يىلدىن بۇيان مىللىي مەكتەپلەر، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرى ئۈچۈن دەسلەپكى ئوقۇش پروگراممىلىرى ۋە ئوقۇش قوراللىرىنى تۈزۈپ، نەشر قىلدۇرۇشقا سالماقلىق ھەسسە قوشقان ئالىم سۈپىتىدىمۇ كۆپچىلىككە ياخشى تونۇشتۇر. ئۇنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق ئىككى كىتابتىن ئىبارەت كوللېكتىپلىق ئەمگىكى 1986-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە قايتا نەشر قىلىنغان بولۇپ، 1988-يىلى خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئالىم تەۋەللۇدىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى كىتابتىن ئىبارەت «تاللانما ئەمگەكلىرى» رۇس تىلىدا، ئەدەبىي-بەدىئىي خاراكتېردىكى «ئىبرەتلىك ئىبارىلەر» ۋە «ئۆچمەس ئىزلار» قاتارلىق ئەمگەكلىرىمۇ نەشر قىلىندى.

ئالىم ت.تالىپوف ياش مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاشتىمۇ ئاكتىپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ھازىر پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىمۇ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ت.تالىپوف ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى يىللىرىدا كۆرسەتكەن ئەرلىكى ئۈچۈن 2- دەرىجىلىك ۋەتەن ئۇرۇشى ئوردېنى، «جەسۇرلۇقى ئۈچۈن»، «ياپونىيە ئۈستىدىن غالىبىيەت قازانغانلىقى ئۈچۈن» قاتارلىق مېداللار، شۇنداقلا «شەرەپلىك ئەمگىكى ئۈچۈن» ۋە يەنىمۇ باشقا مېداللار بىلەن، دۆلەت رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ تەبرىكنامىلىرى، قازاقىستان مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي يارلىقلىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ت. تالىپوفنىڭ شاگىرتى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى خالمىنەم مەسىموۋا ئۇستازى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.